ناخشىچىسى ئەركىن ئابدۇللا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيان ئۆزىنىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇر تىلىدا ئېيتقان ناخشىلىرى بىلەن خىتاي ئىچىدە تونۇلغان ئىدى.
ناخشىچى ئەركىن ئابدۇللانىڭ 2017-يىلى خىتايدىن ئايرىلىپ، ئائىلىسى بىلەن ئامېرىكانىڭ لوس-ئانجىلېس شەھىرىدە ياشاۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان مىليونلىغان ئۇيغۇرلار «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان، ئۇيغۇر دىيارىدا سەنئەتكارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇر سەرخىللىرى تۇتقۇن قىلىنغان، ئۇيغۇرلار تارىخنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ دەۋرلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىۋاتقان يېقىنقى 5 يىلدىن بۇيان، ئەركىن دۇنيادا «سۈكۈت» قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىدە كۆپلىگەن سوئاللارنى پەيدا قىلغان ئىدى.
ھالبۇكى، ئامېرىكادا ئۇزۇن بىر مەزگىل سۈكۈتتە تۇرغان ناخشىچى ئەركىن ئابدۇللا يېقىندا مەخسۇس ئېلان بېرىپ، ئۆزىنىڭ 3-ماي ئۆتكۈزىلىدىغان خىتاينىڭ «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق تەشۋىقات پروگراممىسىغا قاتنىشىپ، بىر تۈركۈم يېڭى ناخشىلارنى تاماشىبىنلار دىققىتىگە سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەركىن ئابدۇللانىڭ ئۆز ئاۋازى بىلەن بېرىلگەن بۇ ئېلان، بىرنەچچە كۈندىن بۇيان فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ھەقتە ئىنكاس يېزىپ، ئەركىن ئابدۇللانىڭ ئامېرىكادەك ئەركىن ۋە دېموكراتىك دۆلەتتە ياشاپ تۇرۇقلۇق، خىتاي تەشكىللىگەن «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق تەشۋىقات پروگراممىسىدا ناخشا ئېيتماقچى بولغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئۇلار يەنە ئۇيغۇرلار پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بىلەن خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئەركىن ئابدۇللانىڭ ئۆز خەلقىنىڭ ئاۋازى بولماي، بەلكى خىتاينىڭ تەشۋىقات پروگراممىسىدا ناخشا ئېيتماقچى بولغانلىقى، ئۇنىڭ تارىخنىڭ خاتا تەرىپىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى، دەپ قارىماقتا.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ناخشىچى ئەركىن ئابدۇللانىڭ بۇ مەسىلىدىكى شەخسىي پىكرى ۋە قاراشلىرىنى ئېلىپ كۆرۈشكە تىرىشتۇق. ھالبۇكى، ناخشىچى ئەركىن ئابدۇللا بىزنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئۇرغان تېلېفونلىرىمىزنى جاۋابسىز قالدۇردى.
ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئىنژېنىرى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ناخشىچى ئەركىن ئابدۇللانىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ لوس-ئانجىلېس شەھىرىدە ياشايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ كالىفورنىيەدىكى ئۇيغۇرلار تەشكىللىگەن پائالىيەتلەرگە قاتناشمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئالاقە دائىرىسىنىڭ پەقەتلا خىتايغا ئەركىن بېرىپ كېلەلەيدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر بىلەنلا چەكلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، مىليونلىغان ئۇيغۇرلار لاگېرلارغا قامالغان، بىر پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بويىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان، بۈگۈنكىدەك ئېغىر كۈنلەردە ئەركىن ئابدۇللادەك بىر ناخشا چولپانىنىڭ ئامېرىكادا ياشاپ تۇرۇپمۇ بۇ ئەھۋالغا قارىتا ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمەسلىكى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەركىن ئابدۇللانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن سىياسىي تەشۋىقات خاراكتېرلىق سەنئەت پروگراممىسىدا ناخشا ئېيتىشى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ئەسلا قوبۇل قىلالمايدىغان بىر ئىش ئىكەن.
دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى يەنە بۈگۈنكى كۈندە چەت ئەللەردە ئۆزىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئەركىن ئابدۇللا بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاۋسترالىيەدە «ئۇيغۇر مۇقام ئانسانبۇلى» نى قۇرۇپ، ئۇيغۇر ناخشا-مۇقاملىرىنى ئورۇنلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى قىيىن ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان مۇقامچى شۆھرەت تۇرسۇن، بىر سەنئەتكار ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆز خەلقىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش، ئۇلارنىڭنىڭ ئاۋازى بولۇشنىڭ بىر ۋىجدانىي مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ھەرقانداق بىر سەنئەتكارنىڭ ئۆز كەسپى ئۈچۈن بەزىدە قىيىن تاللاشقا دۇچ كېلىدىغان مەزگىللىرىمۇ بولىدىكەن. ئۇ ئۆز كەسپدىشى بولغان ئەركىن ئابدۇللانىڭ ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن سۆيۈلگەن بىر ناخشىچى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۈگۈنكى ئەڭ قىيىن كۈنلەردە تارىخنىڭ خاتا تەرىپىدە تۇرماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رەھىمە مەخمۇت خانىم يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ ياڭراق ناخشىلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئاۋازى بولۇشتا ئاكتىپ رول ئويناپ كەلەەن سەنئەتكارلارنىڭ بىرى. ئۇ يېقىندا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، بىر سەنئەتكار ئۈچۈن خەلقىنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈنلەر كەنگەندە ئۇلارنىڭ ئاۋرازى بولۇش ھەم ئۆزىنىڭ ۋىجدانىي بۇرچىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم تاللاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى زىيارىتىمىز جىەريانىدا يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن قالدۇرغان داڭلىق ناخشىچى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش-ئىزلىرىنى تىلغا ئېلىپ، ناخشىچى ئەركىن ئابدۇللانىڭ ۋىجدانىغا سوئال تاشلىدى.
شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر سەنئەتكار مۇختەر ئابدۇكېرىم جانباز ئەپەندىمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر خەلق تەرىپىدىن «ناخشا چولپىنى» دەپ ھۆرمەتلەنگەن، «گىتتار شاھى» دېگەندەك شەرەپلىك ناملارغا نائىل بولغان ناخشىچى ئەركىن ئابدۇللانىڭ ئۇيغۇرلار تارىخنىڭ ئەڭ ئېغىر دەقىقىلىرىدە تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، يەنى بۇ يىللىق روزا ھېيت ھارپىسىدا، مەخسۇس ئېلان بېرىپ خىتاي تەشكىللىگەن «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق پروگراممىدا ناخشا ئېيتماقچى بولغانلىقى، ھەقىقەتەنمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ۋە ئېچىنارلىق ئەھۋال ئىكەن.
ناخشىچى ئەركىن ئابدۇللا «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق پروگراممىدىكى ناخشىلىرى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن. ئەمما ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىرەيلەننىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئەركىن ئابدۇللانىڭ يۇتۇپتىكى مەخسۇس ناخشا ئالبۇمىدا ئۇنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئېلان قىلغان «مېنى ئەسلە»، «شامال» قاتارلىق بىر تۈركۈم يېڭى ناخشىلىرى بىلەن خىتايچە ئېيتقان بىر قىسىم ناخشىلىرى بار ئىكەن. ئەركىن ئابدۇللانىڭ ئامېرىكا ۋاقتى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى يۇتۇپ قانىلىدا يېڭىلىغان ناخشا ئالبۇمى ئىچىدە 63 پارچە ناخشا قويۇلغان بولۇپ، بۇ ناخشىلارنىڭ زور كۆپ قىسمىنى ئۇنىڭ خىتاي تىلىدا ئورۇندىغان ناخشىلىرى تەشكىل قىلغان ئىكەن. مەزكۇر تىزىملىكتىكى ناخشىلار ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ تىزىلغىنى خىتايدا 1960-يىللاردا ئىشلەنگەن «مۇز تاققا كەلگەن مېھمان» فىلىمىدىكى «گۈل نېمە ئۈچۈن شۇنچە قىزىل» دېگەن ناخشىنىڭ قايتا ئاكورتلاشتۇرۇلۇپ ئېيتىلغان يېڭى نۇسخاسى ئىكەن.