دولقۇن ئەيسا: «قامال مەزگىلىدە ئاچ قويۇش ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر پارچىسى»
2022.09.13
د ئۇ ق 11-سېنتەبىر چاقىرغان «د ئۇ ق نىڭ كېڭەيتىلگەن ۋەكىللەر تور يىغىنى» دا پۈتۈن دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى ۋە بارلىق ئۇيغۇرلارنى ۋابانى باھانە قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى ئاچ قويۇش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتتى.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىندا، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى»، جامائەت ئەربابلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن بولۇپ 165 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغان يىغىندا خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ، بەزى قارارلار قوبۇل قىلىندى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قاراردا نۇقتىلىق ھالدا پۈتۈن دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى خىتايغا قارشى نارازىلىق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشقا سەپەرۋەر قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە خىتايلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قامال قىلىش سىياسىتى بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قامال قىلىش سىياسىتىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ھازىر غۇلجىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قامال قىلىشنىڭ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ھازىر غۇلجىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قامال قىلىش سىياسىتى، دۇنيادىكى ھەتتا خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان قامال قىلىش سىياسىتىگىمۇ ئوخشىمايدۇ. خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلەردە خىتاي خەلقىگىمۇ، رەھىمسىزلەرچە ۋەھشىي قامال قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزدى. بۇ، ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر پارچىسى شەكلىدە داۋاملاشماقتا. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋابا قامالى مەزگىلىدىمۇ روشەن ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ».
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى جەنۋە شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 51-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىي يىغىنى باشلىنىدىغانلىقىنى، بۇ يىغىن جەريانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ب د ت دا مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى قامال قىلىش مەزگىلىدە ئاچ قويۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«د ئۇ ق نىڭ كېڭەيتىلگەن ۋەكىللەر تور يىغىنى» دا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش تەپتىشى، ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دوختۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندى ۋابا توغرىسىدا قىسقىچە، مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان ئۆيلەردە قامال قىلىش سىياسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ، خىتاينىڭ ئىچكىرىدە خىتايلارغا ئېلىپ بارغان ئۆيلەردە قامال قىلىش سىياسىتى بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قامال قىلىش سىياسىتىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەمەت ئىمىن دوختۇر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قامال قىلىش سىياسىتىگە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكى، خەلقئارادا بۇنى قانداق ئاڭلىتىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەردى.
9-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا چىققان ئۇچۇردا بىر ئائىلىدىن 4 ئۆسمۈر بالىنىڭ ئېغىر ئاغرىپ ھاياتى خەتەرلىك تۇرۇۋاتقانلىقى يېزىلغان. 9-چىسلادىكى بىر خەۋەردە بىر ئۆسمۈر قىزنىڭ ئۆيىدە يالغۇز جان ئۈزگەنلىكى ئىنكاس قىلىنغان. ئىجتىمائىي تورلاردىكى خەۋەرلەردە غۇلجا ناھىيەسىنىڭ قاراياغاچ يېزىسىدىكى مەۋلان سىدىق دېگەن كىشىنىڭ قامال مەزگىلىدە دورىسى ۋاقتىدا يېتىپ كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن جان ئۈزگەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى.