ئەنگلىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» قۇرۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.07.25
DUQ-reisi-engiliye-parlameentida-1.jpg د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋەزىيىتى ۋە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش» يىغىنىدا سۆز قىلدى. 2019-يىلى 24-ئىيۇل، لوندون.
RFA/Ekrem

24-ئىيۇل ئەنگلىيە پارلامېنتىدا جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ھەمدە «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» قۇرۇلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 24-ئىيۇل ئەنگلىيە پايتەختى لوندونغا يېتىپ كېلىپ، ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋەزىيىتى ۋە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش» يىغىنىغا قاتناشقان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 24-ئىيۇل كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يىغىن خاتىمىسىدە «بارلىق پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ ئاۋاز قوشۇشى» بىلەن «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» قۇرۇلغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ دىنىي ساھەدىكى زۇلۇم ۋە جازا لاگېرلىرىدىكى ئېغىر باستۇرۇشلار توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەن.

لوندوندىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن رەھىمە خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا ئالدى بىلەن «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان زور ئەجىرلەر سەرپ قىلغانلىقىنى، نەتىجىدە 24-ئىيۇل كۈنى بۇ گۇرۇپپىنىڭ نەتىجىلىك قۇرۇلغانلىقىنى شۇنداقلا بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» دىن ئورۇن ئالغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭمۇ بۇ گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەنگلىيەدە بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان پائال ھەرىكەتلەردە بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

رەھىمە خانىمىڭ بايان قىلىشىچە، «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى ئاۋازى بولۇش رولىنى ئۆتەيدىكەن. ئۇنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى مۇھىم ۋەزىپىسى تېخىمۇ كۆپ پارلامېنت ئەزالىرىنى بۇ گۇرۇپپىغا ئەزا قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتىدا دائىما كۈنتەرتىپتە تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىكەن.

دولقۇن ئەيسا ئەنگلىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلۇشىنى «ئوخشاش بولمىغان پارتىيەلەرنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە پارلامېنتتا ئورتاق مەيداندا تۇرۇشى» نىڭ باشلىنىشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

د ئۇ ق رەئىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پات پۇرسەتتە ئەنگلىيە پايتەختى لوندون شەھىرىدە د ئۇ ق نىڭ مەخسۇس ئۇيغۇر دەۋاسى بىلەن مەشغۇل بولىدىغان تارماق ئىشخانىسى تەسىس قىلىنىدىكەن ھەمدە پارلامېنت ۋە «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» بىلەن بولغان ئالاقىلەرنى بۇ ئىشخانا ئۈستىگە ئالىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.