ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر قىزى خىتاينى ماختىغان دوغۇ پېرىنچەكنى ئوسال ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى

ئىستانبۇلدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەييارلىدى
2024.10.25
doghu-pirinchek-1024 ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دوغۇ پېرىنچەك ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 24-ئۆكتەبىر، ئىستانبۇل
RFA/Arslan

10-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى «ئاتاتۈرك مەپكۇرى كۇلۇبى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا، خىتاي كومپارتىيەسىگە يېقىنلىقى بىلەن بىلىنگەن، تۈركىيەدە كوممۇنىستلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دوغۇ پېرىنچەك سۆز قىلىپ، تۈرك بىرلىكى قۇرۇش ئۈچۈن خىتاي بىلەن رۇسىيەگە ئىشىنىش كېرەكلىكى توغرىسىدا بىلجىرلىغان. بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر قىزى نەفىسە ئۇنىڭدىن، «تاغامنى ناھەق تۇتۇپ 17 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان، ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىۋاتقان ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايغا ئىشىنىشكە بولامدۇ؟» دەپ سوراش ئارقىلىق دوغۇ پېرىنچەكنى ئوسال ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان. نەفىسە يەنە دوغۇ پەرىنچەكنىڭ بۇ يىغىندا خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىنى قىلىۋاتقانلىقىنى دارىتمىلاپ، «بۇ يەردە كىمنىڭ تەتۈر تەشۋىقات قىلىۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز كۆرۈۋاتىمىز» دېگەندە، يىغىن زالىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالقىش سادالىرى ياڭراپ كەتكەن.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخباراتچىلىق كەسپىنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قىزى نەفىسە ئوغۇز سوئال سوراۋاتىدۇ. 2024-يىلى 24-ئۆكتەبىر، ئىستانبۇل
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخباراتچىلىق كەسپىنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قىزى نەفىسە ئوغۇز سوئال سوراۋاتىدۇ. 2024-يىلى 24-ئۆكتەبىر، ئىستانبۇل
RFA/Arslan

بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخباراتچىلىق كەسپىنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قىزى نەفىسە ئوغۇز بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نەفىسە ئوغۇز، بۇ يىغىنغا قاتنىشىشتىكى مەقسىتىنىڭ دوغۇ پېرىنچەكتىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سوئال سوراش ئۈچۈنلا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىشىمنىڭ سەۋەبى، دوغۇ پېرىنچەكتىن سوئال سوراش ئىدى، چۈنكى بۇ كىشى ھازىرغىچە خىتاينىڭ ئاغزى بىلەنلا گەپ قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقنى يالغانغا چىقىرىپ كەلدى. ئۇ دائىم ‹ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ كۆردۈم، ئۇ يەردىكى ئىنسانلار بەك ياخشى ياشاۋاتىدۇ› دېگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ ھەم ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەيدۇ، مەن ئۇزۇندىن بۇيان بۇ ئادەمگە بىر رەددىيە بېرىشنى ئويلىشىۋاتقان ئىدىم، مەن بىر بىر ئاخباراتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويماستىن يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۇنىڭغا سوئال قويدۇم».

نەفىسە ئوغۇزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا سۆز قىلغان ۋەتەن پارتىيەسى رەئىسى دوغۇ پېرىنچەك، ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى ۋە تۈرك بىرلىكى قۇرۇشقا ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە «بۇنىڭغا ئۆزبېك، تاتار، قازاق، رۇسىيەدىكى تۈركلەر، خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تۈركلەرمۇ قوشۇلىدۇ» دېگەن، ئاندىن «بىز خىتاي بىلەن رۇسىيەگە ئىشىنىشىمىز كېرەك، تۈركىيەنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدا خىتاي بىلەن رۇسىيەگە دۈشمەنلىك قىلساق بولمايدۇ. ئۇلارغا تايىنىپ تۈرك بىرلىكىنى قۇرۇپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئاسىيا قىتئەسىدە باش كۆتۈرۈشىمىز كېرەك» دېگەن.

نەفىسە ئوغۇز، دوغۇ پېرىنچەكنىڭ ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ دوغۇ پېرىنچەككە سوئال قويۇپ: «ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقان، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان، 8 يىلدىن بۇيان تۈرمىدە يېتىۋاتقان تاغام ئالىم ئابدۇكەرىمنى ناھەق تۇتقۇن قىلىپ، 17 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ تۈرمىگە تاشلىغان، ئۇيغۇرلارغا تۈرك ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقى سەۋەبىدىن زۇلۇم قىلىۋاتقان خىتايغا تۈرك بىرلىكى قۇرۇشتا قانچىلىك ئىشىنەلەيمىز؟» دېگەندە، دوغۇ پېرىنچەك ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «مەن 1980-يىللاردىن باشلاپ خىتاينىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇر رايونىغا بىر قانچە قېتىم بېرىپ كەلدىم. مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇيغۇر رايونىنىڭ نوپۇسى ئەڭ تېز كۆپىيىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر رايونى خىتايدا ئەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان رايون، مەن قەشقەرگە بارغاندا يول ئۈستىدە ئۇيغۇرچە كىتابلار سېتىلىۋاتاتتى، ئىنسانلار شۇنداق راھەت ياشاۋاتاتتى، مەسچىتلەردە ناماز ئوقۇلمايدۇ، كىرگىلى بولمايدۇ، دېگەن گەپلەر يالغان، مەن مەسچىتلەرگە كىردىم ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىلەرنى كۆردۈم، مەنچە، دۇنيادا ئەڭ كۆپ مەسچىت بار يەر ئۇيغۇر رايونى» دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن نەفىسە ئوغۇز يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابىدىن قايىل بولمىدىم، ئۇنىڭ دېگەن گەپلىرى خىتاينىڭ ئۇنىڭغا يېزىپ بەرگەن قەغىزىدىن يادلىۋالغان ياسالما گەپلەر ئىدى. يەنى ئۇ ماڭا، ‹سەن ساختا ئۇچۇر تارقىتىۋاتىسەن، سەن يالغانچى› دېمەكچى بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلدىم. يىغىن ئورۇنلاشتۇرغۇچى ماڭا دەسلەپتە مىكروفوننى بەرمىدى، كېيىن دوغۇ پېرىنچەكنىڭ ‹بېرىڭلار› دېيىشى بىلەن مىكروفوننى بەردى، مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە جاۋابەن: ‹سىز خىتاينىڭ ئاغزى بىلەن گەپ قىلىۋاتىسىز، مەن ئۇ يەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇم، خىتايلارنى مەن ياخشى بىلىمەن، خىتاي ساقچىلىرى كېچىلىرى ئۆيلىرىمىزگە بېسىپ كىرىپ كىتابلارنى يىغىۋالاتتى، كىشىلەرنى تۇتۇپ كېتەتتى، يىغىۋېلىنغان كىتابلار ‹تۈركىي تىللار دىۋانى› ۋە «قۇرئان كەرىم» دېگەندەك كىتابلار ئىدى. خىتاي سىزنىڭ بانكا ھېسابىڭىزغا، سىزنىڭ پارتىيەڭىزنىڭ بانكا ھېسابىغا قانچىلىك پۇل ئەۋەتىدۇ ئۇنى بىلمەيمەن، لېكىن سىز دېگەن ئۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسى يالغان، بۇ يەردە كىمنىڭ تەتۈر تەشۋىقات قىلىۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز كۆرۈۋاتىمىز› دېدىم. يىغىن زالىدىكى كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار مېنى ئالقىشلىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن دوغۇ پېرىنچەكنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى ۋە مېنى ئالقىشلىغانلارغا كايىپ، ‹سىلەرنىڭ ئۇنى ئالقىشلىغىنىڭلارنى مەن ئالقىشلىمايمەن، چۈنكى سىلەر ئامېرىكىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىنى ئالقىشلاۋاتىسىلەر› دەپ ئوقۇغۇچىلارغىمۇ تۆھمەت چاپلىدى.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخباراتچىلىق كەسپىنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قىزى نەفىسە ئوغۇز سوئال سوراۋاتىدۇ. 2024-يىلى 24-ئۆكتەبىر، ئىستانبۇل
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخباراتچىلىق كەسپىنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قىزى نەفىسە ئوغۇز سوئال سوراۋاتىدۇ. 2024-يىلى 24-ئۆكتەبىر، ئىستانبۇل
RFA/Arslan

نەفىسە ئوغۇزنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ دوغۇ پېرىنچەككە رەددىيە بېرىپ، «سىزنىڭ بانكا ھېسابىڭىزغا خىتايدىن قانچىلىك پۇل كېلىدۇ مەن بىلمەيمەن» دېيىشىگە يىغىن رىياسەتچىسى، «ئۇنداق گەپ قىلساڭ بولمايدۇ» دەپ دەخلە قىلىپ سۆزىنى بۆلۈۋەتكەن.

نەفىسە ئوغۇز، خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولى ئويناۋاتقانلىقىنى داۋا قىلىۋاتقان دوغۇ پېرىنچەكتىن تاغىسىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. دوغۇ پېرىنچەك ئۇنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ تاغىسىنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن نەفىسە ئوغۇزنىڭ ئەتراپىغا كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار كېلىپ ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكەن ۋە تاغىسىنىڭ پات پۇرسەتتە قۇتۇلۇشى ئۈچۈن تىلەكداشلىق بىلدۈرۈشكەن.

نەفىسە ئوغۇزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ تاغىسى ئالىم ئابدۇلكەرىم 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ 17 يىللىق قاماق جازاسى بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان ۋە كورلا تۈرمىسىدە 8 يىلدىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن. ئۇنىڭغا چەتئەلدىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلغانلىقى ۋە چەكلەنگەن دىنى تەبلىغلەرنى ئاڭلىغانلىقى سەۋەبىدىن قاماق جازاسى بېرىلگەن ئىكەن.

ياش كومپيۇتېر ئىنژېنېرى ئالىم ئابدۇكېرىم تۇتۇلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئائىلىۋى شىركىتى بولغان «خالىس تاشقى سودا چەكلىك شىركىتى» مۇ تاقىلىپ قالغان.

نەفىسەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ تاغىسى ئالىم ئابدۇكېرىم ھازىر كورلىدىكى بىڭتۈەن 2-دىۋىزىيەسىنىڭ تۈرمىسىدە 3153-نومۇرلۇق مەھبۇس سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، تۈركىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى سوت ھۆكۈمىنى تەمىنلەشنى رەت قىلىپ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.