رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تەھرىرى ئەسەت سۇلايماننىڭ ئاكىسى - ئەھەت سۇلايماننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021.02.25
رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تەھرىرى ئەسەت سۇلايماننىڭ ئاكىسى - ئەھەت سۇلايماننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تەھرىرى ئەسەت سۇلايماننىڭ ئاكىسى - قۇمۇل شەھەر تەڭرىتاغ ئوقۇتۇش رايونىنىڭ مۇدىرى ئەھەت سۇلايمان.
Photo: RFA

ئۇيغۇر رايونىدا لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولانغان مىليونلىغان كىشىلەر قاتارىدا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى خىزمەتچىلىرىنىڭ 50نەپەردىن دىن ئارتۇق ئۇرۇق-تۇغقىنىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تەھرىرى ئەسەت سۇلايماننىڭ ئاكىسى - قۇمۇل شەھەر تەڭرىتاغ ئوقۇتۇش رايونىنىڭ مۇدىرى ئەھەت سۇلايماننىڭ 2018-يىلىدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكى بۈگۈن دەلىللەندى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنىڭ2019 ‏-يىلىنىڭ ئاخىرى تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، چەت ئەلدىكى نەچچە ئونمىڭلىغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئىچىدە ئۇرۇق-تۇققانلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئىمكانىغا ئېرىشكەنلەر بارماق بىلەن سانىغۇدەك دەرىجىدە ئاز ساندىدۇر. بىز ھەققىقىي ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھەققىدىمۇ ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق.

مەلۇم بولۇشىچە، رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تەھرىرى ئەسەت سۇلايماننىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 7 كىشى تۇتۇپ كېتىلگەن. بۇلاردىن ئەسەت سۇلايماننىڭ ئاكىسى ئەھەت سۇلايمان 2017‏-يىلىنىڭ باشلىرىدىن بۇيان ئىز-دېرىكى غايىپ بولغان. ئۇ تۇتقۇن قىلىنىشنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن مەزگىل قۇمۇل شەھەر تەڭرىتاغ يېزىلىق ئوقۇتۇش رايونىنىڭ مۇدىرى بولۇپ خىزمەت قىلغان ئىكەن، شۇنداقلا قومۇل ۋىلايىتىنىڭ مىللىي مائارىپ سېپىدىكى تەجرىبىلىك مائارىپچىلاردىن بىرى ئىكەن. بىز ئىلگىرى قۇمۇل شەھىرىدىكى ئالاقىدار ساقچىخانا ۋە بىر قاتار ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە ئەھۋال ئېنىقلاشقا تىرىشىپ باققان بولساقمۇ، ئەمما خادىملار جاۋاپ بېرىشنى ئىزچىل ھالدا رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.

نۆۋەتتە گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان تەتقىقاتچى دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندى ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەتقىقات زىيارەتلىرى داۋامىدا، ئەسەت سۇلايماننىڭ ئاكىسى ئەھەت سۇلايمان بىلەن ئۇچرىشىش ۋە تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. ئۇ يېقىنقى مەزگىللەردە ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە قومۇلدىكى بىر قىسىم ئالاقە قاناللىرى ئارقىلىق مائارىپچى ئەھەت سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم قېرىنداشلىرىنىڭ2017 ‏-ۋە2018 ‏-يىللىرى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، ئەھەت سۇلايمان تۇتۇلۇشتىن ئىلگىرى قۇمۇل شەھەر تەڭرىتاغ يېزىسىنىڭ مائارىپ ئىشلرىغا مەسئۇل مۇدىرى ئىكەن. بىر تولۇقسىز ئوتتۇرامەكتەپ ۋە بىرقانچىلىغان باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى باشقۇرىدىغان مەزكۇر ئوقۇتۇش رايونى ئىشخانىسىنىڭ تەڭرىتاغ يېزىسىدىن باشقا يەنە قۇمۇل شەھەر ئىچىدىمۇ ئىشخانىسى بار ئىكەن. بىز قولىمىزدىكى ئالاقە ئۇچۇرلىرىغا ئاسسەن، مەزكۇر ئىشخانىنىڭ بىر خادىمىغا تېلېفون قىلدۇق. ئىشخانىسىنىڭ قۇمۇل شەھەرلىك پارتكوم بىناسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بۇ خادىم، دەسلەپتە مائارىپچى ئەھەت سۇلايماننى تونۇمايدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ دېلوسىدىن خەۋرسىزلىكىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن قومۇلدا مائارىپ ساھەسىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن رەھبىرىي كادىرلاردىن، جۈملىدىن مەكتەپ مۇدىرلىرىدىن كىملەرنى بىلىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، بۇ ھەقتىمۇ مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن مۇشۇ ئىشخانىدىن تۇتۇلغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ تۇتقۇننىڭ ئەھەت سۇلايمان ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بىز ئۇنىڭدىن ئەھەت سۇلايمانننىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ ھەقتە ساقچى ئورگانلىرىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان تەڭرىتاغ يېزىلىق ساقچى خادىمىمۇ ئەھەت سۇلايماننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى رەت قىلمىدى. ئەھەت سۇلايماننىڭ ھازىر نەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتقان بۇ خادىم، ئۇنىڭ2018 ‏-يىلى تۇتۇلغانلىقى ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ خىزمەتتىن توختىتىلغانلىقىنى دەلىللىدى. ئۇ يەنە ئەھەت سۇلايماننىڭ دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ دېلوسىنىڭ تەپىسىلاتى ۋە ئاقىۋىتىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

تەتقىقاتچى ئابلەت سەمەتنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ يىل57 ياشقا كىرگەن ئەھەت سۇلايمان 1986-يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئونىۋېرسىتېتىنىڭ تەنتەربىيە فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن ئىكەن. ئىككى پەرزەنتى ۋە بىر نەۋرىسى بولغان ئەھەت سۇلايمان ئۆزىنىڭ ئىجىتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىقى، ئەتراپلىق ئىلمىي مەلۇماتى ۋە تەمكىن مىجەز-سالاپىتى بىلەن قومۇلدىكى ھەر ساھە كىشىلىرى ئىچىدە ھۆرمەت قازانغان يۇرت مۆتىۋەرلىرىدىن ئىكەن.

ئېنىقلاشلىرىمىز جەريانىدا ئەھەت سۇلايماننىڭ قانداق بىر «باھانە» بىلەن تۇتۇلغانلىقى ئايدىڭلاشمىدى. دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندى ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ئاساسەن، مائارىپچى ئەھەت سۇلايماننىڭ ئۇنىڭ تۇتۇلۇشىدا ئامېرىكادىكى ئىنىسى ئەسەت سۇلايماننىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدىكى خىزمىتى ۋە ياكى ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ھەم تەسىرىنىڭمۇ سەۋەپ بولغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.