گوردون چاڭ: «خىتاي خەلقى كومپارتىيەنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشى كېرەك!»

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-02-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
2001-يىلى ئېلان قىلىنىپ زور تەسىر قوزغىغان «خىتايدا يۈز بەرگۈسى يىمىرىلىش» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى گوردون چاڭ ئەپەندى.
2001-يىلى ئېلان قىلىنىپ زور تەسىر قوزغىغان «خىتايدا يۈز بەرگۈسى يىمىرىلىش» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى گوردون چاڭ ئەپەندى.
wikipedia.org

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» ناملىق يۇقۇملۇق نەپەس يولى ۋىرۇسى خىتاينىڭ ھەممە يېرىگە تاراپ يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بارغانچە ئېغىرلاشقان ۋە ئۆلۈۋاتقان ئادەم سانى ئۆزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان شارائىتتا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ جىددىي چېكىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئۇنداقتا بۇ ۋەزىيەت ئىقتىسادىي گۈللىنىشنىلا پەش قىلىپ ئۆزىنى «ئەڭ قابىل ۋە توغرا پارتىيە» دەپ كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسىگە قانداق مەنپىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟ بۇنىڭدىن پەيدا بولغان ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئاسارەتلەر خىتاينىڭ «قۇدرەتلىك دۆلە» بولۇش چۈشىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟

بۇ سوئاللارنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق ئوبزورچى گوردون چاڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. گوردون چاڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۇنيا ۋە خىتاي خەلقىگە تەھدىت ئىكەنلىكنى، ئۇنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى كېرەكلىنى بىلدۈردى.

مۇخبىر: خىتاي «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبلىك مىلياردلاپ زىيان تارتىۋاتىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى ئىقتىسادىي گۈللىنىشنى پەش قىلىپ ئۆزىنى قانۇنلۇق ھۆكۈمەت قىلىپ كۆرسىتىپ كەلگەن. سىزنىڭچە، بۇ ۋىرۇس كرىزىسى خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

گوردون چاڭ: بەزىلەر بۇ نەپەس يولى ۋىرۇسىنىڭ خىتاينىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىغا كۆپ مەنپىي تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى، كۆرسەتسىمۇ بىرقانچە پىرسەنت تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. بۇ ۋىرۇس كرىزىسى خىتاي ئىقتىسادىنى چېكىنىشكە مەجبۇرلايدۇ. 

بۇنى بىز ئىقتىسادىي ھەرىكەتلەرنىڭ نېگىزلىك كۆرسەتكۈچى بولمىش نېفىتكە بولغان ئېھتىياجىنىڭ 20 پىرسەنت تۆۋەنلىگەنلىكىدىن بىلدۇق. مەنچە، بۇ خىتاينىڭ ھەقىقىي چېكىنىش دەۋرىگە كىرگەنلىكنىڭ روشەن دەلىلى. بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «بىز ئىزچىل گۈللىنىش ئېلىپ كېلىمىز» دەيدىغان بايانىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئەلۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قانۇنىيلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. 

مۇخبىر: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدىن نېمىلەرنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن؟ خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنى قۇدرەتلىك، يېڭىلمەس پارتىيە دەپ كۆرسىتىپ كەلگەن ئىدى. سىز نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز، يەنى ئۇلارنىڭ بۇ كرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدىن؟

گوردون چاڭ: كومپارتىيەنىڭ بۇ خىل شەرھىلەشلىرى بەربات بولدى. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم بۇ ۋىرۇس پارتلىشى «خىتاينى توسۇش مۇمكىن ئەمەس» دەيدىغان شەرھلەرنى پۈتۈنلەي تارمار قىلدى. بېيجىڭ ئۆزىنىڭ دۇنيانى ئىگىلەيدىغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ ئەجەللىك ھالدا چېكىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشكە تىرىشىپ كەلگەن. 

خىتاينىڭ مەزكۇر ۋىرۇسقا قايتۇرغان ئىنكاسى ئۇنىڭ ھېچقانداق ئۆزگەرمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ ۋىرۇس ۋە2002-ۋە 2003-يىللىرىدىكى SARS ۋىرۇسىغا قايتۇرغان ئىنكاسىغا قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ ھېچقانداق ئۆزگەرمىگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. بىر نەرسە ئۆزگەردى دېيىلسە، ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خىتايدىكى مىللىي مۇنازىرىسىنى شەكىللەندۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغانلىقى. ئىجتىمائىي ئاخبارات بولمىغان بولسا، بېيجىڭنىڭ ئىنكاسى بۇرۇنقىغا ئوپ-ئوخشاش بولغان بولاتتى، يەنى سىر تۇتۇش ۋە بەرداشلىق بېرەلىگەنگە قەدەر يوشۇرۇشتىن ئىبارەت بولغان بولاتتى. 

بىزنىڭ بۇنىڭدىن ئېرىشكىنىمىز، كىشىلەرنىڭ بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى تونۇپ يېتىشكە باشلىغانلىقىدۇر. مەنچە، بۇ يەردىكى يەنە بىر مۇھىم ئىش ئۆتكەن بىر نەچچە كۈندىن بۇيان خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىدىكى ئىرقىي كەمسىتىش ھەمدە ئامېرىكانىڭ مەزكۇر ۋىرۇسقا قايتۇرغان ئىنكاسىنى «ئەخلاقسىزلىق» دەپ كۆرسىتىدىغان ئۆزلۈكسىز تەشۋىقاتلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىگە شاھىت بولغىنىمىز. بۇ كوممۇنىزمنىڭ باشقا ئەللەرنىڭ تۇغما دۈشمەن ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بېيجىڭغا بىر دۈشمەن كېرەك. ئۇ ئامېرىكانى تاللىدى شۇڭا بىزمۇ بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز كېرەك.

مۇخبىر: سىزنىڭچە، بۇ ۋىرۇس كرىزىسى خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

گوردون چاڭ: مەنچە، بۇ ھەممە نەرسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇ «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشىغىلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتلىرىگە بېرىدىغان ئىچكى ياردىمى، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىش پىلانى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىقتىساد بولمىسا خىتاي بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى قىلالمايدۇ. خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئاللا بۇرۇن ئاجىزلىشىپ بولدى. خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ۋەيران بولۇۋاتقانلىقى، ئىقتىسادىي گۈللىنىشكە زىت بولغان ھەممە خاھىشلارنىڭ سادىر بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ھازىر بۇلار تېخىمۇ روشەنلىشىشكە باشلىدى. خىتاي ئۆزىنىڭ غايىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز. ئەگەر خىتاي رەھبەرلىرى پۇرسەت دېرىزىلىرىنىڭ تاقىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلسا، بۇ خىتاينى تېخىمۇ تەھلىكىلىك بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. 

مۇخبىر: خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي خەلقى بۇ ۋىرۇس كرىزىسىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىش كېرەك؟ 

گوردون چاڭ: ئۇلار كومپارتىيەنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشى كېرەك. كوممۇنىستىك سىياسەتلەر كارغا كەلمەيدۇ. ئۇلار «بىز 10 كۈندە بىر دوختۇرخانىنى پۈتتۈرۈپ چىقالايمىز،» دېدى. ئەمما بۇنداق بىر دوختۇرخانىنى سېلىش پۈتۈنلەي بىھاجەت ئىدى. چۈنكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەبىقىگە بۆلۈنگەن سىياسىي قۇرۇلمىسى ۋە خەۋەر-ئۇچۇرلارنى پۈتۈنلەي چەكلەشكە بولغان تەلەپلىرى بۇ ۋىرۇس پارتلىمىسىنىڭ كرىزىسقا ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. باشقا دۆلەتلەردە بۇنداق بىر كرىزىس يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھۆكمەتلىرى ئادىل ۋە يوللۇق.

مۇخبىر: ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋە بەزى ئاخباراتلاردا شى جىنپىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەھبەر دەپ تەرىپلەنگەن ئىدى. بۇنداق بىر ئەھۋالدا باشقا دۆلەتلەر خىتايدىن قانداق ساۋاق ئېلىشى مۇمكىن؟

گوردون چاڭ: ئىككى خىل ساۋاق ئالىدۇ. بىرىنچىدىن، خىتاينىڭ سىياسىي سىستېمىسىنىڭ نېگىزلىك ئاجىزلىقلارغا ئىگە پۈتۈنلەي نامۇۋاپىق سىستېما ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، بۇ خىل ئاجىزلىقلار تۈپەيلى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەسىلىنى باشقىلارغا دۆڭگەش ئۈچۈن ئۆزگىلەرگە تېخىمۇ دۈشمەنلىك قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، يەنى خىتاينىڭ خەتەرلىك بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىشى كېرەك. خىتاي باشلىقلارنى ئەيىبلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇنىڭغا بىر دۈشمەن، ياكى مەسىلىنى دۆڭگەيدىغان بىرى كېرەك. شۇڭا رايوندىكى دۆلەتلەر ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ كېيىنكى قەدەمدە نېمە قىلىدىغانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىشى كېرەك. چۈنكى جان ھەلەكچىلىكىدە قالغان ئادەم، خەتەرلىك ئىشلارنى قىلىشى مۇمكىن. 

ھازىر غەرب ۋە چەتئەللىكلەر خىتاي خەلقنى قوغداشتا قۇربى يېتىدىغان ئىشلار ئىنتايىن چەكلىك. بىز قىلىدىغان ئىشلار بولسا ئۇلارنىڭ سىستېمىسىغا قارشى چىقىش ۋە ئۇنىڭغا خاتىمە بېرىشكە تىرىشىش. بىز ئۆزىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ئۇ سىستېمىنى يوقىتىشىمىز كېرەك، شۇنداق قىلىش ئارقىلىق بىز خىتاي خەلقىگە مەنپەئەت بېرەلەيمىز. چۈنكى خىتاي خەلقىنىڭ دۈشمىنى خىتاي كومپارتىيەسى.

مۇخبىر: سىزنىڭ مۇشۇ كرىزىس ئىچىدە ئىڭراۋاتقان خىتاي خەلقىگە يەتكۈزىدىغان باشقا گەپلىرىڭىز بارمۇ؟ 

گوردون چاڭ: مېنىڭ دەيدىغىنىم، بىز سىلەرگە دۇئا قىلىمىز ۋە بۇ كرىزىسنىڭ پاتراق ئۆتۈپ كېتىشىنى تىلەيمىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت