د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشتى

مۇخبىرىمىز سادا
2019.05.31
Randall-Schriver.jpg ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى راندال شرايۋېر (Randall Schriver).
C-SPAN.ORG

31-ماي كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندىلەر ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى راندال شرايۋېر (Randall Schriver) بىلەن كۆرۈشتى.

بۇ قېتىملىق كۆرۈشۈشتە دولقۇن ئەيسا ۋە ئۆمەر قانات ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ سانىنىڭ ئۈچ مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ تۈركۈملەپ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ تەدبىر قوللىنىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دۆلەتسىز ئەھۋال ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلىرىغا چىقىش يولى بېرىش ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى ئېيتقان. 

دولقۇن ئەيسا ۋە ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ قېتىملىق كۆرۈشۈشتە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئۇلارنى ئۆزلىرىگە جاسۇسلۇق قىلىشقا زورلاۋاتقانلىق مەسىلىسىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئالغان. 

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رەندىي شرايۋېر يۇقىرىقى مەسىلىلەرگە قارىتا پىكىر بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە جىددىي دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. 

بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي سۆھبەتنى يۇقىرىقى ئاۋازلىق ئۇلىنىشتىن ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.