ئەدىرنەدە «شەرقىي تۈركىستان كۆرگەزمىسى ۋە يەرمەنكىسى» ئېچىلدى

ئىستانبۇلدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەييارلىدى
2024.12.26
edirne-paaliyet-01

تۈركىيەنىڭ ئەدىرنە شەھىرىدە ئېچىلغان شەرقىي تۈركىستان كۆرگەزمە ۋە يەرمەنكىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 20-دېكابىر، ئەدىرنە، تۈركىيە RFA/Arslan

edirne-paaliyet-02

تۈركىيەنىڭ ئەدىرنە شەھىرىدە ئېچىلغان شەرقىي تۈركىستان كۆرگەزمە ۋە يەرمەنكىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 20-دېكابىر، ئەدىرنە، تۈركىيە RFA/Arslan

edirne-paaliyet-03

تۈركىيە ياشلار ۋەخپىسى ئەدىرنە شۆبىسىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد فاتىھ دەمىر پائالىيەتتە سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 20-دېكابىر، ئەدىرنە، تۈركىيە RFA/Arslan

edirne-paaliyet-04

تۈركىيەنىڭ ئەدىرنە شەھىرىدە ئېچىلغان شەرقىي تۈركىستان كۆرگەزمە ۋە يەرمەنكىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 20-دېكابىر، ئەدىرنە، تۈركىيە RFA/Arslan

edirne-paaliyet-05

تۈركىيەنىڭ ئەدىرنە شەھىرىدە ئېچىلغان شەرقىي تۈركىستان كۆرگەزمە ۋە يەرمەنكىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 20-دېكابىر، ئەدىرنە، تۈركىيە RFA/Arslan

edirne-paaliyet-06

تۈركىيەنىڭ ئەدىرنە شەھىرىدە ئېچىلغان شەرقىي تۈركىستان كۆرگەزمە ۋە يەرمەنكىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 20-دېكابىر، ئەدىرنە، تۈركىيە RFA/Arslan

edirne-paaliyet-07

تۈركىيەنىڭ ئەدىرنە شەھىرىدە ئېچىلغان شەرقىي تۈركىستان كۆرگەزمە ۋە يەرمەنكىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 20-دېكابىر، ئەدىرنە، تۈركىيە RFA/Arslan

edirne-paaliyet-08

تۈركىيەنىڭ ئەدىرنە شەھىرىدە ئېچىلغان شەرقىي تۈركىستان كۆرگەزمە ۋە يەرمەنكىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 20-دېكابىر، ئەدىرنە، تۈركىيە RFA/Arslan

تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە، شۇنداقلا ئاممىۋى جەمئىيەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرىدىغان يىغىن، مۇراسىم ۋە كۆرگەزمە پائالىيەتلىرى داۋاملىق ئۆتكۈزۈلمەكتە.

12-ئاينىڭ 19-20-كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ ئەدىرنە شەھىرىدە تۈركىيە ياشلار ۋەخپىسى ئەدىرنە شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان رەسىم كۆرگەزمىسى ۋە سودا سېتىق يەرمەنكىسى» ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ پائالىيەت ئەدىرنە شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە قەدىمىي مەسچىتنىڭ ئالدىدا ئېچىلغان بولۇپ، كۆرگەزمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە تارىخى تونۇشتۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەت، يىغىلىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدىكى رەسىملىك چۈشەندۈرۈشلەر كۆرگەزمە قىلىنغان.

مەزكۇر كۆرگەزمە قېشىدا يەنە يەرمەنكىمۇ ئېچىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا تۈركىيە ياشلار ۋەخپىسى ئەدىرنە شۆبىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئەدىرنەدىكى تىراكىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا قىز ئوقۇغۇچىلار تەييارلىغان ماي بوياق رەسىملەر، قولدا توقۇغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى، ھەر خىل تاختاي-لەۋھەلەر شۇنداقلا يېمەك-ئىچمەكلەر سېتىشقا چىقىرىلغان.

تۈركىيە ياشلار ۋەخپىسى ئەدىرنە شۆبىسىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد فاتىھ دېمىر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە پاجىئەلەرگە دىققەت تارتىش شۇنداقلا ئۇيغۇر يېتىم بالىلارغا مەلۇم مىقداردا ماددىي ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن، بۇ رەسىم كۆرگەزمىسى ۋە سودا-سېتىق يەرمەنكىسى ئاچقان ئىكەن.

ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز تۈركىيە ياشلار ۋەخپىسى ئەدىرنە شۆبىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىككى كۈندىن بۇيان ئەدىرنەدە كۆرگەزمە ۋە سودا يەرمەنكىسى ئېچىۋاتىمىز. بىزنىڭ ۋەخپىمىزدىكى پىدائىيلىرىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ۋە پاجىئەلەرگە جامائەتنىڭ دىققىتىنى تارتىش، شۇنداقلا بۇ يەردىكى سودا-سېتىقتىن كەلگەن كىرىمنى شەرقىي تۈركىستانلىق يېتىم بالىلارغا ئىئانە قىلىش ئۈچۈن، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇردى. بۇ يەرمەنكىدە سېتىلىۋاتقان نەرسە-كېرەكلەرنىڭ ھەممىسىنى تىراكىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچى قىزلىرىمىز ئۆز قولى بىلەن تەييارلىدى، بىز بۇنى ئەدىرنە خەلقىگە سېتىپ، پۇلىنى شەرقىي تۈركىستانلىق يېتىم قېرىنداشلىرىمىزغا يەتكۈزۈپ بېرىمىز».

بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، تۈركىيە ياشلار ۋەخپىسى ئەدىرنە شۆبىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تىراكىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتېتىنىڭ 4-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى مەريەم ئەسەن خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مەريەم ئەسەن خانىم، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا قارشى جامائەت پىكىر پەيدا قىلىش ۋە ئاۋامنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى: «ئەدىرنەدە ئۇيۇشتۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان كۆرگەزمىسى ۋە يەرمەنكىسى پەقەت بىر كۆرگەزمە ۋە يەرمەنكىدىن ئىبارەت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا ئاۋام خەلقىنىڭ چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتتۇر».

مەريەم ئەسەن خانىم يەنە دېدى: «بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاۋازى بولۇش، ئۇ يەردە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئۇچراۋاتقان قىيىنچىلىقلار، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى خەلق ئاممىسىغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئىدى. يەنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يىراق بىر جۇغراپىيە ئەمەسلىكىنى، تارىخى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن بىزلەرگە ئائىت بىر قىممەتلىك تارىخىي يۇرت ئىكەنلىكىنى خەلق ئاممىسىغا خاتىرىلىتىش ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا ئۈندەش ئۈچۈن ئىدى».

مەريەم ئەسەن خانىم ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دېدى: «سۈرىيە ۋە پەلەستىندىكى ئىنسانلاردىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۇچۇر ئىگىلەپ تۇرىمىز، بىراق شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزدىن ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمايمىز، شەرقىي تۈركىستان نەچچە يىللاردىن بۇيان ھەم خىتاينىڭ ئىسكەنجىسى ۋە بېسىمى ئاستىدا ئۈستى ئوچۇق تۈرمە ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، شەرقىي تۈركىستان دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەرلىك قوللىشىغا ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ. بىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاۋازى بولۇشقا ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى خەلق ئاممىسىغا خاتىرىلىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز. بۇ جەھەتتە بىز بۇ پائالىيەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى دەپ قارايمىز».

مەريەم ئەسەن خانىم ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «قىممەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىم، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تارتىۋاتقان زۇلۇم ۋە خىتاينىڭ پەسكەشلىك بىلەن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىسكەنجىلىرى سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار بولغان بىزلەرنىڭ يۈرىكىمىزنى بەكمۇ ئېچىشتۇرماقتا. بىز سىلەر چېكىۋاتقان بۇ زۇلۇملارنى جىسمانىي جەھەتتە توختىتالمىساقمۇ، ئەمما سىلەرنىڭ ئاۋازىڭلار بولۇش، سىلەرنى قوللاش ۋە ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقۇڭلارنى قوغداش ئۈچۈن ۋەدە بېرىمىز. ئەدىرنەدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى كۈرەشچان قېرىنداشلىرىمىزغا سالاملار يوللايمىز!»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.