ئابدۇراخمان ھەسەن: «ھەجگە بارىدىغانلارنى ‹تەربىيەلەش› تە كۆرگەنلىرىم، ‹يېپىق لاگېر› لارنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمغا يېتەرلىكتۇر!»

0:00 / 0:00

تىجارەتچى ئابدۇراخمان ھەسەن 2011‏-يىلى قەشقەردىكى «ھەجگە ماڭغۇچىلارنى تەربىيەلەش مەركىزى» گە بېرىپ دادىسىنى يوقلىماقچى بولغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەتتە ئاممىنىڭ كۆرۈشى چەكلىنىدىغان مەزكۇر «تەربىيەلەش ئورنى» نى يېرىم سائەتچە زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىكەن.

ئەينى ۋاقىتتا 500 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ داق يەردە يېتىۋاتقانلىقى ۋە زالىدىكى سېسىقچىلىققا شاھىت بولغان ئابدۇرھامان ھەسەن، ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىياردىكى «يېپىق لاگېرلار» غا قامالغان مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى تولۇق تەسەۋۋۇر قىلالايدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«يېپىق لاگېر» دىكى ئاپىسى ۋە ئايالىنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن توختىماي ھەرىكەت قىلىۋاتقان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچى ئابدۇراخمان ھەسەن، ئۆزىنىڭ «يېپىق لاگېر» مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتىكى تەخىرسىزلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرگەندە بۇنىڭدىن يەتتە يىل بۇرۇن قەشقەردىكى «ھەجگە ماڭغۇچىلارنى تەربىيەلەش ئورنى» دا كۆرگەنلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، قەشقەردىكى «دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش مەكتىپى» دە بىر ھەپتە «تەربىيە» ئالغان ھەجگە بارغۇچىلار مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سىنىپلىرىدا داق يەرگە ياتقۇزۇلغان. بىرمۇ مۇنچىسى بولمىغان، ئىككى ھاجەتخانىسى بولغان بۇ ياتاق زالىدا ئۇ 15-20 كىشىنىڭ ھاجەتخانىدا ئۆچىرەتتە تۇرغانلىقىنى، ھەجگە ماڭغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك چىرايلىرىنى كىر باسقان ۋە كۆزلىرىنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن. ئۇ دادىسى بىلەن يېرىم سائەتلىك كۆرۈشۈش داۋامىدا ياتاقنىڭ سېسىق ھاۋاسىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىشىكى ئىككى نەپەر ساقچى تەرىپىدىن مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان ۋە نورمال كىشىلەرنىڭ كىرىشى چەكلىنىدىغان بۇ ياتاق زالىغا ئۇ بىر ئەمەلدار دوستىنىڭ ھەمراھ بولۇشى بىلەن كىرەلىگەن.

ئابدۇراخمان ھەسەن، ئۆزىنىڭ «يېپىق لاگېر» دىكى ئاپىسى ۋە ئايالىنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا نېمە ئۈچۈن بۇ دەرىجىدە تەخىرسىزلىكىنىڭ، ھەتتا ئادەتتىن تاشقىرى چاقىرىق ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ بىر سەۋەبىنىمۇ مانا مۇشۇ ئورۇندا كۆرگەنلىرىگە باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھېچقانداق گۇناھى بار دەپ قارالمىغان، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈش جەھەتتىكى ئىنچىكە تاللاشلىرىدىن ئۆتكەن بۇ كىشىلەر، مۇنچىسىز بىر بىنادا 7 كۈن سولىۋېلىنغان ۋە داق يەردە ياتقۇزۇلغان ئىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا «جىنايەت خەۋپى بار» دەپ قارالغان ياكى «ئىدىيەسى ئۆزگەرتىلىشى كېرەك» دەپ نۇقتا قىلىنغان بۈگۈنكى «يېپىق لاگېر» لارغا قامالغان كىشىلەرنىڭ قىيىن شارائىتلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس ئىكەن. ئۇ ئەنە ئاشۇ «تەربىيەلەش ئورنى» نىڭ نۆۋەتتىكى «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نىڭ دەسلەپكى مودېلى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئابدۇراخمان ھەسەن ئەنە ئاشۇ قېتىملىق كۆرگەنلىرى ۋە ھېس قىلغانلىرىغا ئاساسەن ئاپىسى ۋە ئايالىنىڭ مەزكۇر «يېپىق لاگېر» دىن ساق چىقىشىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا پۈتۈن ئىمكانلىرى بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى ۋە كونكرېت بىر نەتىجە كۆرمىگۈچە ھەرىكەتتىن توختىمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.