دولقۇن ئەيسا «دۇنيا ئەخلاق مۇنبىرى» يىغىنىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شۋېتسارىيەنىڭ پورتىسىنا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا ئەخلاق مۇنبىرى» يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن دۇنياغا ئېلىپ كېلىۋاتقان خەۋپىنى مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.

26-27-ئاۋغۇست كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ھەر ساھە، ھەر كەسىپ ئەھلىدىن 80 كىشى قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن د ئۇ ق ياشلار كومىتېتى رەئىسى ئەركىن زۇنۇن ئەپەندى قاتناشقان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇنداق دېدى: «شۋېتسارىيەنىڭ پورتىسىنا شەھىرىدە چاقىرىلغان ‹دۇنيا ئەخلاق مۇنبىرى› يىغىنىغا قاتناشتۇق. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە قاتنىشىشى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خادىمى ئەركىن زۇنۇن بىلەن مەن قاتناشتىم. بۇ يىغىنغا ئامېرىكا، لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرىدىن مېكسىكا، ئارگېنتىنا، بىرازىلىيە، شۇنىڭدەك يەنە كانادا، جەنۇبىي ئافرىقا، ھىندىستان ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن سەكسەندىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئادۋوكاتلار، سەنئەتكارلار، ژۇرنالىستلار ۋە يازغۇچىلار قاتناشقان. مەزكۇر يىغىن ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى كىشىلەرنىڭ مۇھىم ئۇچرىشىشىدۇر».

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شىۋېتسارىيەنىڭ پورتىسىنا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا ئەخلاق مۇنبىرى» يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن دۇنياغا ئېلىپ كېلىۋاتقان خەۋپىنى مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويماقتا. 2022-يىلى 26-ئاۋغۇست.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى بىلەن شىۋېتسارىيەدىكى بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر «دۇنيا ئەخلاق مۇنبىرى» يىغىنىدا نۇقتىلىق ھالدا قانداق قىلغاندا كېلەچەكتە گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىندا دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەر ئۆزئارا تونۇشتۇرۇلدى. يىغىن، ئادەملەر دۇنيانى، ھاۋانى ۋە سۇنى بۇلغاۋاتقان، نۇرغۇنلىغان ياخشى ئادەت ۋە ئەخلاقلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بۇلارنى قانداق قىلىپ قوغداپ قالغىلى بولىدۇ؟، قانداق قىلغاندا گۈزەل بىر كېلەچەك بەرپا قىلغىلى بولىدۇ؟ دېگەندەك بىر يۈرۈش مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش، چۈشەنچە ھاسىل قىلىش، ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى».

دولقۇن ئەيسا 27-ئاۋغۇست كۈنى شۋېتسارىيەنىڭ روندو سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن يېپىلىش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى، مەدەنىيىتىنى يوق قىلىش ئۈچۈن قانداق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، خوڭكوڭدا، تەيۋەندە دېموكراتىيەنى يوق قىلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇلاردىن سىرت خىتاي كومپارتىيەسنىڭ دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىگە قانداق خەۋپلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختالدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتى رەئىسى ئەركىن زۇنۇن ئەپەندى، ئىككى كۈن جەريانىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» مەسىلىسىنىڭ ئاڭلىتىلغانلىقىنى، يىغىن ئەھلىنىڭ بۇ ھەقتە ناھايىتى ياخشى ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا ئەخلاق مۇنبىرى» ناملىق يىغىن، بۇندىن كېيىن ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلىدىكەن.