د ئۇ ق رەھبەرلىرى تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى

0:00 / 0:00

8-ئۆكتەبىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى زۇمرەتئاي ئەركىن قاتارلىق 5 كىشىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەئىسى ئۆزگۈر ئۆزەل، مۇئاۋىن رەئىسى بۇرھانىدىن بۇلۇت، پارلامېنت ئەزاسى ماھىر باشارىر، بىلال بىلىجى، «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بۇغرا قاۋۇنجۇ ۋە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئەزاسى يۈكسەل سەلچۇق تۈركئوغلۇ قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا تەييارلىغان دوكلاتلارنى سۇندى. ئاخىرىدا بەزى كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئەتلىرى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى بۇرھانىدىن بۇلۇت بىلەن كۆرۈشتى. 2024-يىلى 8-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئەتلىرى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى بۇرھانىدىن بۇلۇت بىلەن كۆرۈشتى. 2024-يىلى 8-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە (RFA/Erkin Tarim)

ئۇچرىشىشتا ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ياپونىيەگە ئوخشاش دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا بولغان ئىنكاسلىرى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ماقۇللانغان قارارلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئاندىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ قېرىنداش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇنداق ئېغىر ۋەزىيىتىگە قاراپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى، ھېچ بولمىسا بۇلارنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا نېمىشقا بۇنداق زۇلۇم سالىدىغانلىقىنى سورىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم سەۋەبىنىڭ بۇ زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش، خىتاينىڭ بۇ زېمىننى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

زۇمرەتئاي ئەركىن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەئىسى ئۆزگۈر ئۆزەلگە ۋە پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا تەييارلانغان دوكلاتلارنى بەرگەندىن كېيىن، قېرىنداش تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىن خەلقئارا سورۇنلاردا، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللىشى كېرەكلىكىنى ئىلتىماس قىلدى.

ئۇچرىشىش ئاخىرىدا، پارلامېنت ئەزاسى بۇغرا قاۋۇنجۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز تۈركىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاۋازى، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازى بولۇپ كەلدۇق. ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى ھەر دائىم تۈركىيە پارلامېنتىدا كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىمىز. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرنى ئورۇنلاشقا تىرىشىمىز».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئەتلىرى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئەزاسى يۈكسەل سەلچۇق تۈركئوغلۇ بىلەن كۆرۈشتى. 2024-يىلى 8-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئەتلىرى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئەزاسى يۈكسەل سەلچۇق تۈركئوغلۇ بىلەن كۆرۈشتى. 2024-يىلى 8-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە (RFA/Erkin Tarim)

«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق تۈركئوغلۇ 2023-يىلى 6-ئايدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغان كىشىلەرنىڭ تەقدىرى ۋە خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس بىر گۇرۇپپا قۇرۇش ھەققىدىكى بىر تەكلىپ لايىھەسىنى تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا سۇنغانىدى. 3-ئىيۇل سۇنغان بۇ تەكلىپ لايىھەسى مۇزاكىرە قىلىنىپ، «ئىسلام قورقۇنچى ۋە ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى» رەسمىي قۇرۇلغانىدى. ئۇ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەزكۇر كومىتېتتا ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەن تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزىتىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى. ياش ۋاقتىمدىن تارتىپ تۈرك دۇنياسىغا ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىگە چىقىپ كەلگەن بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تۈگىتىش ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگەننى قىلىمەن؛ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويىمەن. »

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئەتلىرى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بۇغرا قاۋۇنجۇ بىلەن كۆرۈشتى. 2024-يىلى 8-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئەتلىرى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بۇغرا قاۋۇنجۇ بىلەن كۆرۈشتى. 2024-يىلى 8-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە (RFA/Erkin Tarim)

د ئۇ ق خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرى ئادىل ئابدۇكېرىم ئەپەندى بۇ قېتىمقى زىيارەتكە ئىشتىراك قىلغانلارنىڭ بىرى. ئۇ، 8-9-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئەنقەرەگە ئېلىپ بارغان زىيارەتلەردىكى مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۈركىيەدە ۋە خەلقئارا سورۇنلاردا، بولۇپمۇ تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىدا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار تۈركىيە پارلامېنتىدا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلاردا ئوتتۇرىغا قويغان ئىشلاردىن بىرى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشى، يەنە بىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە قويۇش ئىكەن. ئۇ يەنە، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان چېگرا ھالقىغان تەھدىت مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇش تەلىپىدە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق ھەيئىتى 2019-يىلدىن باشلاپلا مالايسىيا ۋە ھىندونېزىيەنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلىپ، ئۇ دۆلەتتىكى مۇسۇلمان جامائىتىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا مايىل قىلىش، ب د ت، ئىسلامىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا سورۇنلاردا ئۇ دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقان ھەم مەلۇم ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەنىدى.