غۇلجا ناھىيەسىدىكى پېنسىيونېر پەخىردىن خېلىلنىڭ ۋىرۇس يۇقۇمى دىياگنوزى بىلەن دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020.02.20
virus-uyghur-altay.jpg خىتاي دوختۇر ۋە ساقچىلارنىڭ ئائىلىلەرگە بېرىپ ۋىرۇس يۇقۇمىنى تەكشۈرۈۋاتقان كۆرۈنۈش. 2020-19-فېۋرال، ئالتاي.
AFP

مۇخبىرىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى خەۋەر يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا غۇلجا ناھىيەسىنىڭ مازار يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق پېنسىيەگە چىققان 78 ياشلىق ئوقۇتقۇچى پەخرىدىن خېلىلنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىق دىياگنوزى قويۇلۇپ، غۇلجا شەھىرىدە داۋالىنىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئايالى، ئىككىنچى ئوغلى ۋە كېلىنىنىڭ يۇقۇم گۇماندارى سۈپىتىدە ئالاھىدە تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى، مۇشۇ سەۋەبتىن بۇلار بىلەن ئالاقە قىلغان بارلىق ئۇرۇق-تۇغقان، قولۇم-قوشنىلىرىنىڭ غۇلجا ناھىيەسىدە كارانتىن قىلىنىۋاتقانلىقى، دۆڭمازار، مازار ۋە قاش يېزىسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرى پېچەتلەنگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلجا ناھىيەسىنىڭ دۆڭمازار يېزىسىدا ئۇيغۇرلاردىن 4 كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى، بۇ بايقالغاندىن كېيىن دۆڭمازارنىڭ قاتتىق قامال قىلىنغانلىقى ۋە پۈتۈن ئۆيلەرگە پېچەت سېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن غۇلجا ناھىيەسىگە تېلېفون قىلدۇق. روزىمەتيۈزى يېزىسىدىكى بىر ئاھالە مازار يېزىسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇم گۇماندارىدىن بىر ئەر-ئايالنىڭ بايقالغانلىقى ھەققىدە كەنت كادىرلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ئۇقتۇرۇش قىلغانلىقى ۋە يېقىندا دۆڭمازار ۋە مازار يېزىسىغا بارغان-بارمىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات سورىغانلىقىنى بايان قىلدى. دۆڭمازاردىكى بىر ئاھالە بايقالغان يۇقۇمدارنىڭ مازار يېزىسىدىن ئىكەنلىكى، پېنسىيەگە چىققان بىر ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكى ۋە ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. مازار يېزا ئارامەھەللىدىكى بىر ئاھالە يۇقۇمدارنىڭ شېخ مەھەللىدىن ئىكەنلىكى ۋە ئىسمىنىڭ پەخىردىن ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. شېخ مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ پېچەتلەنگەنكىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە پېنسىيونېر پەخىردىن خېلىلنىڭ غۇلجا شەھىرىدە دوختۇرخانىدا، ئۇنىڭ ئايالى رەيھانگۈل، ئىككىنچى ئوغلى ئابدۇسەلىم ۋە كېلىنى خالىدە مەمەتنىڭ غۇلجا ناھىيەسىدە دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. بۇلار يەنە پەخىردىن خېلىلنىڭ بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، قولۇم-قوشنىلىرى ۋە ئارامەھەللىدىكى بىر ئۆلۈم پەتىسىگە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە قاتناشقان بارلىق كىشىلەرنىڭ غۇلجا ناھىيەسىگە ئەكىتىلىپ، كارانتىن قىلىنغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

ئاھالىلەر كەنت كادىرلىرىدىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن پەخىردىن خېلىلنىڭ يۇقۇمدار، ئايالى، كېلىنى ۋە ئوغلىنىڭ يۇقۇم گۇماندارى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. مازار يېزىسىدىكى بىر كەنت سېكرېتارى بۇلاردىن پەخرىدىن خېلىلنىڭ يۇقۇمدار ئىكەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە قالغانلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە جىددىي قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. ئەمما مەزكۇر شتاب خادىملىرى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشنى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا رەت قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.