دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى سايلاپ چىقىلدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2021.11.14
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى سايلاپ چىقىلدى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى.
Photo: RFA

14-نويابىر كۈنى د ئۇ ق نىڭ 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلام ئېلىپ بارغان. سايلام نەتىجىسىدە د ئۇ ق نىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك گۇرۇپپسى سايلاپ چىقىلغان.

د ئۇ ق نىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇتلەق يوقىرى ئاۋاز، يەنى جەمئىي 198 ئاۋاز بىلەن د ئۇ ق نىڭ يەنە بىر نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلانغان. بۇ قېتىمقى سايلامدا دوكتور ئەركىن ئەكرەم 156 ئاۋاز بىلەن، زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم 135 ئاۋاز بىلەن، پەرھات مۇھەممىدى 101 ئاۋاز بىلەن د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان.

بۇ قېتىمقى سايلامدا د ئۇ ق نىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى ساقلاپ قېلىنغان. ئۆمەر قانات ئەپەندى 172 ئاۋاز بىلەن ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. سەمەت ئابلا، ئىلشات ھەسەن، تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، ئەركىن ئەخمەتوف قاتارلىق 4 كىشى د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان. پەرھات ياقۇپ باش تەپتىشلىككە سايلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ قېتىملىق سايلام جەريانىدا يەنە د ئۇ ق نىڭ تەركىبىدىكى ھەرقايسىي كومىتېتلارنىڭ مەسئۇل خادىملىرىمۇ سايلاپ چىقىلغان.

د ئۇ ق نىڭ 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ۋە زۇلۇملىرى يەنىمۇ كۈچەيگەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسىي ئەللىرىدە ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىق ۋە قوللاشلار ئەۋجىگە چىقىۋاتقان، شۇنداقلا دۇنيا جامائىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرىنى كەسكىن ئەيىبلەۋاتقان بىر پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلدى.

د ئۇ ق نىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەھبەرلىك گۇرۇپپسى سايلام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى 4 يىل جەريانىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرلۈك ئىرادىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.