خىتاي ئەمەلدارىنىڭ د ئۇ ق ھەققىدە ئاتقان «پولىرى» دىققەت قوزغىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.04.23
wu-xongbo-wuhongbo.jpg خىتاينىڭ ب د ت دىكى سابىق ئەمەلدارى ۋۇ خوڭبو(ئالدىنقى رەت سولدا) خەلقئارا ئېنېرگىيە يىغىنىدا. 2012-يىلى 22-ئۆكتەبىر، دۇبەي.
Reuters

خىتاي ئەمەلدارى «مەركىزى گېرمانىيەدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەرنى ب د ت دىن ھەيدەپ چىقاردىم» دەپ ماختاندى.

خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە 1-قانىلى (CCTV-1) يېقىندا ئېلان قىلغان «تاماشىبىنلارنىڭ سوئاللىرى» پروگراممىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ غۇلغۇلا قوزغىدى.

فىلىمدا، خىتاينىڭ ب د ت دىكى ئەمەلدارى ۋۇ خوڭبو نەق مەيداندا خىتاي تاماشىبىنلىرىغا سۆزلەپ، «مەركىزى گېرمانىيەدە بولغان شىنجاڭ مۇستەقىلچى بۆلگۈنچى كۈچلىرى ب د ت يىغىنىغا ئۈسۈپ كىرگەن ئىدى، ئۇلارنى يىغىن زالىدىنلا ئەمەس، ب د ت دائىرىسىدىنمۇ ھەيدەپ چىقاردىم» دەيدۇ.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بۇ خۇسۇستا ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىلەر «خىتاي يالغۇز دۇنيانىلا ئەمەس، ئۆزىنىڭ خەلقىنىمۇ ئالدايدۇ» دېگەن جۈملىگە مەركەزلەشكەن بولسىمۇ، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ ھەقىقەتەن سادىر بولغان-بولمىغانلىقى تالاش-تارتىشلىق بىر مەسىلە بولۇپ قالغان.

خىتاي ئەمەلدارى ۋۇ خوڭبو يۇقىرىقى پروگراممىدا كۆزدە تۇتقان «مەركىزى گېرمانىيەدىكى مۇستەقىلچى بۆلگۈنچى كۈچلەر» ئەسلىدە د ئۇ ق، «ب د ت يىغىنىغا ئۈسۈپ كىرگەن ۋە ھەيدەپ چىقىرىلغان شەخس» دولقۇن ئەيسا بولۇپ، 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى ب د ت نىڭ نيۇ-يوركتىكى مەركىزىدە چاقىرىلغان «ئاز سانلىقلار مۇنبىرى» يىغىنىدا ھەقىقەتەن مۇشۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ب د ت بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە «دولقۇن ئەيسا خەلقئارا ساقچىدا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورىست» دېگەن يالغان مەلۇماتنى بېرىپ، ئۇنى بىر قېتىم يىغىن زالىدىن چىقىرىۋېتەلىگەن بولسىمۇ، ئويلىمىغان يەردىن بۇ مەسىلىگە ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ب د ت نىڭ جىددىي ئارىلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە ئاخىرقى نەتىجىدە خىتاي تەرەپ مەغلۇپ بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، شۇ قېتىمقى ۋەقە يۈز بېرىپ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ب د ت دا خىتاي كۆزدە تۇتقان «بۆلگۈنچى تەشكىلات» ۋە ئۇنىڭ رەئىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر مەيدان كەسكىن «جەڭ» بولۇپ ئۆتتى. 2018-يىلى 21-ئاپرېل ب د ت دا خىتاي تەرەپ بىلەن ئامېرىكا، گېرمانىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدا جىددىي تالاش-تارتىش يۈز بەردى. خىتاي ھاكىمىيىتى مەركىزى گېرمانىيەدە بولغان «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ ب د ت دىكى كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش ھەققىدە ب د ت غا ئەرز سۇنغان ئىدى. بۇ تالاش-تارتىشقا د ئۇ ق ۋە ئۇنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ سۆرەپ ئەكىرىلدى.

تالاش-تارتىش ناھايىتى كەسكىن بولدى. گەرچە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئىنتېرپول، يەنى خەلقئارا ساقچىدىكى قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى 20-مارت ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، خىتاي تەرەپ ئۇنى يەنىلا «تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچى، ب د ت غا كىرىش سالاھىيىتى يوق» دەپ ئەيىبلەيتتى. د ئۇ ق نى بولسا «تېررورچى تەشكىلات» دەپ قارىلايتتى. بۇنىڭدا ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى ئالاھىدە ئەلچىسى كەللي كۇرېي خانىم خىتايغا شىددەتلىك رەددىيە قايتۇردى. گېرمانىيە، ئەنگلىيە، ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر سەپتە تۇرۇپ خىتاينىڭ تۆھمەتلىرىنى ئاغدۇردى. نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ئېيتقاندا، بۇ جەڭدىمۇ د ئۇ ق غەلىبە قازانغان ئىدى.

خىتاي ئەمەلدارى ۋۇ خوڭبو يۇقىرىقى پروگراممىدا ۋەقەنىڭ نەتىجىسىنى، ئۆزلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى تىلغا ئالماي ئۆز خەلقىنى ئالدايدۇ. بۇ خىل ئالدامچىلىقنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە نىسبەتەن ئومۇملاشقان بىر ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، خىتاينىڭ ب د ت يىغىنلىرىدا قانچە قېتىملاپ د ئۇ ق تەرىپىدىن رەسۋا قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.