پروفېسسور كوماتسۇ: ئىسلام دىنىي ئالىمى ئىبراھىمنىڭ پائالىيەتلىرى توغرىسىدا
2014.07.18
ياپونىيە توكيو چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلام تارىخىي تەتقىقاتچى كوماتسۇ ھىسائونىڭ «شىددەت بىلەن تەۋرىنىۋاتقان ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يېقىنقى زامان تارىخىي» ناملىق ئەسىرى يېقىندا ياپونىيە ياماكاۋا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئەسەردە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يېقىنقى زامان ئىسلام تارىخىي توغرىسىدا توختالغان، شۇنداقلا ئىسلام دىنىي ئالىمى، باشقۇرتلاردىن كېلىپ چىققان ئابدۇرېشىت ئىبراھىمنىڭ تۈركىستان زىيارەت خاتىرىسى توغرىسىدا بەزى بىر مەلۇماتلارنى بەرگەن.
كىتاب جەمئىي تۆت بابتىن تەركىب تاپقان. بىرىنچى بابتا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيەدىكى مۇسۇلمانلار رايونىنىڭ رۇسلار تەرىپىدىن ئىشغالىيەت ئاستىغا ئېلىنغاندىن كېيىنكى دەۋرلەردىكى ئىسلام دىنىنىڭ ئەھۋالى، رۇسلار رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ماھىيىتى، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى، ئەندىجاندا يۈز بەرگەن رۇسلارنىڭ ئىسلام دىنىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە قارشى قوزغىلاڭ، ئوتتۇرا ئاسىيادا باشلانغان جەدىتىزىم ھەرىكىتى قاتارلىق بىر قاتار تارىخىي ۋەقەلەر ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان. ئىككىنچى بابتا سوۋېتلار ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئىسلام دىنى توغرىسىدا توختىلىپ بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىنكى سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېلىپ بارغان ئىسلام دىنىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە بايانلار بېرىلگەن. ئۈچىنچى بابتا ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيە تەۋەسىدىكى مۇسۇلمانلار تۇپرىقىدا باش كۆتۈرۈشى ۋە بۇ رايونلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئويغىنىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشى ئۈستىدە توختالغان. تۆتىنچى بابتا: ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھاكىمىيەتلەر بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ مۇناسىۋىتى رادىكال ئىسلامىزم ھەرىكىتىنىڭ ئەۋج ئېلىشى،ئۆزبېكىستاننىڭ ئىسلامغا يۈزلىنىشى، تاجىكىستاندىكى ئىچكى ئۇرۇش، ۋە شۇنداقلا ئۆزبېكىستاندىكى ئىسلامىي ھەرىكەتلەر توغرىسىدا مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈلگەن..
مەزكۇر كىتابتا يەنە 1857 - يىلى رۇسىيەدە تۇغۇلغان،قازان ۋە ئىسلام ئەللىرىدىكى مەشھۇر مەدرىسلەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان،ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن،ياپونىيەدە ئىسلام دىنىنى تارقىتىپ 1944 - يىلى توكيودا 87 يېشىدا ۋاپات بولغان ئاتاقلىق ئىسلام دىنىي ئالىمى ئابدۇرېشىت ئىبراھىمنىڭ ياپونىيەدە يازغان«ياپونىيەدە ئىسلامىيەت روھىي» ناملىق ئەسىرىدىنمۇ قىسقىچە ئارىيەلەر بېرىلگەن بولۇپ شەيخ ئابدۇرېشىت ئىبراھىم مەزكۇر ئەسىرىدە ئىلگىرى ئۆزىنىڭ تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان زىيارىتى توغرىسىدا توختالغان.ئۇ،تۈركىستان زىيارىتىدە ئەڭ دەسلەپ بۇخاراغا بارغاندا ئۇ يەردە ساقلىنىپ قالغان بىر قىسىم قەدىمىي مەدرىسىلەرنى كۆرۈپ ئىسلام مائارىپىنىڭ كەلگۈسىدىن بىرئاز ئۈمىدلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما زامانىۋى ئىلىم - پەن مەكتەپلىرىنىڭ يوق بولۇشىدىن ئىبارەت بۇ پاجىئە ئۇنى تەشۋىشتە قويغان.ئۇ،تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىدىن تولىمۇ ئەنسىرىگەن.تۈركىستان تەۋەسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نادانلىقتىن ھاراق ئىچىپ،ئىسلامغا قىلىۋاتقان سەمىمىيەتسىزلىكى، ئۆگەنگەن يامان تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن ئىبارەت تۈركىستان خەلقىنىڭ روھىدا ئۆلگەن ئىسلام روھنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ تولىمۇ ئازاب ئىچىدە قالغانلىقىنى بايان قىلغان.
كىتابتا دېيىلىشىچە ئابدۇرېشىت ئىبراھىم، تۈركىستان رۇسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىپ 35 يىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇخاراغا بارغان بولۇپ،ئۇ،رۇسىيە تەۋەسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى زامانىۋى مەكتەپلەرگە بېرىشتىن قورقۇشىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ:«مۇسۇلمانلار خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ بالىلىرىنى ئالداپ ئېلىپ قېچىشىدىن ئەنسىرىگەن»،دەپ كۆرسەتكەن.
پروفېسسور كوماتسۇ ئابدۇرېشىت ئىبراھىمنىڭ جەدىتىزم ھەرىكىتىنى تۈركىستان تەۋەسىدە ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە تۈركىستان خەلقىنى رۇسلارنىڭ ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك سىياسىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كىتابتا كۆرسىتىلگەن ئۇچۇرلاردا دېيىلىشىچە ئابدۇرېشىت ئىبراھىم ئۆز ئەسىرىدە شۇ چاغدىكى بۇخارا خانلىقىنىڭ ئەمىرى ئابدۇلەھەدخان ھەققىدە توختىلىپ: «ئابدۇلەھەدخان ناھايىتى ئاچ - كۆز ئادەم. ئۇ،رۇسلارنىڭ تەلىپى بويىچە بۇخارانى باشقۇرۇپ، جان دىلى بىلەن خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن رۇسلار تەرىپىدىن ئەمىرلىك ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. خەلققە كۆپلەپ ئالۋان - ياساق سېلىپ پۇل يىغىپ پېتېربۇرگغا يوللاپ تۇرغان.بالتىق دېڭىزىدىكى سودا كېمىلىرىدىن يىغىلغان پۇللارنى رۇسىيەنىڭ ياپونىيە بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشىغا ياردەم قىلغان.ئۇ،بۇخارانى،بۇخارا خەلقىنى،ئىسلامنى ۋەيران قىلغان»،دېگەن.
پروفېسسور كوماتسۇ ئابدۇرېشىت ئىبراھىمغا:«ياپونىيە،كورېيە،ھىندىستان،خىتاي قاتارلىق ئەللەرگە ئىسلام دىنىنى تارقاتقان،پان ئىسلامىزم ھەرىكىتىنىڭ ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشلامچىسى،ئىسلام دىنىي ئالىمى،مائارىپچى،يېتىلگەن سىياسىيون شۇنداقلا ئاتاقلىق ژۇرنالىست»، دەپ باھا بەرگەن.
ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان ئىسلام ئالىمى ئابدۇرېشىت ئىبراھىمنىڭ ھاياتىغا ئائىت كىتابلاردا دېيىلىشىچە ئۇ،يالغۇز شۇ قېتىمقى سەپىرىدە تۈركىستاندىكى بۇخارا،سەمەرقەند قاتارلىق شەھەرلەرنى زىيارەت قىلىپ قالماستىن بەلكى قەشقەر،خوتەن،ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ زىيارەتتە بولغان.
ئۇ،ياپونىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدا كۆپلىگەن ماقاللارنى ئېلان قىلغان.ئابدۇرېشىت ئىبراھىم شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ گېنېرالى مەخمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ توكيوغا كەلگەن شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىنى توكيودا قىزغىن كۈتۈۋالغان ۋە ئۇلارغا ساھىب چىققان.
ئاخىردا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇستەقىل ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ تەتقىقاتچىسى ياماگۇچى پروفېسسور كوماتسۇنىڭ تەتقىقاتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
- پروفېسسور كوماتسۇ «ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنقىلابى» «جەدىتىىزم» «ياۋرو - ئاسىيا تارىخىي» «ئىبراھىمنىڭ ياپونىيەگە كېلىشى» قاتارلىق بىر يۈرۈش نوپۇزلۇق ئەسەرلىرى بىلەن ياپونىيەدە تونۇلغان پروفېسسورلاردىن بىرى.ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلام تارىخىغا ئائىت ئېلىپ بارغان تەتقىقاتى ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ. ئۇ،ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىسلام تارىخىي توغرىسىدىلا تەتقىق ئېلىپ بېرىپ قالماستىن بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەت تارىخىدىمۇ كۆپ ئىزدەنگەن مول - ھوسۇللۇق مۇتەخەسسىسلەردىن بىرى - دەپ قارايمەن.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.