غەيۇر قۇربان Table Media تاراتقۇسىنىڭ «خىتاي مۇنبىرى» دىكى 100 مەشھۇر شەخسنىڭ بىرى بولۇپ تاللانغان
2024.05.29
28-ماي د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى گېرمانىيەنىڭ نۈرنبېرگ شەھىرىدە «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك» دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى ئەتراپلىق ئاڭلاتقان.
بۈگۈن بۇ خۇسۇستا بىزنى بەزى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىگەن غەيۇر قۇربان ئەپەندى، 28-ماي ئۆزىنىڭ يەنە گېرمانىيەدىكى تورلاشقان ئاخبارات مەركىزى بولغان Table Media نىڭ «خىتاي مۇنبىرى» دىكى 100 مەشھۇر شەخسنىڭ بىرى بولۇپ تاللانغانلىق خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزدى.
Table Media نىڭ بۇ ھەقتە غەيۇر قۇربان ئەپەندىگە يوللىغان مەكتۇپىدا مۇنداق ئىبارىلەر ئورۇن ئالغان: «مۇبارەك بولسۇن، غەيۇر قۇربان ئەپەندى! سىز گېرمان تىللىق ئاخبارات قاناللىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ‹خىتاي مۇنبىرى ›(China Table) نىڭ مۇھەررىرلەر قوشۇنى تەرىپىدىن خىتاي ئىشلىرىغا ئالاقىدار يۈز ھالقىلىق شەخسنىڭ بىرى بولۇپ تاللاندىڭىز. قالغان 99 نەپەر ھەمراھىڭىزنى بىز يېقىندا ئېلان قىلىدىغان ‹مۇنبەردە 100 ئۈلگە› ناملىق پىروگراممىمىزدىن تونۇش ۋە چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىسىز. China Table نىڭ مۇھەررىرلەر قوشۇنى سىياسىي، مەمۇرىي، ئۇيۇشمىلار، شىركەتلەر، ئۇچۇر ئامبارلىرى، ئاقىللار ئامبىرى، ئىلىم ساھەسى، فوندى جەمئىيەتلەر، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ۋە جەمئىيەتتىن بولۇپ، ھەر بىر ساھەدىن 10 دىن مەشھۇر كىشىنى تاللاپ چىقتى. Table Media ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە سىزنى بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. »
Table Media تاللىغان 100 مەشھۇر شەخسنىڭ بىرى بولغان، 29-ماي يەنە ۋولكسۋاگېننىڭ 64-نۆۋەتلىك ئومۇمىي قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە گېرمانىيە ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىگەن غەيۇر قۇربان ئەپەندى، بۇ ھەقتە ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ، قولغا كەلتۈرگەن بۇ ئۇتۇقلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان مەزلۇم ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن خەيىرلەرگە ۋەسىلە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى غەيۇر قۇرباننىڭ Table Media تاللىغان 100 مەشھۇر شەخسنىڭ بىرى بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەمدە بۇنى «ياش بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر دەۋاگەرلىرىنىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە تونۇلۇۋاتقانلىقى، ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشىۋاتقانلىقىنىڭ يارقىن بىر ئىپادىسى» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇرباننىڭ ھازىرغا قەدەر ياراتقان ھەم يارىتىۋاتقان ئۇتۇقلىرىغا يۇقىرى باھالار بەردى. د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىمۇ بۇ خۇسۇستا ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
Table Media توغرىسىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، Table Media 2019-يىلى گېرمانىيەدە قۇرۇلغان، دىگىتال ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، كۆپلىگەن يېتىشكەن كەسپىي مۇخبىرلار ۋە تەھرىرلەر توپلاشقان، خەۋەرلىرىنىڭ تەننەرخى ئالاھىدە قىممەت بولغان ئاخبارات ئورگىنى ئىكەن. ئۇنىڭ «Europa Table» ، «Africa Table» قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق تارماق ئورگانلىرى بار ئىكەن. «China Table» ئۇنىڭ ئەڭ جانلىق ۋە مەشھۇر بىر بۆلۈمى ھېسابلىنىدىكەن. «Table Media» دۆلەتنى ۋە كۆلەملەشكەن سودا ساھەسىنى تىز سۈرئەتتە مائارىپ سىياسىتى، سىياسىي تەتقىقات، خەلقئارا مۇھىت، تاشقى سىياسەت ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئارقا كۆرۈنۈشى چوڭقۇر بولغان ئۇچۇر، پىكىر ھەم تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.