د ئۇ ق تەيۋەندە چاقىرىلغان خەلقئارا يىغىندا خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىنى ئوتتۇرىغا قويدى
2025.02.25

24-فېۋرالدا تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا تەيۋەننىڭ پايتەختى تەيبېي شەھىرىدە چاقىرىلغان «Rights con25 Taipei» يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن، سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ۋە باشقىلاردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى ۋە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «Rights con25 Taipei» يىغىنىغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، شىركەتلەرنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 3500 ئەتراپىدا كىشى قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، يىغىندا رەقەملىك تېخنولوگىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلاشتىكى رولى، بۇ تېخنولوگىيە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشتا قانداق قوللىنىلىۋاتىدۇ؟ دېگەندەك تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى يەنى 25-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئىككى مەيدان يىغىن ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇلاردىن سىرت تەيۋەن پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى بىلەن يىغىن ئاچقان ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.
بۇ ھەقتە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان زۇمرەتئاي ئەركىن تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەخسۇس بىر يىغىن ئۇيۇشتۇردى. ئۇ، بولسىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتى توغرىسىدا بولدى. روشەن ئابباس خانىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەييۇر قۇربان ئەپەندى ۋە چەت ئەللىك بىر مۇتەخەسسىس دوكلات بەردى. بىر سائەت داۋاملاشقان يىغىندا خىتاينىڭ ئوخشىمىغان شەكىللەردە، ئوخشىمىغان تېخنولوگىيەنى ئىشلىتىپ ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشلىتىپلا قالماستىن چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.»
زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر يىغىندا يەنە ھەر قايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا قارشى نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكىمۇ مۇزاكىرە تېمىسى بولغان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى تەيۋەندە يىغىنغا قاتنىشىش جەريانىدا تەيۋەن پارلامېنتىدىكى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ ئەپەندى، بەزى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى، تەيۋەن پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى بىلەن مەخسۇس ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن سىرت، بۇندىن كېيىن تەيۋەندە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا پىلانلار تۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى «Rights con25 Taipei» ناملىق يىغىننىڭ 24-فېۋرال كۈنىدىن 28-فېۋرال كۈنىگىچە ئېچىلىدىغانلىقىنى، ئالدىمىزدىكى ئىككى كۈن جەريانىدىمۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى دېدى.
بۇ يىغىندىن بۇرۇن 20-فېۋرالدىن 21-فېۋرالغىچە تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا تەيۋەننىڭ پايتەختى تەيبېي شەھىرىدە چاقىرىلغان «خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى» گە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى ھەققىدە تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې، سابىق پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن، بەزى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، ھەر ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر، دىپلوماتلار ۋە ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ مەلۇمات بەرگەنىدى.