ئارفىيە ئېلى «دۇنياۋى ئالاھىدە ياش رەھبەرلەر» قاتارىغا تاللاندى

ئۇيغۇر پەرزەنتى، ياپونىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارفىيە ئېلى شىۋېتسارىيەدىكى دۇنياۋى ياش رەھبەرلەر مۇنبىرى (Young Global Leaders) تەرىپىدىن 2026-يىللىق دۇنياۋى ئالاھىدە ياش رەھبەرلەر قاتارىغا تاللاندى.

ئۇيغۇر پەرزەنتى، ياپونىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارفىيە ئېلى شىۋېتسارىيەدىكى دۇنياۋى ياش رەھبەرلەر مۇنبىرى (Young Global Leaders) تەرىپىدىن 2026-يىللىق دۇنياۋى ئالاھىدە ياش رەھبەرلەر قاتارىغا تاللاندى. مەزكۇر مۇنبەر مەشھۇر داۋوس يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى Economic Forum) (World تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ھەر يىلى دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، سەنئەت ۋە سودا-كارخانا ساھەسىدىكى يېشى 40 تىن تۆۋەن بولغان، دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ياش رەھبەرلەرنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزىدۇ ۋە دۇنياغا تونۇشتۇرىدۇ.

مەزكۇر مۇنبەر بۇ يىل ئارفىيە ئېلى بىلەن بىلەن 118 نەپەر دۇنياۋى ياش رەھبەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. ئارفىيە ئېلى بۈگۈن ئۆزىنىڭ X سەھىپىسىدە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ تاللىنىشنى ئۆز ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۈرۈش ۋە خىزمەتلىرىنى جانلاندۇرۇش پۇرسىتى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۆزىنىڭ شان-شەرەپكە ئېرىشىشىگە ۋەسىلە بولغان سايلىغۇچىلىرىغا، يەنى ياپونىيەنىڭ چىبا 5-رايونىدىكى ئاھالىلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى.