د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ رامازان ئېيىنى قۇتلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2022.04.01
فرانسىيەدىكى «ئازاتلىق» گېزىتى دولقۇن ئەيسانىڭ تەرجىمىھالىنى ئېلان قىلدى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا AFP بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە. 2019-يىلى 4-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.
AFP

روزا تۇتۇش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىسلام دىنىدىكى بەش پەرزنىڭ بىرى. 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن تارتىپ پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى خاسىيەتلىك ئاي-كۈنلەرنى روزا تۇتۇش، ئىبادەت قىلىش، بىر بىرىگە مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش بىلەن خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشكە باشلىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلار بۇ رامازاندىمۇ بۇرۇنقى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلىمىسى ئاستىدا ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. ھەتتا روزىمۇ تۇتالمايدۇ. چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن يەنىلا كۆرۈشەلمەيدۇ.

مانا بۇنداق بىر پەيتتە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى پۈتۈن دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ رامازان ئېيىنى تەبرىكلىدى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قارشى كۈرەشتە ئىتتىپاقلىشىشقا، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە چاقىردى.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق باشلىدى: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، شەرقىي تۈركىستانلىق ئەزىز قېرىنداشلىرىم! مانا بۈگۈن پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى چەكسىز ھاياجان ۋە تەشنالىق ئىچىدە 11 ئاينىڭ سۇلتانى مۇبارەك رامازان ئېيىغا شەرەپ بىلەن قەدەم باستى. مۇشۇنداق خاسىيەتلىك بىر ئاينىڭ يېتىپ كېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتۇن خەلقىمىزنىڭ مۇبارەك رامازان ئېيىنى يۈرەكتىن قۇتلۇقلايمەن. ئاللاھ ئىبادەتلىرىمىزنى، دۇئالىرىمىزنى قوبۇل قىلغاي! ئۇلۇغ رامازاننىڭ خاسىيىتى بىلەن ھەممىمىزگە ھىدايەت ئاتا قىلغاي!

دولقۇن ئەيسا سۆزىنى داۋا ملاشتۇرۇپ مۇبنداق دېدى: «ئەزىز قېرىنداشلىرىم، ھەر قېتىم پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى شاتلىققا چۆمدۈرگەن مۇشۇنداق خاسىيەتلىك كۈنلەر يېتىپ كەلگەندە، ۋەتىنىمىزدە خىتاينىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ئازاپ چېكىۋاتقان خەلقىمىز، خىتاينىڭ ۋەھشىي زىندانلىرىدا، جازا لاگېرلىرىدا، مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانلىرىدا جان تالىشىۋاتقان مىليونلىغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىز، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە قۇل ئورنىدا مەجبۇرى ئىشلىتىلىۋاتقان قىز-يىگىتلىرىمىز، يەنە شۇنداقلا ۋەتەنسىزلىك دەستىدىن كۆرۈش ئىمكانىيىتىمىز بولمىغان ۋەتەندىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەنلىرىمىز كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ ۋە بۇنىڭدىن چەكسىز ئازابلىنىمىز. . .»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان كومۇنىست خىتاينىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغاندىن بۇيان، ۋەتەن ئىچىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىرەر كۈنىمۇ خاتىرجەملىك ۋە شاتلىق ئىچىدە ئۆتۈپ باققىنى يوق. خەلقىمىزنىڭ ھەر بىر كۈنى قانلىق ياش تۆكۈش بىلەن ۋە مۇسىبەت ئىچىدە ھەسرەتلىنىش بىلەن ئۆتتى. مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىرىمىزمۇ ۋەتەندىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەنلىرى ۋە سۆيۈملۈك خەلقىنىڭ دەرد-پىغانلىرىدا قايغۇرۇش، ھەسرەتلىنىش ۋە ئازابلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە بۈگۈنكىدەك كۈنلەرنى كۈتۈۋېلىشقا مەجبۇر بولۇپ كەلدى. قىسقىسى، زالىم خىتاي ھاكىمىيىتى خەلقىمىزنىڭ ھەر قېتىملىق مۇبارەك رامزان ئېيىنى ئازاپ-ئوقۇبەت ۋە زۇلۇمغا تولغان جەھەننەم ئېيىغا ئايلاندۇردى. ھەقىقەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەگەر بىز جاسارەت ۋە كۈرەش بىلەن ئۆز ئەركىنلىكىمىزنى، مىللىي مۇستەقىللىقىمىزنى قولغا ئالمايدىكەنمىز، بىزگە ئەبەدىي تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە بەخت-سائادەت يوق. يەنە شۇنداقلا ئاللاھ ئالدىدىكى مۇسۇلمانلىق مەجبۇرىيىتىمىزنى ئەركىن ئازادىلىك ئىچىدە ئادا قىلىشتىنمۇ مەڭگۈ سۆز ئاچالمايمىز! . . .»

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 21-ئەسىردە دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بۇ ھەقتە ئويغانلىقىنى، بۇنداق بىر پەيتتە خىتايغا قارشى كۆرەشتە تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئەزىز قېرىنداشلىرىم! بۈگۈن 21-ئەسىردە دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا شەرقى تۈركىستانلىقلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق پۈتۈن خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ئويغاتتى. كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى قوبۇل قىلدى. ھەممىمىزنىڭ بىرلىكتە ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن كۇچ چىقىرىشىمىز بىلەن لوندوندا قۇرۇلغان ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› خىتاينىڭ خەلقىمىزگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى. خەلقئارا جامائەتچىلىك بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ ھېسابىنى سوراشقا ئۆتتى. مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى چوقۇم قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ خىتايغا قارشى بىرلىكسەپ قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسىنى كۈچلەندۈرۈش يولىدا يۈكسەك شىجائەت ۋە پىداكارلىق روھى بىلەن مىللەت سۈپىتىدە جىددى ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز ھەر ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ زۆرۈر بولماقتا.»

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇقەددەس رامزان ئېيىدا بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۆرەش قىلىشقا چاقىردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئەزىز قېرىنداشلىرىم! مانا بۇ ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈنلەردە ھەر بىر ئىبادىتىمىزدە جانابى ئاللاھتىن ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانغا ئازادلىق، خەلقىمىزگە ھۆرلۈك تىلەيلى. ئۆز خەلقىمىزنىڭ ھۆرلۈكى ۋە ئەركىنلىكى يولىدا شېھىت بولغان ئەزىز شېھىتلىرىمىزنىڭ روھىغا فاتىھە ئوقۇيلى، ئۇلارنىڭ سۆيۈملۈك ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا سەبىر-تاقەت تىلەيلى. ھەر قېتىملىق ئىپتارلىرىمىزدا، دۇئا-تىلاۋەتلىرىمىزدە جانابى ئاللاھتىن خىتاينىڭ زىندانلىرىدا ئازاپ-ئوقۇبەت چېكىۋاتقان سانسىزلىغان باتۇر ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى تىلەيلى. كۆز ياشلىرىمىز ھەر زامان ۋەتەن ئىچىدىكى مېھرىبان خەلقىمىزنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەن بىرگە بولسۇن! مانا بۇ مۇبارەك ئاينى جانابى ئاللاھنىڭ بۇيرىغىنىدەك، خەير-ساخاۋەت، ئېھسان، شەپقەت، بىرلىك ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق ۋە سۆيگۈ-مۇھەببەت ئېيىغا ئايلاندۇرايلى. ئۇشبۇ مۇبارەك ئايدا خىتاينىڭ ۋە ھەرقايسى ئەللەرنىڭ تۈرمىلىرىدە ۋە لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن كۈچ-قۇۋەت، نۇسرەت ۋە ھۆرلۈك تىلەيلى. ئۇلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشنى بىر ئىنسانىي، مىللىي، دىنىي ۋە قېرىنداشلىق بۇرچىمىز دەپ بىلەيلى. ھەممىمىز ئۆز ئارا ئىختىلاپ ۋە ئاداۋەتلەرنى كاللىمىزدىن چىقىرىۋېتىپ، ۋەتەندە زۇلۇم ئاستىدا جان تالىشىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ھۆرلۈكى ۋە ئازاتلىقى ئۈچۈن مىللىي مۇستەقىللىق كۆرەش يولىمىزدا بىرلىكتە ئىلگىرلەيلى.»

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشتىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 72 يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي زاتلار بىلەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئوتتۇرىسىغا پىتنە-پاسات پەيدا قىلىپ باشقۇرۇش سىياسىتىگە ئالدانماسلىققا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى: «ئەزىز قېرىنداشلىرىم، ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، ئىسلامىيەتنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ھېسابلانغان مۇستەبىت كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان 1949-يىلىدىن تاكى ھازىرغىچە، مۇسۇلمان خەلقىمىزنى مەجبۇرىي دىنسىزلاشتۇرۇش ۋە مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىزنىڭ گۈزەل ۋەتىنىمىزدىكى شانلىق ئىزىنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈش ئۈچۈن قىلمىغان ۋەھشىلىكلىرى قالمىدى، بولۇپمۇ ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنى بۆلۈش ۋە پارچىلاش ئۈچۈن دىننىي زاتلىرىمىز بىلەن زىيالىلىرىمىز ئوتتۇرىسىدا سۈنئى زىددىيەت پەيدا قىلىپ ۋە پىتنە ئۇرۇغى چېچىپ، مىللىتىمىزنىڭ جەۋھىرى ۋە يېتەكچىلىرى ھىساپلانغان دىنىي زاتلىرىمىز بىلەن زىيالىلىرىمىز ئوتتۇرىسىدا دۈشمەنلىك پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن مەيلى دىنىي زاتلىرىمىز بولسۇن ياكى زىيالىلىرىمىز بولسۇن بىر-بىرىگە بولغان سۆيگۈ، ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش خىتاينىڭ بۇخىل سۈيقەستىنى گۇمران قىلىشىمىز لازىم، پەقەت دەۋا قىلىۋاتقانلارنىڭلا ئەمەس، مۇھاجىرەتتىكى پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەم دىنىي ئالاھىدىلىكلىرىمىزنى، ھەم مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى بىرگە قوغداش ۋە ئىگە چىقىش مەجبۇرىيىتىمىز بار، خەلقىمىز مىڭ يىللاردىن بۇيان ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ۋە بۇ مۇقەددەس يولدا سانسىزلىغان شەھىدلەرنى بەرگەن ئىسلام ئەقىدىلىرىمىزنى، ئىسلامغا بولغان سۆيگۈمىزنى، موسۇلمانلىق غۇرورىمىزنى قوغداپ قېلىش، پەقەت دىننىي زاتلىرىمىزنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن زىيالىلىرىمىزنىڭ، جۈملىدىن كەڭ ئاۋام خەلقىمىزنىڭ بۇرچى ۋە مەجبۇرىيىتىدىن ئىبارەت، بۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەۋرەنمەس پىرىنسىپىدۇر!»

ئۇ ئاخىرىدا يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «شۇنىڭ ئۈچۈن، مەيلى زىيالىلىرىمىز بولسۇن ياكى باشقا ساھەلەرگە مەنسۇپ ھەرقانداق شەخىسلىرىمىز بولسۇن، مۇسۇلمان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقاد تۇيغۇلىرىغا ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىشى، مۇقەددەس ئىسلامنىڭ شان-شەرىپىنى قوغدىشى، خەلقىمىزنىڭ دىنىي ھېسىياتىنى رەنجىتىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەردىن قەتئىي ساقلىنىشى ۋە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ئىمانىنى، دىنىي ئالاھىدىلىكلىرىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى لازىم. بىزنى بىز قىلغا دىنىي ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىمىزدىن ۋاز كېچىش ياكى ئۇنى رەت قىلىش، ئۆزىمىزنى، ئۇيغۇرلۇقۇمىزنى، كىملىكىمىزنى رەت قىلغانلىقتۇر. شۇنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەنكى، خەلقىمىزنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلمىغانلار، ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە كەڭ خەلقىمىزنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ، خالاس!

جانابى ئاللاھ يار ۋە ياردەمچىمىز بولسۇن! ھەممىمىزنىڭ رامازان ئېيىمىزغا تەكرار مۇبارەك بولسۇن!»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.