د ئۇ ق رەئىسى گېرمانىيە پارلامېنتىدا زىيارەتتە بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.03.19
Markus-Grubel-Germaniye-diniy-erkinlik-dolqun-eysa.jpg د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى گېرمانىيە پارلامېنتىدا فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەتنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بويىچە ئالاھىدە كومىسسارى ماركۇس رۈبەل ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. 2019-يىلى 19-مارت، بېرلىن.
RFA/Ekrem

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 18-مارت كۈنى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىنغا بېرىپ، گېرمانىيە پارلامېنتىدا فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەتنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بويىچە ئالاھىدە كومىسسارى ماركۇس رۈبەل ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

بېرلىندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماركۇس گرۈبەل ئەپەندى باش مىنىستىر ئانجېلا مېركىل خانىم بىۋاسىتە ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەتنىڭ ئالاھىدە خادىمى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان. سۆھبەتتە يەنە نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ ئىسلامغا قىلىۋاتقان تۈرلۈك شەكىللەردىكى دۈشمەنلىكى ئاساسىي تېما سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان.

د ئۇ ق رەئىسى بۇ ئۇچرىشىشتا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان تېخىمۇ ئۈنۈملۈك چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

د ئۇ ق نىڭ بېرلىندىكى ۋاكالەتچىسى سىتېفان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ سۆھبەتتە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئۆزئارا ئەتراپلىق پىكىر ئالماشتۇرۇشلار بولغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر زۇلۇملارنىڭ ئەڭ بېشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا بولغان قاتتىق باستۇرۇش ئورۇن تۇتماقتا. بىز ماركۇس گرۈبەل ئەپەندىدىن فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەتنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالاھىدە خادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد مەسىلىسىنى پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ساھەدە جىددىي قارارلار قوبۇل قىلىپ، خىتايغا نىسبەتەن تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان كۈچلۈك بېسىم شەكىللەندۈرۈشىنى تەلەپ قىلدۇق».

سوئال-جاۋاب شەكلىدە داۋاملاشقان بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە كۆپلىگەن مەسىلىلەر مۇزاكىرە تېمىسى بولغان. د ئۇ ق رەئىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ماركۇس گرۈبەل ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسى بويىچە بىر قىسىم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى بىلەن ئالاقىلەردە بولماقتا ئىكەن.

د ئۇ ق رەئىسى بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئەسناسىدا يەنە پارلامېنتنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزگەن ۋە تەلەپ-ئىستەكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ ب د ت دا كۈنتەرتىپكە كېلىشىگە تۆھپە قوشقان ھەمدە 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى فىرانسىيەنىڭ شىتراسبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك 15 ماددىلىق قارارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. گېرمانىيە پارلامېنتى يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان د ئۇ ق رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشنى كۆپەيتىپ، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدىكى مۇزاكىرىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.