گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرى: «ئۇيغۇرلار مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئىنكار قىلىندى ۋە تاشلىۋېتىلدى»
2023.01.19

«دۇنيا مۇسۇلمان جامائەتلىرى كېڭىشى» نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيارىتى گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ تەنقىدكە ئۇچرىدى.
14 دۆلەتتىن كەلگەن «دۇنيا مۇسۇلمان جامائەتلىرى كېڭىشى» گە ئەزا 30 مۇسۇلمان «ئۆلىمالىرى» نىڭ 1-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان زىيارەتلىرى ۋە خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنى قوللاپ قىلغان سۆزلىرى گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان ۋە بۇ خۇسۇستا تۈرلۈك ماقالە، خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغانىدى. بۇلاردىن دىققەتنى تارتقان بىرى، گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «فرانكفۇرت مۇنازىرىسى» ناملىق كۈندىلىك گېزىتتە 13-يانۋار كۈنى ئېلان قىلىنغان «خىتايدىكى ئۇيغۇرلار: مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئىنكار قىلىندى ۋە تاشلىۋېتىلدى» ناملىق ماقالىدۇر.
ماقالىغا مۇنۇ جۈملە ئىلاۋە قىلىنغان: «ئاز دېگەندە 1 مىليون ئۇيغۇر خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، مۇسۇلمان ئۆلىمالىرى خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى توغرىغا چىقاردى».
ماقالە مۇنداق باشلىنىدۇ: «خىتاي 1-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان 14 دۆلەتتىن 30 نەپەر ‹ئۆلىما› نى ئۇيغۇرلار ‹شەرقىي تۈركىستان› دەپ ئاتايدىغان ئۆلكىگە زىيارەتكە تەكلىپ قىلدى. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىدا بايان قىلىنىشىچە، ‹دۇنيا مۇسۇلمان جامائەتلىرى كېڭىشى› نىڭ بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئالىي راشىد ئال-نۇئائىمى يېتەكچىلىك قىلغان. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتى ھېسابلانغان شەھەرلەرنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان. ‹دۇنيا مۇسۇلمان جامائەتلىرى كېڭىشى› نىڭ باياناتىدا نۇئائىمى خىتاينىڭ سۆزلىرىنى تەكرارلاپ، باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ‹شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى› دېگەن».
ماقالىدا ‹دۇنيا مۇسۇلمان جامائەتلىرى كېڭىشى› نىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، بۇ ئاتالمىش «ئۆلىمالار» نىڭ زىيارىتىنىڭ خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىغا دەسمايە بولۇپ بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ماقالىنىڭ «غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا سۆزلەشمەكتە» ناملىق بۆلىكىدە، ئامېرىكا باشلىق بىرقىسىم غەرب ئەللىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقى، ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ بۇ زوراۋانلىقلىرىغا ئىزچىل كۆز يۇمۇپ ياكى ئۇنى ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنى قوللىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ خىتاي بىلەن بولغان قويۇق ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى ئىزھار قىلىنغان.
ماقالىدا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ زىيارەت ئوبيېكتى قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىپادىلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن. ماقالىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ: «د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تەھرىرلىرىمىزگە ‹تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىمۇ زىچ بىر ئىقتىسادىي ھەمكارلىق بار. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئەنقەرە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنى ئويلاشماقتا› دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى».
9-يانۋاردىن باشلاپ د ئۇ ق نى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھاجىرەتتىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى «دۇنيا مۇسۇلمان جاما´ئەتلىرى كېڭىشى» نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيارىتىنى ئەيىبلەپ باياناتلار ئېلان قىلغانىدى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن، 17-يانۋار بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا سىياسىي، ئىقتىسادىي ياكى ئىجتىمائىي جەھەتتىن ھېچبىر ئورنى بولمىغان بۇ تەشكىلاتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىنىڭ مۇسۇلمانلار ئالىمىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا چاپان ياپالمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
«فرانكفۇرت مۇنازىرىسى» گېزىتى مەزكۇر ماقالىنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، گېرمانىيەدىكى بىرقىسىم چوڭ مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ‹ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى› مەسىلىسىگە قارىتا پوزىتسىيەلىرىنى سورىغان. بىراق مەيلى «دىيانەت ئىشلىرى تۈرك ئىسلام بىرلىكى» بولسۇن، مەيلى «مىللىي گۆرۈش» بولسۇن ياكى «ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى جەمئىيىتى» بولسۇن، ھېچبىر تەشكىلات ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمىگەن. ماقالىنىڭ «گېرمانىيەدىكى مۇسۇلمانلار جەمئىيەتلىرىمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئىزچىل سۈكۈت قىلماقتا» ناملىق بۆلىكىدە، ئۇلارنىڭمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا كۆز يۇمۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىدىن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدېن ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختالغاندا، «دۇنيا مۇسۇلمان جامائەتلىرى كېڭىشى» نىڭ «شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيارىتىنىڭ خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىقىدىن ئىبارەت بولغانلىقى» نى دۇنيانىڭ بىلىپ يەتكەنلىكىنى، يالغۇز گېرمانىيەدىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ئەيىبلەشلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلدى.
«خىتايدىكى ئۇيغۇرلار: مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئىنكار قىلىندى ۋە تاشلىۋېتىلدى» ناملىق ماقالىدا يەنە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 2023-يىللىق دوكلاتىدا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، د ئۇ ق رەئىسىنىڭ ئاز دېگەندە 3 مىليون ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقى، «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نىڭ مىڭلىغان ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ سۈرەتلىرىنى ئاشكارىلىغانلىقى ھەمدە بۇ ھۆججەتلەردە «قاچقانلارنى ئېتىپ تاشلاش» بۇيرۇقنىڭمۇ يەر ئالغانلىقى، جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن-قىستاق، جىنسىي زوراۋانلىق، تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە دۇچ كېلىپ خورلىنىۋاتقانلىقى شەرھلەنگەن.