«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى» تۈركىيەدە رەسمىي قۇرۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021.03.29
«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى» تۈركىيەدە رەسمىي قۇرۇلدى تۈركىيەدە قۇرۇلغان «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى» نىڭ ۋەخپە رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇخەمىت(ئالدىنقى رەت ئوتتۇرىدا) باشچىلىقىدىكى قۇرغۇچى ئەزالىرى خاتىرە سۈرەتتە. 2021-يىلى 27-مارت، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دۇنيانىڭ ھەر قايسىي جايلىرىدىكى پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا. بۇ مەقسەت بىلەن 2020-يىلىنىڭ بېشىدا چاقىرىلغان د ئۇ ق ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ يىغىنىدا تۈركىيەدە «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى» نى قۇرۇش قارارى ئېلىنغان ئىدى. بىر يىل جەريانىدا بارلىق رەسمىيەتلەر تاماملىنىپ، مەزكۇر ۋەخپەنىڭ قۇرۇلغانلىقى تۈركىيە رەسمىي گېزىت-مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىندى.

3-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىستانبۇلدىكى گرەئەنپارك مېھمانخانىسىدا مەزكۇر ۋەخپەنىڭ 1-نۆۋەتلىك قۇرغۇچى ھەيئەتلەر ئومۇمىي يىغىنى چاقىرىلىپ، ۋەخپەنىڭ باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزالىرى، تەپتىش ھەيئەتلىرى سايلاپ چىقىلدى. مەركىزى ئىستانبۇلدىكى «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى» نىڭ رەئىسلىكىگە ئابدۇرېشىت ئابدۇخەمىت ئەپەندى، رەئىس ۋەكىللىكىگە دىلشات بارىشچى ئەپەندى، مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە ئەركىن بەرداش ئەپەندى، مالىيە ئىشلىرى مۇدىرلىقىغا مەمەت ئەلى ھافىز ئەپەندى سايلاندى.

ئىستانبۇلدىكى گرەئەنپارك مېھمانخانىسىدا «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى» نىڭ 1-نۆۋەتلىك قۇرغۇچى ھەيئەتلەر ئومۇمىي يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 27-مارت، تۈركىيە.

دوختۇر نىمەت قەشقەرلى، نەشرىياتچى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى ۋە فاتما ئەر خانىم مەزكۇر ۋەخپەنىڭ تەپتىشلىكىگە سايلاندى. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىلەر رىياسەتچىلىك قىلغان مەزكۇر يىغىننىڭ ئاخىرىدا ۋەخپەنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەھبەرلىرى بىلەن ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ تەلەپ-ئارزۇلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ۋەخپەنىڭ رەھبەرلىك ھەيئىتىنى تەبرىكلىدى. ئۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى د ئۇ ق نىڭ قارىمىقىدا قۇرۇلغان مەزكۇر ۋەخپەنى قوللاپ-قۇۋەتلەشكە چاقىردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپەسىنى قۇرۇش تەييارلىق خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 2020-يىلى 7-ئايدا مەزكۇر ۋەخپەنى قۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە سوت ئىدارىسىغا ئىلتىماس سۇنۇلغان ئىدى. 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى تۈركىيە سوت ئىدارىسى مەزكۇر ئىلتىماسنى تەستىقلىغان. مەزكۇر ۋەخپەنىڭ قۇرۇلغانلىقى 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى تۈركىيەنىڭ دۆلەتلىك گېزىت-مەتبۇئاتلىرىدا رەسمىي ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى بۇ جەريانلار توغرىسىدا راديومىزغا مەلۇمات بەردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپەنىڭ رەئىسى ئابدۇرەشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى «تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستانلىقلار قۇرغان ۋەخپە ۋە تەشكىلاتلار شۇنچە كۆپ تۇرۇقلۇق، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇنداق بىر ۋەخپەنى قۇرۇشتىكى مەقسىتى نېمە؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ ئۆتتى.

د ئۇ ق ۋەخپەنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان ئەركىن بەرداش ئەپەندى «بۇندىن كېيىن نېمە خىزمەتلەرنى قىلماقچىسىلەر؟» دېگەن سوئالىمىغا جاۋاب بېرىپ، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلار ھەم ئورگانلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ھەر جەھەتتىن ماسلىشىپ خىزمەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەدە 1985-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپەسى 1995-يىلى قۇرۇلغان ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەخپەسى، 2000-يىللاردىن كېيىن قۇرۇلغان سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋەخپەسى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپەسى قاتارلىقلار ھازىر ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.