لاگېردا ھاياتىدىن ئايرىلغان دىنى ئالىم مەمتىمىنجان يۇنۇس داموللام ئۈچۈن ئىستانبۇلدا غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2020.07.31
Memtiminjan-Damollam-305.jpg خىتاي لاگېرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان مەرھۇم مەمتىمىنجان داموللام. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Arslan

30-ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆيدىكى فاتىھ جامەسىدە خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان دىنى ئالىم مەمتىمىنجان يۇنۇس داموللام ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى.

غايىبانە جىنازا نامىزىغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى بولۇپ، 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتناشتى. جىنازا نامىزىنى مەرھۇمنىڭ كانادادىن ئىستانبۇلغا كەلگەن ئوغلى نەسرىددىن قارىم ئىمام بولۇپ ئوقۇدى.

غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلۇشتىن ئىلگىرى مەرھۇمنىڭ يېقىن سەپداشلىرىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئەزاسى، دىنى ئالىم ئاتاۋۇللاھ خەلپىتىم ھاجىم سۆز قىلىپ، مەرھۇمنىڭ ھايات ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

بىز مەرھۇم مەمتىمىنجان يۇنۇس داموللام توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مەرھۇمنىڭ ئوغلى نەسرۇددىن قارىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ دادىسى توغرىسىدا توختىلىپ، مەرھۇم دىنى ئالىم مەمتىمىنجان يۇنۇس داموللام ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلىكىنى، مەيلى پەننى جەھەتتىن بولسۇن ياكى دىنى جەھەتتىن بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرى قاتتىق چەكلىمە قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەخپىي ھالدا دىنى تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، مەرھۇم دىنى ئالىم مەمەتئىمىنجان داموللام بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن بولۇپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيىسى كۆكتېرەك يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن ئىكەن. ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدا دەسلەپتە گۇمادىكى ئۆلىمالاردا، كېيىن قاغىلىقتا ئالەمدىن ئۆتكەن دىنى ئالىم مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ قولىدا دىنىي تەلىم ئالىم ئالغان ئىكەن. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان مەرھۇمنىڭ سەپداشلىرىدىن دىنى ئالىم ئاتاۋۇللاھ خەلپىتىم مەرھۇمنى «ئالىملارنىڭ ئالىمى، ئۇستازلارنىڭ ئۇستازى ئىدى،» دەپ سۈپەتلىدى.

مەمەتئىمىنجان داموللام 2014-يىلى غۇلجادا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ھېچ قانداق جىنايەت تاپالماي قويۇپ بېرىلگەن ئىكەن. 2016-يىلى 2-ئايدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن گۇما كۆكتېرەك يېزىسىدىكى ئۆيىدىن ئىككىنچى قېتىم تۇتۇپ كېتىلگەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇنىڭدىن بۇيان دادىسىدىن ھېچ قانداق خەۋەر ئالالمىغان ئىكەن. ئۆتكەن ھەپتە مەرھۇمنىڭ كانادادا ياشاۋاتقان ئوغلى نەسرىددىن قارىم بىر تۇغقىنىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق دادىسىنىڭ لاگېردا ۋاپات بولۇپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئىكەن. ئەمما قانداق ۋاپات بولغانلىقى ئى ھەققىدە ھېچ قانداق مەلۇمات ئالالماپتۇ.

غايىبانە جىنازا نامىزىدا سۆز قىلغان دىنى ئالىم ئاتاۋۇللاھ خەلپىتىم ھاجىم مەرھۇم مەمتىمىنجان يۇنۇس داموللامنىڭ ھاياتى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇستازىمىز مەمتىمىنجان داموللام شەرقىي تۈركسىتاننىڭ خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيىسى كۆكتېرەك يېزىسىدا دۇنيا كەلگەن. مەرھۇم ياش ۋاقتىدا گۇمادىكى ئۆلىمالاردىن مۇھەممەد ئىمىن قارىھاجىم، مۇھىددىن داموللام قاتارلىق ئالىملاردا ئوقۇپ ئېلىم تەھسىل قىلغان. كېيىن تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئوقۇش ئۈچۈن قاغلىقتىكى دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ مەدرىسىگە بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ تۇنجى قارارلىق ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا ئەلاچى بولۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن. ئۇ بىر تەرەپتىن ئابدۇلھەكىم مەخسۇمدا ئىلىم تەھسىل قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ مەدرېىسىدە ئۇنىڭغا ياردەمچى بولۇپ دەرس ئۆتكەن. 1990-يىلى ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ مەدرېسىسى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تاقىلىپ چەكلىمە قويۇلغاندىن كېيىن، مەمىتىمىئىنجان داموللام ئۆز يۇرتى گۇماغا قايتىپ كېتىپ، مەخپىي ھالدا ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ گۇمادا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن چەكلىمىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، باشقا شەھەرلەرگە ۋە يېزىلارغا كېتىپ، دىنى جەھەتتە ئىلىم ئۆگىتىش ئىشلىرىنى مەخپىي داۋام قىلغان. خىتاينىڭ ئېغىر بېسىمىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ھاياتىنى خەتەرگە ئېتىپ، دىنى دەرس ئۆگىتىشنى داۋام قىلغان. مەرھۇم مەمىتىمىئىنجان داموللام 2015-يىلى تۇتۇلۇپ كەتكەنگە قەدەر دىنىي دەرس ئۆگىتىنىشنى مەخپىي ھالدا داۋام قىلغان.»

مەرھۇمنىڭ سەپدىشى ئاتاۋۇللاھ خەلپىتىم ھاجىم مەرھۇمنىڭ ھاياتىنى دىنى دەرس ئۆگىتىش بىلەن ئۆتكۈزگەن، دىنى ساھەدە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلغان تۆھپىسى زور بىر ئالىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاتاۋۇللاھ خەلپىتىم ھاجىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا «بۇنداق زۇلۇملارغا بىز قەلبىمىزدىن قارشى تۇرىمىز، نارازىلىق بىلدۈرىمىز. ئاللاھ بىزگە زالىملاردىن ئىنتىقام ئالىدىغان كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلغاي،» دېدى.

مەرھۇمنىڭ ئوغلى نەسرىددىن قارىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دادىسىنىڭ لاگېردا شېھىت بولغانلىق خەۋىرىنى بىر ھەپتە ئىلگىرى ئاڭلىغانلىقىنى، ئەمما تەپسىلاتىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۇ دادىسىنىڭ ۋاپاتىنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ، بۇ خىل مۇسىبەتلەرنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنى ۋە دۇنيا جامائىتىنى بۇنىڭغا قارشى تۇرۇشقا، خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىنى سۈرۈشتە قىلىشقا چاقرىق قىلدى.

نەسرىددىن قارىم مەرھۇم دادىسىنىڭ تەۋسىيەلىرىنى ئەسكە ئېلىپ، دادىسىنىڭ ھەر زامان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەم دىنى ھەم پەننى ساھەدە مىللىي مائارىپىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئىزىدىنىدىغانلىقىنى، ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋە ئەتراپتىكىلەرگە شۇنى تەۋسىيە قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.