خارۋارد ئوقۇغۇچىلىرى خىتاي تۈرمىسىدىكى ئەكبەر ئەسئەتنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىدى
2021.01.05

5-يانۋار كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ياش ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئەكبەر ئەسئەتنىڭ تۇغۇلغان كۈنى. ئىنىسى ئەكبەر ئەسئەتنىڭ ھۆرلۈككە چىقىشى ئۈچۈن ئامېرىكادا تىنىمسىز كۈرەش قىلىۋاتقان ھەدىسى رەيھان ئەسئەت بۈگۈن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ناھايىتى تەسىرلىك قىسقا ۋىدىيو تارقىتىپ تۈرمىدىكى ئىنىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىدى، شۇنداقلا گۇناھسىز يەرگە خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم ئاڭلاتتى.
ئەكبەر ئەسئەتنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، سېناتور كىرىس كونېس تىۋىتتىردا ئىپادە بىلدۈردى. ئۇ تىۋىتتىردا «ئەكبەر ئەسئەت 2016-يىلى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىپ قايتقاندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى ۋە بۈگۈن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى» دېدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى توم لەنتۇس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىمۇ تىۋىتتىردا ئىپادە بىلدۈرۈپ «بىز ئەكبەر ئەسئەتنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش بىلەن بىرگە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ئۆزىنىڭ خەلقئارالىق پائالىيىتىگە قاتناشقانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن دەس تۇرۇشقا چاقىرىمىز» دېدى.
ئەكبەر ئەسئەتنىڭ مەسىلىسى ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى ھەدىسى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن تۇنجى ئۇيغۇر رەيھان ئەسئەتنىڭ تىنىمسىز كۆرۈشى نەتىجىسىدە زور قوللاشقا ئېرىشمەكتە. يېقىندا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 70 تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ كۈرەشتە رەيھان بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
1-يانۋار كۈنى ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياناتتا ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەكتەپدىشى رەيھان ئەسئەتنىڭ خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان ئىنىسى ئەكبەر ئەسئەتنىڭ دەرھال قويۇۋېتىلىشىنى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان سىستېمىلىق زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
باياناتتا ئۇلار مۇنداق دېگەن: «بىز، خارۋارد قانۇن ئىنستىتۇتى كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلغۇچىلىرى ۋە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەكتەپدىشىمىز رەيھان ئەسئەت بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەيمىز ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئەكبەر ئەسئەتنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز. ئەكبەر ئەسئەت، 2016-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. خارۋارد ئوقۇغۇچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز رەيھاننىڭ ئىنىسىنى ئەركىنلىككە چىقىرىش ۋە ئۇيغۇرلارغا ئادالەت ئىزدەش يولىدا قىلىۋاتقان كۈرىشىنى قوللايمىز. بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارغا ئۇزۇندىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كەلگەن سىستېمىلىق زۇلۇمىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلىشىنى، بۇ مىللەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيلىكنى تېزدىن سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىمىز.»
خارۋارد ئوقۇغۇچىلىرى باياناتىدا يەنە مۇنداق دېگەن: «نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنىڭ ب د ت نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېنىقلىمىسىغا ماس كېلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئورتاق تونۇش بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ماسكا، كىيىم-كېچەك ۋە باشقا نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى داۋاملىق بۇلغىماقتا. ئۇيغۇرلارغا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى بىزنى ئەندىشىگە سېلىپلا قالماستىن، بەلكى رەيھاننىڭ مەكتەپداشلىرى بولغان بىزلەر ئۈچۈن بىر خۇسۇسىي مەسىلىگە ئايلاندى.»
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتى كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇسچىلىرى گۇرۇپپىسى مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرى بولۇپ، بۇ گۇرۇپپىنىڭ باشلىقى ساندرا ئانتون بىزگە مۇنداق دېدى:
«رەيھان ئەسئەت خارۋارد قانۇن ئىنىستىتۇتىمىزدىكى تۇنجى ئۇيغۇر. ئۇ ئۆتكەن يىلى تۇنجى قېتىم ئىنىسىنىڭ ئەھۋالىنى بىز ئۇيۇشتۇرغان بىر يىغىندا ئورتاقلاشتى. بىز رەيھاننىڭ مەسىلىسىگە ئۆزىمىزنىڭ مەسىلىسىدەك قاراپ، بۇ ھەقتە نېمە قىلالايمىز دەپ كۆپ ئويلىدۇق. گەرچە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ دائىرىلىرى بۇنداق مەسىلىلەردە ئىپادە بىلدۈرۈشتىن ئۆزىنى تارتسىمۇ، بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنداق چەكلىمىسى بولماسلىقى كېرەك. شۇڭا بىز قانۇن ئىنستىتۇتى كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇسچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئالدى بىلەن ئىنستىتۇتىلارغا بۇ ھەقتە بىر دەسلەپكى ئۇقۇم شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار كىم، ئۇلارغا نېمە بولۇۋاتىدۇ، رەيھاننىڭ ئىنىسىغا نېمە بولدى دېگەنلەر تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن بىر بايانات ئېلان قىلدۇق. بىزنىڭ دەسلەپكى نىشانىمىز ئىنىستىتۇتىمىز ئىچىدىكى ئوقۇغۇچى گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئىمزا قويۇشى ئىدى. ئەمما بۇ بايانات شۇنچىلىك چوڭ قوللاشقا ئېرىشتىكى، نۇرغۇنلىغان باشقا ئىنىستىتۇتلاردىكى ئوخشىمايدىغان مىللەت ئارقا كۆرۈنۈشى، ئوخشىمايدىغان دىنىي ئارقا كۆرۈنۈش ۋە ئوخشىمايدىغان سىياسىي كۆز قاراشتىكى بارلىق ئوقۇغۇچى گۇرۇپپىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. مەسىلەن بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بىلەن ياكى بۇ رايون بىلەن قىلچىلىك ئالاقىسى يوق گۇرۇپپىلار بار. يەنە ئادەتتە قەتئىي پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمايدىغان ئەرمەنى قانۇن ئوقۇغۇچىلىرى گۇرۇپپىسى ۋە تۈرك قانۇن ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىلىرىدەك گۇرۇپپىلار بار. ھەتتا ئادەتتە ھېچقاچان بۇنداق باياناتلارغا قول قويۇپ باقمىغان گۇرۇپپىلار بار. دېمەك، بۇ گۇرۇپپىلار ھەممىسى رەيھاننىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى شۇنچىلىك ئۆزلەشتۈردىكى، ئۇلار پەقەت تارىخنىڭ توغرا سەھىپىلىرىدە بولۇشنى تاللىدى.»
دەرۋەقە، خارۋارد قانۇن ئىنستىتۇتى كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇسچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خارۋارد ئىنستىتۇتى، خارۋارد سودا ئىنستىتۇتى، خارۋارد كېننىدى ئىنستىتۇتى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى، خارۋارد ئىلاھىيەت ئىنستىتۇتى ۋە خارۋارد تېببىي ئىنستىتۇتىدىكى ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرى مەزكۇر باياناتنامىگە قول قويغان ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرىنىڭ پەقەت بىر قانچىسىدىن ئىبارەت. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدىكى خارۋارد ئىنستىتۇتى ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتىدىن زوفىيا بىزگە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: ‹بىز خارۋاردتا قۇرۇلغان ‹ئۇيغۇر ئەركىنلىكى يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار› گۇرۇپپىسى بىلەن زىچ ھەمكارلاشتۇق. ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىشلار تولىمۇ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزدىن شۇنچىلىك ئۇزاقتا بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان بىرىنىڭ يېنىمىزدا بولۇشى، ئۇنىڭ بىزنىڭ مەكتەپدىشىمىز، ساۋاقدىشىمىز بولۇشى بىزنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر رىشتە ھاسىل قىلىشىمىزغا سەۋەب بولدى. شۇڭا بۇ ھەرىكەت ئىنتايىن زور قوللاشقا ئېرىشتى»
خارۋارد ئوقۇغۇچىلىرى باياناتىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى قاتتىق ئەيىبلىگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە كەسكىن چاقىرىقلارنى قىلغان. ئۇلار يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز رەيھاننى قەتئىي قوللايدىغانلىقىمىزنى ئىپادە قىلىمىز ھەمدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ئەكبەرنىڭ دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرىمىز. بىز ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيلىكلەردىن قاتتىق بىئارام بولىمىز ۋە غەزەپلىنىمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قاراتقان زىيارەتلىرىنىڭ چوقۇم بىۋاسىتە ۋە ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىمىز. ئاخىرىدا، بىز يەنە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ چاقىرىقلىرىغا ئاۋاز قوشۇپ چوڭ خەلقئارالىق شىركەتلەرنى ۋە دۆلەتلەرنى خىتاي زاۋۇتلىرى كىيىم-كېچەك ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئۇيغۇر مەجبۇرىيەت ئەمگىكىدىن پايدىلىنىۋاتقان ۋە بۇ ئارقىلىق يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىنى بۇلغاۋاتقان شىنجاڭدا تىجارەت قىلىشتىن قول ئۈزۈشكە چاقىرىمىز. كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ سوراقسز ھالدا داۋاملىشىشىغا ھەرگىز يول قويۇلماسلىقى كېرەك»
ساندىرا ئانتوننىڭ بىزگە ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى پىلانى بولسا بۇ زور ئوقۇغۇچىلار قوشۇنىنىڭ بېسىمى بىلەن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى دائىرىلىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ ئۇلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئەكبەر ئەسئەتنىڭ ھۆرلۈككە چىقىشى يولىدا جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا يۈز بېرىۋاتقان بۇ زور كۆلەملىك ۋەھشىيلىكلەرنى توختىتىش يولىدا يەنىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىق قىلىش ئىكەن. ساندرا بىزگە «بۇ تېخى بىر باشلىنىش» دېدى. رەيھان ئەسئەت رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ خارۋارد ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىلىرىنىڭ بۇ قوللىشىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى ۋە «مېنىڭ ئىنىم ئەكبەر ئەسئەتنىڭ ئىسمى خارۋاردتا ياڭرىدى، بۇندىن كېيىنمۇ ياڭرايدۇ» دېدى.