بىر ئۇيغۇر مۇساپىر: «ۋەتەندە ياشاش ئىمكانىيىتىمىز قالمىغاچقا قېچىشقا مەجبۇر بولدۇق»
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.01.28
2015.01.28
قىسقا مۇددەت ئىچىدە كۆپ ساندا ئۇيغۇرنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كېلىشى كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىماقتا. بىز شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقىلىق قەيسەرىگە كېلىپ جايلاشقان ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قايسى يېرىدىن كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، كۆپ قېتىم تۈرمىگە قامالغان، ئۆزىنى مۇھەممەد ئابدۇل ئەپەندى دەپ ئاتىغان مۇساپىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كېلىش جەريانىنى ئاڭلاتتى.
ئۇ، خىتاينىڭ ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى چەكلىگەنلىكى ۋە باشقا بېسىملار تۈپەيلىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، تۈركلەر ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىندىشى بولغاچقا تۈركىيەنى تاللىغانلىقىنى بايان قىلدى.