قەشقەردىكى خام بازىرىنىڭمۇ «ئەلالاشتۇرۇش» ئۈچۈن چېقىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى
2023.03.17
يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن تىك-توكتا قەشقەرنىڭ جەلپكار ساياھەتگاھلىردىن بىرى-خام بازىرىنىڭمۇ چېقىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر ئۇچۇر چىقتى. مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەردىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا قارىتا تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا خام بازىرى قۇرۇلۇشىنىڭ «ئەلالاشتۇرۇش» نامى ئاستىدا چېقىلىشقا باشلىغانلىقى دەلىللەندى.
يېقىندا تىك-توكقا چىققان بىر خىتايچە ئۇچۇردا قەشقەردىكى خام بازىرىنىڭ چېقىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ۋە كۆرسىتىلگەن. بايان قىلىنىشىچە، چېقىلىش ئۆتكەن ھەپتە باشلانغان ۋە كۆرسىتىلىشىچە بىر كۈن ئىچىدىلا بازاردىكى دۇكانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ پەشتاق، دېرىزە ۋە ئىشىكلىرى قومۇرۇپ تاشلانغان. قەشقەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ۋە نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان قاسىمجان ئابدۇرېھىم ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، خام بازىرى قەشقەر شەھەر مەركىزىدىكى قەدىمىي بىر بازار ۋە جەلپكار بىر ساياھەتگاھ بولۇپ، 2000 -يىللاردىن كېيىن خىتاي تىجارەتچىلىرى بۇ بازارغا كۆز تىكىشكە باشلىغان ۋە دائىرىلەر شۇ چاغدىمۇ قۇرۇلۇشلارنى «ئەلالاشتۇرۇش» نامى ئاستىدا، بۇ بازارنىڭ ئىقتىسادىي كۈچ ۋە ئىمتىيازغا ئىگە بولغان خىتاي تىجارەتچى ۋە شىركەتلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. نەتىجىدە 2010 -يىللاردىن كېيىن بۇ بازاردا خىتاي تىجارەتچىلەرمۇ بەلگىلىك نىسبەت ئىگىلىگەن، ئەمما، دۇكانلارنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا قالغان.
بىز بۇ بازارنىڭ بۇ قېتىمقى چېقىلىشنىڭ كونكرېت پىلانى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قەشقەردىكى ساياھەت ۋە بازار باشقۇرۇش تارماقلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قەشقەر ۋىلايەتلىك بازارلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى(喀什地区市场监督管理局) خادىمى دەسلەپتە بۇ قۇرۇلۇشتىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭغا بازارنىڭ چېقىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە تورلاردا ئۇچۇرلار بارلىقىنى بىلدۈرگىنىمىزدىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ چېقىلىشتىن قىسمەن خەۋىرى بارلىقى، ئەمما تەپسىلي مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن، بۇ چېقىشنىڭ كۆلىمى، مەقسىتى ۋە مۇددىئاسى ھەققىدە مەلۇمات سورىغىنىمىزدا، ئۇ خام بازىرىنى چېقىش قۇرۇلۇشى پىلانىدىن قەشقەر شەھەرلىك بازارلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتتى ۋە شۇلاردىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.
جەمئىيەت ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر بازاردا ئاساسلىقى توقۇمىچىلىق خام ماتېرىياللىرى يەنى رەختنىڭ خام ماتېرىيال ھالىتى سېتىلىدىغان بولغاچقا خام بازىرى دەپ ئاتالغان. قاسىمجان ئابدۇرېھىم ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، رەخت، كىيىم-كېچەك ۋە يېمەك ئىچمەك قاتارلىق ھەر خىل ماللار سېتىلىدىغان بۇ بازارنىڭ ئەسلى نامى «خان بازىرى» يەنى «پادىشاھ بازىرى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا تاۋۇش ئۆزگىرىشى بىلەن «خام بازىرى» غا ئايلانغان ۋە خىتاي تەرەپمۇ بۇ نامنى قوللىنىشنى تەشۋىقاتىنىڭ تۈپ غايىسىگە توغرا كۆرگەن.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قەشقەر-ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا ساياھەت شىركىتى خادىمى، خام بازىرىنىڭ چېېقىلىشقا باشلىغانلىقىنى دەلىللىدى. دۇكان ۋە بىنا قۇرۇلۇشلىرىنىڭ كونىراپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مەزكۇر خادىم، دۇكان قۇرۇلۇشلىرىنىڭ رېمونت قىلىنىش ئۈچۈن يەنى ئەلالاشتۇرۇش چېقىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ رېمونت قۇرۇلۇشىنىڭ بىر ئايدا تاماملىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئالاقىدار ۋە ئۇچۇر ئانالىزلاردىن، جۈملىدىن رادىيومىز ئىشلىگەن ئىلگىرىكى پروگراممىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ قەشقەر شەھەر قۇرۇلۇش مەدەنىيىتىنى بۇزۇش ھەرىكىتى 2000 -يىللاردىن كېيىن تېز سۈرئەتتە ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما قۇرۇلۇشلارنىڭ ساياھەتچىلىكتىكى ئىقتىسادىي قىممىتى ۋە خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى بىلەن، بىر قىسىم ئورۇن ۋە قۇرۇلۇشلارنىڭ مىللىي قىياپىتى بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلگەن.
مەزكۇر شىركەت خادىمى، خام بازىرىنىڭ بۇ چېقىش نەتىجىسىدە يوقىتىلمايدىغانلىقى، ئەكسىچە تېخىمۇ پۇختا ۋە گۈزەل ھالەتكە كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۆتكەن يىلى قەشقەر كونا بازارمۇ چېقىلغان، ئەمما ئەسلىگە كەلتۈرۈ لمىگەن؛ بازاردىكى تىجارەتچىلەر، شەھەر سىرتىغا يۆتكىۋېتىلگەنىدى.