د ئۇ ق ئاياللار كومىتېتى 8-مارت كۈنى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ رولى ھەققىدە تور سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى
2025.03.10
8-مارت، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاياللار كومىتېتى «ئاياللار يېرىم دۇنيا - ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇنتۇلمىسۇن» دېگەن تېمىدا تور سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئوينىغان رولى ھەققىدە توختالدى. بۇ سۆھبەت يىغىنىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن، گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى قەلبىنۇر سىدىق، ئاياللار كومىتېتى رەئىسى بەختىنۇر ئابدۇرېھىم ۋە قۇرۇلتاي ياشلار كومىتېتى رەئىسى، شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى رىزۋانئاي ئىلھاملار قاتناشقان.
بۇ يىغىندا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تارىختىكى رولىنى، ھازىرىنى ئەسلەش ۋە ئەسلىتىش، ئېغىر ۋەزىيەتتىمۇ ئۈمىدىنى يوقاتماسلىق ۋە ھەمكارلىشىپ ئىلگىرىلەشنى تەكىتلەش ئاساسىي تېما قىلىندى. يىغىندا زۇمرەتئاي ئەركىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مىللىي روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئورنىدىن دەس تۇرغۇزۇش، دەۋا ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەم مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى تەكىتلىدى.
بۇ يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاياللار كومىتېتى رەئىسى بەختىنۇر ئابدۇرېھىم «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەر بىر تارىخىي دەۋردىكى رولى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھمىيىتى» ھەققىدە سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھازىر تارىختىكى ئەڭ خىرىسقا دۇچ كەلگەن بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ لاگېرلارغا ياكى تۈرمىلەرگە سولىنىپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشتەك قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما بىر قىسىم ئاۋانگارت خانىم-قىزلارنىڭ مۇھاجىرەتتە ئۆزىنىڭ مىللىي بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھەر ساھەدە ئاكتىپلىق بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بەختىنۇر ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتتى.
لاگېر شاھىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى قەلبىنۇر سىدىق بۇ يىغىندا، ئۆزىنىڭ خىتاي جازا لاگېرىدا كۆرگەنلىرى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇ لاگېرلاردا ئۇچرايدىغان پاجىئەلىك قىسمەتلىرى، ئۇلارنىڭ لاگېرلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەجرىبە بۇيۇمىغا ئايلاندۇرۇلۇپ تەجرىبە چاشقىنىنىڭ ئورنىدا مۇئامىلە قىلىنغانلىقى ۋە ئاياللارنىڭ لاگېرلاردا باسقۇنچىلىق، قىيىن-قىستاق، ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىنىدىغانلىقىدەك ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قەلبىنۇر سىدىق «8-مارت، دۇنيا ئاياللىرىغا بايرام بولسا، ئۇيغۇر ئاياللىرىغا داۋاملىق قاراڭغۇ زىندان بولماقتا» دەپ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.
قۇرۇلتاي ياشلار كومىتېتى ۋە شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رىزۋانئاي ئىلھام، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ دىپلوماتىيەدىكى رولى ھەققىدە توختىلىپ، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەركىبىدىكى ئايال ۋەكىللەر ۋە ئۇلارنىڭ رولى ھەققىدە توختىلىپ، تېخىمۇ كۆپ خانىم-قىزلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي داۋاسىغا قاتنىشىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن. ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ «غەرب دۇنياسىدىكى ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەت ۋە قائىدە-قانۇنلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كېلىۋاتقان بۇ قىسمەتنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىلدۈرۈش» نىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.