ئەنگلىيەدىكى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى» ناملىق بىر ئادۋوكاتلار گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە ۋاكالىتەن ب د ت غا تەلەپنامە سۇنۇپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنى شىكايەت قىلىشقا كىرىشكەن. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، خۇاۋېي شىركىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ياردەملىشىپ، ئالاقىدار خەلقئارا سودا قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلغان. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بولسا ئۆزىنىڭ خەلقئارا قانۇنلاردىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، خۇئاۋېينىڭ ئەنگلىيە 5G تور قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى ئۈنۈملۈك چەكلىمىگەن.
ئۇلار ب د ت نىڭ سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىغا سۇنغان تەلەپنامىسىدە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى ۋە خۇئاۋېينىڭ قىلمىشىنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر ئادۋوكاتلار گۇرۇپپىسى ئىلگىرى ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە ماھمۇت بىلەن ئەنۋەر توختىغا ۋاكالىتەن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىگىتال، مەدەنىيەت، ئاخبارات ۋە تەنتەربىيە كومىتېتىغا تەلەپنامە سۇنۇپ، خىتاي تېخنولوگىيە شىركىتى خۇئاۋېينىڭ ئەنگلىيە 5G تور قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش لاياقىتىنى ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇلار خۇئاۋېينىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىغا ياردەملەشكەنلىكى، ھەر خىل دەلىللەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەزكۇر ئادۋوكاتلار گۇرۇپپىسى ئىلگىرى ئەگەر ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە جىددىي قارىمىسا ئۆزلىرىنىڭ قانۇنى چارىلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئادۋوكاتلار گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى، ئۇيغۇر پائالىيەتلىرىنىڭ ئادۋوكاتى مايكېل پولاك 30-ئىيۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىلىرىگە دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
مايكېل پولاك مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇزۇندىن بېرى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇقنى ھېسابقا ئېلىشقا بېسىم ئىشلىتىپ كەلدۇق. بىز بۇنىڭدا ھەر خىل يوللارنى قوللاندۇق. بىز ئەمدى ب د ت غا ئۆزىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەلەپنامىمىزنى سۇنىمىز. بەلكىم بۇ كەلگۈسى بىر قانچە كۈن ئىچىدە بولۇشى مۇمكىن. بىز ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىگىتال كومىتېتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلدۇق. بىز ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئامىللارنى نەزەردە تۇتۇشىنى، بولۇپمۇ تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلىكىنىڭ دوكلاتى ۋە ئۇنىڭدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئامىللىرىنى كۆزدە تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقققا ياتىدىغان خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ئېغىر ۋەقە. شۇڭا بىز ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارشى كۈچلۈك پوزىتسىيە ئىپادىلەپلە قالماي، بۇنىڭغا چېتىشلىق خىتاي شىركىتىگىمۇ كۈچلۈك پوزىتسىيە ئىپادىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز»،
ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئەنگلىيەدىكى «دەس تۇرۇش فوندى» ناملىق قۇللار ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى لۇك دې پۇلفورتنىڭ قارىشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خۇاۋېينى ئەنگلىيەنىڭ 5G قۇرۇلۇشىغا قەتئىي قاتناشتۇرماسلىقى كېرەك ئىكەن. ئۇ بۇنىڭدا ئەنگلىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى نەزەردە تۇتۇشىنى تەلەپ قىلدى.
لۇك دې پۇلفورت مۇنداق دەيدۇ: «ئىككى سەۋەب بىزنىڭ خۇاۋېي بىلەن سودا قىلماسلىقىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىرى، دۆلەت بىخەتەرلىك خەۋپى. چۈنكى، خۇئاۋېينىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار. ئۇلار بۇنى ئىنكار قىلسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدا ھېچقانداق گۇمان يوق. ئىككىنچى سەۋەب، بەلكىم ئەڭ مۇھىم سەۋەب خۇئاۋېينىڭ شىنجاڭدىكى بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بىلەن بولغان ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋىتى. ئۇلار ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىلىكلەرگە چوڭقۇر ئىشتىراك قىلىپ كەلدى. مۇشۇ ئىككى سەۋەب تۈپەيلى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خۇاۋېيغا چەكلىمە قويۇپلا قالماسلىقى، بەلكى ئۇنى بىزنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىمىزدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىشى كېرەك».
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خۇاۋېي مەسىلىسىدە ئىزچىل دېلىغۇل بولۇپ كەلگەن. ئۇ بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا خۇاۋېي شىركىتىنىڭ بەزى ئۇل-ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتنىشىشىغا چەكلىمە قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن CNBC قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ جەنۇبىي كەمبىرىج رايونلۇق مەجلىسى ئۆتكەن ھەپتە خۇئاۋېينىڭ 1 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ، كەمبىرىج رايونىدا بىر كومپيۇتېر ئۆزەك تەتقىقات مەركىزى قۇرۇشىغا يېشىل چىراغ ياققان. لېكىن لۇك دې پۇلفورتنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى قىيىن ئەھۋالدا بولۇپ، ئۇ ئەنگلىيە پارلامېنتىدا خۇئاۋەيغا ئالاقىدار كۈچلۈك قارشىلىققا دۇچ كەلمەكتىكەن.
لۇك دې پۇلفورت مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىرقانچە سەۋەبلەر تۈپەيلى ھازىر قىيىن ئەھۋالدا. بىرىنچىدىن پارلامېنتتىكى نۇرغۇن ئەزالار ئۇنىڭ خۇئاۋېي بىلەن ھەمكارلىشىشىغا قارشى. پارلامېنتتىكىلەر بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن خۇئاۋېينىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قوللىمايدۇ. ھازىرچە 60 پارتلامېنت ئەزاسى ئوچۇق قارشى تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ. شۇڭا مەن خۇئاۋېينىڭ 5G قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دەپ قارايمەن. ھازىر يۇقىرى پالاتادا بىر قانۇن تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇلۇپ، ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قالدى. بۇ قانۇن كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا ئىشتىراك قىلغان ھەرقانداق شىركەتنىڭ ئەنگلىيە تور قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى چەكلەيدۇ. بۇ قانۇن دەل خۇاۋېيغا چۈشىدۇ».
ئادۋوكات مايكەل پولاكنىڭ تەكىتلىشىچە، خۇئاۋېي شىركىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق باستۇرۇشىدا ھالقىلىق رول ئوينىماقتىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردە خۇئاۋېينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر خەلقى ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ سىستېمىلىق باستۇرۇلۇشىدا ھالقىلىق رول ئويناۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ باستۇرۇشنى تېخنولوگىيە بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنىڭغا ئەمىلى ياردەم بېرىۋاتقنالىقىغا دائىر نۇرغۇن دەلىللەر بار. بىز تەلەپنامىمىزدە خۇئاۋېينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقىمۇ چېتىلغانلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق».
«ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى» گۇرۇپپىسى 30-ئىيۇن ئۆزلىرىنىڭ ب د ت غا يوللايدىغان 18 ماددىلىق تەلەپنامىسىنى رادىيومىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «تەن جازاسى، قۇل قىلىش، ئاھالىلەرنى مەجبۇرى يۆتكەش، تۈرمىگە تاشلاش، ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش ئارقىلىق خەلقئارا قانۇنلارنىڭ تۈپ پرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلىش، توي قىلىش ۋە ھامىلىدار بولۇشقا مەجبۇرلاش، دىن، ئېتنىك ۋە ئىرق ئاساسىدا جازالاش ۋە مەجبۇرى غايىب قىلىۋېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقى»، «دەلىللەر خۇئاۋېينىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياردەملىشىپ، خەلقئارا قانۇننىڭ جۇش رۇگېن قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقى» تەكىتلەنگەن.
0:00 / 0:00