گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭ دوستلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ «ئورتاق ناشتىلىق» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن

0:00 / 0:00

22-فېۋرال سەھەردە گېرمانىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى»، «تىبەت دوستلۇق گۇرۇپپىسى»، «خوڭكوڭ دوستلۇق گۇرۇپپىسى» بىرلىكتە گېرمانىيە پارلامېنتى بىلەن بىرلىشىپ «ئورتاق ناشتىلىق» پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. مەزكۇر سورۇنغا داخىل بولغان د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ پائالىيەتكە گېرمانىيەدىكى ئوخشىمىغان پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىللىرى، ئاقىللار ئامبىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى، ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر، خوڭكوڭلۇقلار بولۇپ 70 كە يېقىن كىشى قاتناشقان. پائالىيەتتە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ خوڭكوڭ، تىبەتلەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئاساسىي سۆز تېمىسى بولغان.

گېرمانىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى»، «تىبەت دوستلۇق گۇرۇپپىسى»، «خوڭكوڭ دوستلۇق گۇرۇپپىسى» بىرلىكتە گېرمانىيە پارلامېنتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «ئورتاق ناشتىلىق» پائالىيىتىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 22-فېۋرال، بېرلىن
گېرمانىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى»، «تىبەت دوستلۇق گۇرۇپپىسى»، «خوڭكوڭ دوستلۇق گۇرۇپپىسى» بىرلىكتە گېرمانىيە پارلامېنتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «ئورتاق ناشتىلىق» پائالىيىتىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 22-فېۋرال، بېرلىن (RFA/Ekrem)

بېرلىندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۆھبەتنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئالدىنقى ئاي ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن ئىجابىي ۋە سەلبىي نەتىجىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان. 1-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت دىكى يىغىنغا بىۋاسىتە قاتناشقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ ناشتىلىق سورۇنىدا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ ب د ت نى سۇيىئىستېمال قىلىش قىلمىشلىرىغا ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە شاھىت بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى تەكرار بايان قىلىپ ئۆتكەن.

گېرمانىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى»، «تىبەت دوستلۇق گۇرۇپپىسى»، «خوڭكوڭ دوستلۇق گۇرۇپپىسى» بىرلىكتە گېرمانىيە پارلامېنتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «ئورتاق ناشتىلىق» پائالىيىتىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 22-فېۋرال، بېرلىن
گېرمانىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى»، «تىبەت دوستلۇق گۇرۇپپىسى»، «خوڭكوڭ دوستلۇق گۇرۇپپىسى» بىرلىكتە گېرمانىيە پارلامېنتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «ئورتاق ناشتىلىق» پائالىيىتىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 22-فېۋرال، بېرلىن (RFA/Ekrem)

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئىپادە قىلىشىچە، بۇ گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى خىرىستىيان دېموكراتلار پارتىيەسى، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى، يېشىللار پارتىيەسى ۋە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ بىر ئارىغا كېلىپ بۇنداق بىر «ناشتىلىق» پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىكەن. يەنە كېلىپ گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر، خوڭكوڭ، تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىدا بىرلىكتە بۇنداق بىر سۆھبەت سورۇنىنى قۇرۇشىمۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش ھېسابلىنىدىكەن.

گېرمانىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى»، «تىبەت دوستلۇق گۇرۇپپىسى»، «خوڭكوڭ دوستلۇق گۇرۇپپىسى» بىرلىكتە گېرمانىيە پارلامېنتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «ئورتاق ناشتىلىق» پائالىيىتىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 22-فېۋرال، بېرلىن
گېرمانىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى»، «تىبەت دوستلۇق گۇرۇپپىسى»، «خوڭكوڭ دوستلۇق گۇرۇپپىسى» بىرلىكتە گېرمانىيە پارلامېنتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «ئورتاق ناشتىلىق» پائالىيىتىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 22-فېۋرال، بېرلىن (RFA/Ekrem)

غەيۇر قۇربان ئەپەندى سۆزىدە يەنە، سەھەر سائەت 7:30 غا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەتكە شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ قاتنىشىشى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىقىدىغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ بېرىشىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ گېرمانىيەدىكى ئىستىقبالىغا ئۈمىد بېغىشلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.