د ئۇ ق 7-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە يىغىنىدا يېڭى قارارلارنى ماقۇللىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021.09.06
د ئۇ ق 7-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە يىغىنىدا يېڭى قارارلارنى ماقۇللىدى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ توردا ئۆتكۈزۈلگەن 7-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى. 2021-يىلى 5-سېنتەبىر.
RFA/Erkin Tarim

5-سېنتەبىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 7-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، د ئۇ ق نىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن رەھبەرلىك ھەيئىتىدە بەزى ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلغان يېڭى قارارنى قوبۇل قىلدى. كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن سىن كۆرۈنۈش ئارقىلىق چاقىرىلغان بۇ يىغىنغا ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئەنگلىيە، شۋېتسىيە، شۋېتسىارىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيە قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 30 نەپەر ئىجرائىيە ھەيئەت ئەزاسى قاتناشتى. 5-سېنتەبىر كۈنى بېرلىن ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 3تە باشلانغان يىغىنغا د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئالدى بىلەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز قىلىپ، 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، د ئۇ ق نىڭ قۇرۇلمىسىدا ۋە رەھبەرلىك قاتلىمىدا بەزى ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسەت ۋە بۇندىن كېيىن قىلىشقا تېگىشلىك جىددىي خىزمەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، د ئۇ ق نىڭ 6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا ئۆزى رەئىسلىككە سايلانغاندىن كېيىنكى 4 يىل جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى، دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئېھتىياجى ۋە د ئۇ ق خىزمەتلىرىنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلمىسىدا، رەھبەرلىك قاتلىمىدا بەزى ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، بۇ ئىسلاھاتنى ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلدى.

5-سېنتەبىر كۈنى تور ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن د ئۇ ق 7-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە يىغىنىدا قايسى يېڭى قارارلار ماقۇللاندى؟ بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، ئالدى بىلەن بۇ يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەر ۋە ماقۇللانغان قارارلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

د ئۇ ق نىزامنامىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 3 يىلدا بىر قېتىم قۇرۇلتاي چاقىرىپ، سايلام ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن ئۆتكەن يىل 11-ئايدا قۇرۇلتاي چاقىرىلىشى كېرەك ئىدى. ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 6-نۆۋەتلىك يىغىنىدا بۇ ھەقتىمۇ ئالاھىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ، بۇ يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە چېخىيەنىڭ پىراگا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغانىدى. مەزكۇر قاراردىن كېيىن د ئۇ ق نىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن يىغىن چاقىرىپ، د ئۇ ق تا بەزى ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق رەھبەرلىك ھەيئىتىدە بەزى ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ بېرىش ۋە يېڭى كومىتېتلارنى قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان. د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھات توغرىلىق مەلۇمات بەردى.

ئىگىلىشىمىزچە، د ئۇ ق 7-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا «سايلام كومىتېتى» نىڭ ھازىردىن باشلاپ د ئۇ ق نىڭ ھەر قايسى رەھبەرلىك ئورگانلىرىغا ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلسا بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.