د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئامېرىكانىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلىغا ئۇيغۇرلارنىڭ تەشەككۈرلىرىنى ئىزھار قىلدى

0:00 / 0:00

ميۇنخېندىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ كورونا ۋىرۇسى تارقالغاندىن بۇيانقى تۇنجى مېھمىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ زىيارەتچىلەر ئۆمىكى بولغان.

11-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكانىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلخانىسى ئۆزىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشلىق بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەر بىلەن باش كونسۇل مېگان خانىمنىڭ بىرگە چۈشكەن سۈرىتىنى ئېلان قىلغان. سۈرەتكە كىرىش سۆز ئورنىدا «‹2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى› ئۇيغۇرلار جەمئىيىتى ئۈچۈن مۇھىم بىر ئابىدە بولدى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ زىيارىتىگە ۋە ئۇنىڭ بىزنى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى مۇزاكىرە قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز،» دېگەن ئىبارىلەر كىرگۈزۈلگەن. يازمىدا «خىتايدىكى جازا لاگېلىرى تاقالسۇن» دېگەن جۈملە ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

بۇ ئۇچۇرغا بىنائەن بىز ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدا سۆھبەتتە بولغان د ئۇ ق رەھبەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ مەقسىتى ۋە جەريانى توغرىسىدا مەلۇمات سورىدۇق. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا خىتايدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسى دۇنياغا ئاپەت ئېلىپ كېلىشكە باشلىغان 3-ئايدىن بۇيان ھېچقانداق زىيارەتچى قوبۇل قىلمىغان ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ ئۆزلىرىنى تۇنجى مېھمان سۈپىتىدە قوبۇل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكانىڭ ميۇنخېندىكى باش كونسۇلى مېگان خانىم بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە ئەتراپلىق مۇزاكىرىلەردە بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. سۆھبەت جەريانىدا ئۇ «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نىڭ تەستىقتىن ئۆتكەنلىكىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ خۇرسەن بولغانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە رەھمەتلىرىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ زىيارەتكە د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يىتەكچىسى ئېۋا خانىممۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتكە مەركەزلەشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنارلىق ۋەزىيىتى دۇنيادا يېتەرلىك دەرىجىدە دىققەت قوزغىيالمايۋاتقان بۇ كۈنلەردە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دۆلەت خىزمەتلىرىنىڭ ئالدىنقى كۈنتەرتىپىدە تۇتۇپ كېلىۋاتقان بىردىن-بىر دۆلەت ئامېرىكا بولماقتا. ئامېرىكاىڭ مۇھىم دۆلەت ئەربابلىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ھەر يەردە تىلغا ئېلىپ كەلمەكتە. ‹2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى› نىڭ تەستىقتىن ئۆتۈشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور تارىخىي بىر ھادىسە بولدى. بىزنىڭ ئامېرىكانىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلخانىسىنى زىيارەت قىلىشىمىزدىكى مەقسەت يالغۇز ئامېرىكاغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بۇندىن كېيىن ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى بۇ زۇلۇملاردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن يەنە قانداق ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىمىز توغرىسىدا مۇزاكىرىلىشىشتىن ئىبارەت بولدى.»

بۇ قېتىمقى زىيارەتكە داخىل بولغان د ئۇ ق نىڭ خىزمەتچى خادىمى زۇمرەت ئۇيغۇر خانىم بۇ خۇسۇستا توختالغاندا، خىتاينىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇملىرى سەۋەبلىك ئېغىر دەرىجىدە ئۈمىدسىزلىككە گىرىپتار بولغان ئۇيغۇرلارغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەستىقلىغان «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نىڭ زور تەسەللى بولغانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇنىڭغا بولغان مىننەتدارلىقىنى د ئۇ ق نامىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈش ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ئامېرىكانىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلخانىسى بىلەن بۇندىن كېيىن قايسى ساھەلەردە قانداق ھەمكارلىشىش توغرىسىدا ئۆزئارا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بۇ قېتىمقى زىيارەتنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى قامىغانلىقى ۋە ئېغىر دەرىجىدە ئازابلاۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىشقا باشلىغان 2018-يىلىدىن بۇيان ئامېرىكانىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇللىرى د ئۇ ق رەھبەرلىرى بىلەن تۈرلۈك شەكىللەردە پات-پات ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ زوراۋانلىقىغا خاتىمە بېرىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ كەلمەكتە ئىكەن. ئامېرىكانىڭ گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىكى باش ئەلچىسىمۇ ئالدىنقى يىللىرى د ئۇ ق رەھبەرلىرى بىلەن مەخسۇس ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بارغان.