د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا گېرمانىيە ۋە ئامېرىكانىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.11.08
Popeo-Dolqun-Eysa-20191108.jpg د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا ئۇيۇشتۇرۇلغان «كۆربېر دۇنيا لىدېرلىرى دىئالوگى» ناملىق يىغىندا ئامېرىكانىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى پومپېيو ئەپەندى بىلەن بىرگە. 2019-يىلى 8-نويابىر. بېرلىن، گېرمانىيە.
Photo: RFA

بۈگۈن، يەنى 8-نويابىر كۈنى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا گېرمانىيە ۋە ئامېرىكانىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۈگۈن گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىن بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، «بېرلىن تېمى» يىقىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋېتى بىلەن مەركىزى بېرلىندىكى «كۆربېر جەمئىيىتى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «كۆربېر دۇنيا لىدېرلىرى دىيالوگى» ناملىق يىغىندا ئۇ ئامېرىكانىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى پومپېيو ۋە گېرمانىيەنىڭ سابىق پرېزدېنتى كىرىستىيان ۋولف قاتارلىق دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن ئۇچراشقان. 

مەلۇم بولغىنىدەك، 1989-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى غەربىي گېرمانىيە ۋە شەرقىي گېرمانىيەنى ئايرىپ تۇرغان «بېرلىن تېمى» غۇلىغان كۈن بولۇپ، بۇ كۈننى خاتىرىلەش مۇناسىۋېتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەزكۇر يىغىنغا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم ئەربابلىرى قاتناشقان.

يىغىندا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى مايك پومپېيو ئەپەندى كوممۇنىزىم لاگېرىنىڭ غۇلىشى ۋە دېموكراتىيەنىڭ غەلىبىسى توغرىلىق نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ نۇتۇقىدىن كېيىن سوئال-جاۋابلار بولغان. 

300 دىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەربابلىرى ئىشتىراك قىلغان بۇ يىغىنغا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ تەكلىپكە بىنائەن قاتناشقان بولۇپ، ئۇ يىغىندا پومپېيو ئەپەندىدىن ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك 2 سوئال سوراش پۇرسىتىغا ئېرىشكەن. 

بۇ يىغىندا يەنە خوڭكوڭ مەسىلىسى، سۈرىيە مەسىلىسى ۋە ناتو توغرۇلۇقمۇ سوال-جاۋاپلار، بەس-مۇنازىرىلەر بولۇپ ئۆتكەن. 

يىغىندىن كېيىن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى مايك پومپېيو بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىغا رەھمەتلەر ئېيتقان. 

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىن جەريانىدا يەنە گېرمانىيەنىڭ سابىق پرېزدېنتى كىرىستىيان ۋولف ۋە بەزى مىنىستېرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.