7-نۆۋەتلىك د ئۇ ق سايلىمىنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021.08.25
7-نۆۋەتلىك د ئۇ ق سايلىمىنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى ئېلان قىلىندى 7-نۆۋەتلىك د ئۇ ق نىڭ ۋەكىللەر سايلىمىدا سايلانغان خانىم-قىزلاردىن ئۆرنەك. 2021-يىلى ئاۋغۇست.
RFA/Ekrem

7-نۆۋەتلىك د ئۇ ق نىڭ ئومۇمىي ۋەكىللەر سايلىمىدا 30 دۆلەتتىن 205 نەپەر رەسمىي ۋەكىل، 87 نەپەر كاندىدات ۋەكىل سايلاپ چىقىلغان.

د ئۇ ق 22-ئاۋغۇست 30 دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلغان 7-نۆۋەتلىك د ئۇ ق سايلىمىنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسىنى 24-ئاۋغۇست ئېلان قىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نۇتۇق سۆزلەپ، بۇ قېتىمقى سايلامدا غەلىبە قىلغان 205 نەپەر ۋەكىلنى تەبرىكلىدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قېتىمقى دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت قۇرۇش، دۆلەت باشقۇرۇش، ئۆز ۋەكىللىرىنى ئۆزلىرى سايلاش ئىقتىدارىغا ئىگە مەدەنىي بىر خەلق بولغانلىقىنى دۇنياغا نامايەن قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

7-نۆۋەتلىك د ئۇ ق ئومۇمىي ۋەكىللەر سايلىمىنىڭ نەتىجىسىدىكى بەزى نۇقتىلار دىققەتنى چېكىدۇ. بۇنىڭ بىرى، مەزكۇر سايلامدا ۋەكىللىككە سايلانغان خانىم-قىزلارنىڭ سانى 50 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، ئومۇمىي ۋەكىللەر نىسبىتىنىڭ 24 پىرسەنتنى ئىگىلىگەن. ئىككىنچىسى، ئالقىنقى نۆۋەتلىك قۇرۇلتايلارغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى ۋەكىللەر ئىچىدە ياشلارنىڭ سالقىمى زور دەرىجىدە ئاشقان. ياش قىز-يىگىتلەردىن ۋەكىل بولۇپ سايلانغانلارنىڭ سانى ئومۇمىي ۋەكىللەر سانىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ئارتۇقراقىنى تەشكىل قىلغان. ئۈچىنچىسى، بۇ قېتىمقى سايلامغا قاتناشقان ۋە سايلانغان ۋەكىللەر ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبىك، تاتار قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان.

7-نۆۋەتلىك نۆۋەتلىك د ئۇ ق سايلام تەييارلىق كومىتېتىنىڭ رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، 7-نۆۋەتلىك د ئۇ ق ئومۇمىي ۋەكىللەر سايلىمىنىڭ قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى كۈتكەن نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. 7-نۆۋەتلىك د ئۇ ق سايلىمى تەييارلىق كومىتېتى ۋەكىللەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىمۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇ قېتىمقى سايلامغا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مۇھەجىرەتتىكى مىللىي ھەرىكەت سېپىدىن ئورۇن ئالغان، ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن بىجانىدىل خىزمەت قىلىپ كەلگەن نۇرغۇنلىغان پىداكار ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىل بولۇپ سايلانغانلىقىنى، بۇنىڭ زور بىر تارىخىي ھادىسە بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغاندا، ئومۇمىي خەلق سايلىمى بىلەن قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى بېكىتىش د ئۇ ق تۇنجى قېتىم يولغا قويغان، سىناقتىن ئۆتمىگەن بىر چارە بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ سايلامنىڭ كۈتكەندىن ياخشى ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ۋە دۇنيا جامائىتىدە ئىجابىي تەسىرلەر پەيدا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، 7-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ يىل 11-ئايدا چېخىيە پايتەختى پىراگادا چاقىرىلىدىكەن. خەلق تەرىپىدىن سايلاپ چىقىلغان 205 نەپەر رەسمىي ۋەكىلنىڭ بۇ يىغىندا د ئۇ ق مەركىزىدىن ۋەزىپە ئېلىش ئىشىدا سايلاش-سايلىنىش ھوقۇقى بولىدىكەن. 87 نەپەر كاندىدات ۋەكىلنىڭ سايلىنىش ھوقۇقى بولمىسىمۇ، سايلاش ھوقۇقى بولىدىكەن. 300 گە يېقىن كىشى قاتنىشىدىغان بۇ قۇرۇلتايدا د ئۇ ق نىڭ رەئىسىدىن تارتىپ ھەرقايسى كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرىغىچە بولغان ئورۇنلارغا ۋەكىللەرنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بىلەن دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلانغان كىشىلەر ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.