1-دېكابىر كۈنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن خەلقئارا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى.
دۇنيا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى ھارپىسىدا، خىتاي دۆلەتلىك ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلغان ئەيدىز يۇقۇم ۋەزىيىتى توغرۇلۇق دوكلات، خەۋەرلەر ۋە سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى دىياگنوز قويۇلغان ئەيدىز بىمارى بىر مىليون 350 مىڭدىن ئاشىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر ئادەتتە مەلۇم بولغان ئەيدىز سانىنى 6 ھەسسىگە كۆپەيتىش ئارقىلىق ئەمەلىي يۇقۇمدار سانىنى چىقىرىدىكەن.
ئەمما خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا تارقىلىۋاتقان بەزى سىنلىق ئاگاھلاندۇرۇشلاردا، ئەيدىزنىڭ خىتايدا يەنىمۇ شىددەت بىلەن يامراۋاتقانلىقى، ھەتتا ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا تارقىلىشنىڭ ئەڭ جىددىي ئىكەنلىكى ئاشكارىلانماقتا.
دوكلاتلاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز يۇقۇم ۋەزىيىتى ھەققىدە پەقەت: «2024-يىلى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىغا دىياگنوز قويۇلغانلار سانى يۈز مىڭ، مەملىكەت بويىچە 6-ئورۇندا تۇرىدۇ» دېگەن قىسقىچە مەلۇماتتىن باشقا تەپسىلىي مەلۇماتنى ئاشكارىلانمىغان.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ رەسمىي تور بېتىگە قارىغاندا، رايوندىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى %0.1. بۇنىڭ ئىچىدە، %67.9 جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقۇملانغان (ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ ئالاقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، %24.9 كىشى تومۇردىن زەھەر چېكىملىك ئوكۇلى ئۇرۇش ئارقىلىق يۇقۇملانغان.
خىتاي دائىرىلىرى گەرچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز يۇقۇم ۋەزىيىتىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئېيتىلىۋاتقان بولسىمۇ، ھالبۇكى ئۇيغۇر ئىلىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەيدىز، ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
«شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىلىدىغان خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ 1-دېكابىردىكى خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ گوجوڭ، دۇنيا ئەيدىز كۈنى مەخسۇس سىن ئارقىلىق قەشقەر ۋىلايەتلىك بىرىنچى خەلق دوختۇرخانىسىنى زىيارەت قىلغان. بۇ دوختۇرخانىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمى 1974-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەيدىزنى داۋالاشتىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ چوڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ئىكەن. بۇ دوختۇرخانىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، نازارەت قىلىش، داۋالاش ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا ئەھۋال ئىگىلىگەن ليۇ گوجوڭ: «پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن، دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئومۇمىي تارقىلىشى تۆۋەن يۇقۇملۇق ھالەتتە كونترول قىلىندى» دېگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇر رايونىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش يەنىلا خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
ليۇ گوجوڭ: «ھازىر، ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار مۇرەككەپ ۋە كۆپ خىل بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش يەنىلا مۈشكۈل» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى رەسمىي باشلىغان 2017-يىلىدىن بۇيان، رايوندىكى ئەيدىز يۇقۇم ۋەزىيىتى توغرىلىق يىللىق دوكلات ئېلان قىلىشنى تامامەن توختاتقانىدى. خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىلمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا ئەيدىز كۈنى پائالىيەتلىرى توغرۇلۇق تەشۋىقات خەۋەرلىرىدىن باشقا ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىمىدى.
ھالبۇكى 2024-يىلى مارتتا خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە باشقا جىنسىي كېسەللەرنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى گىرافىكىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى يوشۇرۇن تەھدىت ئاشكارىلانغانىدى.
خىتاي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى-3 ئايدا ئېلان قىلغان بۇ ئىستاتىستىكىسىدا 2021-يىلىدىن 2023-يىلغىچە، خىتايدىكى جەمئىي 32 ئۆلكە ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق چوڭ شەھەرلەردىكى ئەيدىز، سىفلىس قاتارلىق جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش ۋەزىيىتى گىرافىكلاشتۇرۇلغان. مەزكۇر گىرافىكتا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئەيدىز يۇقتۇرۇۋالغۇچىلار سانى ھەر 10 مىڭدا 5.43 بولۇپ، خىتاي بويىچە 7-ئورۇندا؛ سىفلىس كېسىلى بىمارلىرى سانى ھەر 10 مىڭدا 73.04 بولۇپ، خىتاي بويىچە 2-ئورۇندا ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەنىدى.
خىتايدىكى دوۋيىن قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ۋىدىيولاردىن بولسا يېقىندىن بۇيان ئەيدىز ۋىرۇسىلا ئەمەس بەلكى سىفلىسقا ئوخشاش جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ رايوندا كەڭ تارقىلىپ، خەۋپ ياراتقانلىقى بىر قەدەر جىددىي تېمىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، سىفلىس ئۆتكەن يىگىرمە يىلدا خىتايدا تېخىمۇ كۈپ كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىشقا باشلىغان. ئۇيغۇر ئېلىدە بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدا سىفلىس ئىنتايىن تېز تارقىلىۋاتقان بولۇپ، ئىنكاسلاردا دېيىلىشىچە، بۇ، ئەيدىزدىنمۇ خەتەرلىك ھەقىقىي «كۆرۈنمەيدىغان قاتىل» غا ئايلانماقتىكەن.
ئۇيغۇرچە: سىفىلىس، ئىنگلىزچە: syphilis، خىتايچە: 梅毒 دەپ ئاتىلىدىغان بۇ كېسەلنىڭ ئادەتتە، خانىم قىزلار تېرە كېسەللىكلىرى، ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە ياكى ئەرلەر تېرە كېسەللىكلىرى، سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە تەۋە كېسەللىك بولۇپ، بۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ خەتىرى ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىنى سورىدۇق. ياۋروپادىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاياللار كېسەللىكلىرى بويىچە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر دوختۇر ئۆزىنىڭ بۇ ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، سىفلىس كېسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقۇملۇق جىنسىي كېسەللىكلەرنى پەقەت جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەنلا يۇقىدۇ دەپ چۈشىنىۋالماسلىق كېرەك ئىكەن. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، %90 دىن يۇقىرى جىنسىي كېسەللىك جىنسىي ئالاقە سەۋەبىدىن يۇقىدۇ. شۇڭلاشقا كۆپىنچە كىشىلەر پەقەت جىنسىي يول بىلەن يۇقىدۇ دەپ چۈشىنىدۇ. سىفىلىس كېسىلى باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىش بولۇپ، ئادەتتە جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدۇ. بۇ كېسەللىك دەسلەپتە جىنسىي ئەزا، تۈز ئۈچەي ياكى ئېغىزدا ئاغرىقسىز يارا سۈپىتىدە (شانكر) پەيدا بولىدۇ. سىفلىس تېرە ياكى شىللىق پەردە ئۇچرىشىش ئارقىلىق كىشىدىن كىشىگە تارقىلىدۇ. تۇنجى قېتىم سىفىلىس باكتېرىيەسىگە يۇقۇملانغاندىن كېيىن، سىفلىس باكتېرىيەسى بەدەندە كېسەل ئالامەتلىرى پەيدا قىلىشتىن بۇرۇن، بەدەندە يوشۇرۇن ھالەتتە قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى، بۇ يوشۇرۇن دەۋرى ھەتتا 10 يىللارغىچە سوزۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، سىفىلىس يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە داۋالىنىپ تەلتۆكۈس ساقىيىش ئاسان، بەزىدە پەقەت بىرلا قېتىم ئانتىبىئوتىك يىڭنىسى (پېنىتسىللىن دورىسى) ئۇرۇش ئارقىلىقلا ساقىيىپ كېتىش مۇمكىن. ئەمما سىفىلىس ئەگەر داۋالانمىسا، پۈتۈن بەدەندىكى باشقا ئەزالارغا ئېغىر زىيان سالىدۇ ھەمدە ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. سىفلىسنىڭ ئانىدىن تېخى تۇغۇلمىغان تۆرەلمە بوۋاققا يۇقۇش ئېھتىماللىقىمۇ بار ئىكەن. دېمەك بۇ، كىشىلەرنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيىتىگىلا ئەمەس ھەتتا كېيىنكى ئەۋلادلىرىغىچە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىكەن.
بۇ خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىگە ئىگە مۇتەخەسسىسلەردىن، تۈركىيەدىكى مۇدىر ۋىراچ مۇتەللىپ ھاجى ئەمچى ئەپەندى، سېفلىس كېسىلىنىڭ يۇقۇش خەتىرى ۋە يامان ئاقىۋەتلىرىدىن ئاگاھلاندۇردى.
دوختۇر مۇتەللىپ ھاجىم، سىفلىسنىڭ كىشىلەردىكى سەل قاراش ياكى مەسئۇلىيەتسىزلىك، يوشۇرۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن تېز تارقىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ۋە جەمئىيىتىگە ئىنتايىن زور سەلبىى ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ئۇ: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ياكى سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ھەر جەھەتتىن يوقىتىلىشقا ئۇچراۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە ئەخلاقى ۋە جىسمانىي پاكلىقىنى ساقلىشى ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسىدۇر، بۇ، ھەر قانداق ۋاقىتتىنمۇ مۇھىم» دېدى.