يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ 20 يىللىق كېسىلگەنلىكى، كېسىلىشىگە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنىڭمۇ سەۋەب بولغانلىقى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021.04.23
يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ 20 يىللىق كېسىلگەنلىكى، كېسىلىشىگە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنىڭمۇ سەۋەب بولغانلىقى دەلىللەندى 20 يىللىق كېسىلگەنلىكى دەلىللەنگەن يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر («ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسىدىن ئېلىندى).
Social Media

يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئەڭ دەسلەپتە تىزىمغا ئالغان نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇريار» فوندى يازغۇچى ھەققىدە ئىگىلىگەن يەنە بىر قاتار ئۇچۇرلىرىنى رادىيومىزغا يەتكۈزدى. ديىلىشىچە، ئەختەم ئۆمەر 20 يىللىق كېسىلگەن ۋە كېسىلىشىگە ئۇنىڭ كىتاپلىرىدىن باشقا ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىمۇ سەۋەپ بولغان. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى بۇ داۋامىدا بۇ ئۇچۇرلارنىڭمۇ توغرىلىقى دەلىللەندى.

تۆنۈگۈنكى ئېنىقالاشلىرىمىز داۋامىدا يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ تۇتۇلۇشىغا «قارچۇغا بالىسى» قاتارلىق كىتابلىرى ۋە مىسىردا ئوقۇۋاتقان جيەنىگە پۇل سالغانلىقىنىڭ سەۋەپ بولغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. بۈگۈن «ئۇيغۇريار» فوندى تەمىنلىگەن يېڭى يىپ ئۇچلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەختەم ئۆمەر سوراق قىلىنىش جەراينىدا يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە 1994‏-يىلى قىلغان تۈركىيە سەپىرى، ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەردىن ئىئانە توپلىشى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىردىكى ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت ۋە ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدىمۇ ھېساپ بەرگەن.

Koydurulgen-Kitap-Extem-Omer-Qarchugha.jpg
خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يىغىۋېلىنىپ كۆيدۈرۈلۈۋاتقان كىتابلار ئارىسىدىكى ئەختەم ئۆمەرنىڭ تۇتۇلۇشىغا سەۋەب بولغان ئاپتورنىڭ «قارچۇغا بالىسى» ناملىق كىتابى.

يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر ھەققىدە ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئۇنىڭ سابىق ئىش ئورنى بولغان تەڭرىتاغ كىنو ئىستودىيەسى ئەختەم ئۆمەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى ئىزچىل ھالدا رەت قىلدى. مەكىتتىكى ساقچىخانا خادىملىرى ئەختەم ئۆمەرنىڭ جيەنى ئىسكەندەر ئەنۋەرنىڭ 13 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى دەلىللەش بىلەن بىرلىكتە، ئىسكەندەرنىڭ تاغىسى يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ 20 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئەختەم ئۆمەرنىڭ كىتابلىرىنى قالدۇرماي ئوقۇپ كەلگەن مۇھاجىرەتتىكى بىر كىتابخان يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ بۇ دەرىجىدە ئېغىر كېسىلىشىگە ئاساسلىقى ئۇنىڭ قەلەم كۈچىنىڭ سەۋەپ بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. دېيلىىشىچە، ئەختەم ئۆمەر ئىجادىي ھاياتىدا سىياسىي چاقىرىقلارغا ئەمەس، سەنئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە قۇلاق سالغان. ئەسەرلىرىدە زاكاس تەلىماتلارنى ئەمەس، مىللىي روھ ۋە ئىرادىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. يەنە دىيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا1980 ‏-يىللاردا زور بىر تۈركۈم يازغۇچىلار خىتاينىڭ «3‏-ئومۇمىي يىغىنى» دىن كېيىنكى ئاتالمىش تەرەققىياتلار ھەققىدە قەلەم يورغىلاتقان بولسا، ئەختەم ئۆمەر «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دىن ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەكلىرىدە قېلىپ قالغان داغ ۋە ھەسرەتلەر ئۈستىدە قەلەم تەۋرەتكەن. 1990 ‏-يىللاردا يەنە بىر تۈركۈم يازغچىلار خىتاينىڭ «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋىتىش» سىياسىتىنى تەرەققىيات دەپ مەدھىيە ئوقۇغان بولسا، ئەختەم ئۆمەر بۇنى «زۇلۇمنىڭ شەكىل ئۆگەرتىشى» سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن. بەزىلەرتارىخنىڭ چاقىىنى ئالغا سۈرگەن ئاتالمىش قەھرىمانلار ئۈستىدە قەسىدىلەر يازغان بولسا، ئەختەم ئۆمەرتارىخنىڭ چاقى ئاستىدا ئېزىلگەن چارىسىزلارنى قەلەمگە ئالغان. يەنە دىيىلىشىچە، ئەختەم ئۆمەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ھېكايىچىلىقتىن ئاخباراتقا، يازغۇچىلىرىنى خىيالدىن رېئاللىققا يېتەكلىگەن.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ 20 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ كېسىلىشىگە سەۋەپ بولغان ئىجادىي ھاياتىنىڭ خاسلىقلىرى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.