ئەلىس ئاندېرسون: «مۇقام يۇرتى يەكەندە كۆرگەنلىرىم»
ئامېرىكانىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇزىكا ۋە فولكلور تەتقىقاتى بويىچە دوكتورلۇق ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان ئەلىس ئاندېرسون خانىم نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ھەرىكىتىدە ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقان غەربلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى. مەلۇم بولۇشىچە، ئەلىس ئاندېرسون خانىم 2012-يىلدىن 2016-يىلغىچە ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئۆگىنىش ھەمدە تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ يەنە 2012-2013-يىللاردا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن «يىپەك يولى ساداسى» ناملىق ناخشا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، «نازاكەت» دېگەن ئىسىم بىلەن ئۇيغۇرلارغا تونۇلغان. يېقىندا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەلىس ئاندېرسون خانىم ئۆزىنىڭ 2018-يىلى 6-ئاي مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان ئاخىرقى قېتىملىق زىيارىتى جەريانىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى ئاڭلاتتى.
ئەلىس ئاندېرسون خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ساياھىتىنىڭ 2-بېكىتى بولغان يەكەن زىيارىتى ئۈچۈن ئارانلا 3 سائەت ۋاقىت بەرگەن. ھالبۇكى، كوچىلىرىدا ئۇيغۇرلار ئازلاپ كەتكەن، ھەممىلا جاينى ساقچى ۋە قاراۋۇللار قاپلىغان يەكەندە كۆرگەنلىرى ئۇنىڭ خاتىرىسىدە ھېلىھەم ساقلانماقتىكەن.
ئەلىس خانىم «مۇقام يۇرتى» دەپ تەرىپلەنگەن يەكەندە كۆرگەنلىرىنى ئەسلىمە قىلىپ، ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ 2016-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن قايتىدىن ياسالغان يەكەن خان ئوردىسىنىڭ نۆۋەتتە ساياھەتچىلەر ئۈچۈن چەكلىنىپ، دەرۋازىسىغا قۇلۇپ سېلىنغانلىقىنى، ئالتۇنلۇقتىكى ئوردا مەسچىتى ۋە چىلتەن مازارلىقىنىڭ ھازىر چۆلدەرەپ قالغانلىقىنى، ئىلگىرىكى ئاۋات مەنزىرىلەردىن ئەسەرمۇ قالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. يەكەن بازىرىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ خېرىدارسىز چۆلدەرەپ قالغان دۇكانلىرى، دۇكانلارنىڭ ئىشىكىگە بېكىتىلگەن تۈرمە دەرۋازىسىنى ئەسلىتىدىغان سالاسۇنلۇق تۆمۈر ئىشىكلەر، ماللىرى سېتىلمىغانلىقى ئۈچۈن دۇكانلىرىدا خېرىدار ساقلاپ ئولتۇرغان تىجارەتچىلەرنىڭ مۇڭلۇق ۋە ھەسرەتلىك چىرايلىرى ئۇنىڭ قەلبىنى ئېزىدۇ. ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۆزىنىڭ بۇ تەسىراتلىرىنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مەزكۇر سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.