د ئۇ ق 6-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە يىغىنىدا يېڭى پىلانلىرىنى قارار قىلدى

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نىزامنامىسىدە يىلدا ئىككى قېتىم ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى چاقىرىپ، بۇ يىغىنلاردا ئالدىنقى يېرىم يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسە قىلىش بىلەن بىرگە كېلەچەك 6 ئايلىق خىزمەتلەرنىڭ پىلان-پروگراممىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە بۇ ھەقتە قارارلار ماقۇللاش كۆرسىتىلگەن. بۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 6-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا ئۆتكەن 6 ئايلىق خىزمەت خۇلاسىلىنىپ ئالدىمىزدىكى 6 ئاي ئىچىدە قىلىنىدىغان خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ بېكىتىلدى.

كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن سىن كۆرۈنۈش ئارقىلىق چاقىرىلغان بۇ يىغىنغا ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئەنگلىيە، شىۋېتسىيە، شۋېيتسارىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيە قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 33 نەپەر ھەيئەت، د ئۇ ق نىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ۋەكىللىرى ۋە ئىشخانا مۇدىرلىرى قاتناشتى. 6-ئىيۇن كۈنى بېرلىن ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 2دە باشلانغان يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ (د ئۇ ق) رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تۇنجى بولۇپ سۆز قىلىپ، 2019-يىلى 12-ئايدىن 2020-يىلى 6-ئايغىچە بولغان 6 ئايلىق خىزمەتلەر ھەققىدە دوكلات بەردى. ئۇ دوكلاتىدا د ئۇ ق نىڭ قىسقىغىنە 6 ئاي ئىچىدە ياۋروپا پارلامېنتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى بىلەن ئاۋام پالاتاسى، تۈركىيە، ۋە باشقا ئەللەردە ئېلىپ بارغان مۇھىم خىزمەتلىرىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى. يىغىن ئاخىرىدا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇ، ئالدىنقى 6 ئايلىق خىزمەتنى خۇلاسىلەپ، ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا بىريۇسسېلدا ئېچىلغان 5-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا تۈزگەن خىزمەت پىلانىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئورۇندالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

6-7-ئىيۇن كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 6-نۆۋەتلىك يىغىنىدا يەنە ئالدىمىزدىكى 6 ئايلىق خىزمەت پىلانى ماقۇللانغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇنىڭدا نۇقتىلىق ھالدا د ئۇ ق نىڭ ئۇزۇندىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى بۇندىن كېيىن قانداق داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

د ئۇ ق ئىجرائىيە رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى كەلگۈسى 6-ئايدا نۇقتىلىق ھالدا ئامېرىكادا قوبۇل قىلىنغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپلا قالماستىن يېڭى قانۇنلارنى قوبۇل قىلدۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا قانۇنلاردىن پايدىلىنىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتىكەن. ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا بۇ ھەقتىمۇ ئالاھىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ پىلان تۈزۈلگەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ توغرىلىق مەلۇمات بەردى.

د ئۇ ق نىزامنامىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 3 يىلدا بىر قېتىم قۇرۇلتاي چاقىرىپ، سايلام ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن بۇ يىل 11-ئايدا قۇرۇلتاي چاقىرىلىشى كېرەك. ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 6-نۆۋەتلىك يىغىنىدا بۇ ھەقتىمۇ ئالاھىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ، بۇ يىل ئاخىرىدا چاقىرىلىدىغان قۇرۇلتاي ئۈچۈن «سايلام كومىتېتى» قۇرۇلغان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ توغرىلىق مەلۇمات بەردى.

بىز د ئۇ ق نىڭ لوندوندىكى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەخمۇت خانىم بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارا سەھنىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

ئىگىلىشىمىزچە، د ئۇ ق 6-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا قۇرۇلغان «سايلام كومىتېتى» ھازىردىن باشلاپ ئومۇمىي قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىگە كىرىشىدىكەن.