ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەر ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد بەردى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2023.03.24
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Rep-Mike-Gallagher.jpg ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى چاقىرغان مەخسۇس گۇۋاھلىق يىغىنىدا مەزكۇر يىغىنىنىڭ رەئىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايك گاللاگېر (Rep. Gallagher) ئەپەندى ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاھىدە كۆرۈشتى. 2023-يىلى 23-مارت، ۋاشىنگتون.
Photo: RFA

23-مارت كۈنى كەچتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارىمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى مەخسۇس گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يەنە بىر قېتىم مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.

مەزكۇر يىغىنغا ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھەر خىل شەكىلدە تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچلىقىنىڭ جانلىق شاھىتلىرى ئىدى.

ئالدىنقى يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان 19 ياشلىق سىڭلىسى كامىلە ۋاھىتنىڭ سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ يىغىنغا قاتناشقان كەۋسەر ۋاھىت 23-مارت كەچتىكى يىغىن ھەققىدە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدى. ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ئۈچ سائەتلىك يىغىن جەريانىدا خىتايغا قاراتقان كەسكىن سۆزلىرىدىن سىڭلىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان بارلىق تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ زۇلۇمىدن پات ئارىدا قۇتۇلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئاشقانلىقنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شياڭچيۇ سانائەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان 19 ياشلىق سىڭلىسى كامىلە ۋاھىتنىڭ ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ بېشىدا قىشلىق تەتىل قىلىپ يۇرتىغا قايتقىنىدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەنىدى.

ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئاۋازى بولۇش ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ ئارىسىدا يەنە 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى مەمەت ئابدۇللانىڭ قىزى سۈبھى مەمەت، ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان سەيپىدىن ھېمتنىڭ ئوغلى دىليار سەيپىدىن ۋە پاسپورتى تارتىلىۋېلىنغانلىقى ئۈچۈن بەش ياشلىق قىزىنى بىر قېتىممۇ يۈز تۇرانە كۆرۈپ باقمىغان ئابلىمىت ئابلىزنىڭ ئايالى ئادالەت سابىت قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى.

ئادالەت سابىت راىيومىزغا سۆز قىلىپ، بەش ياشلىق قىزى ئەردەنئاي بىلەن يولدىشىنىڭ رەسىمىنى تۇتۇپ تۇرغاندا، ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى مەخسۇس گۇۋاھلىق يىغىنىنىڭ رەئىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايك گاللاگېر (Rep. Gallagher) ئەپەندى ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلگەن. گاللاگېر ئەپەندى ئادالەت خانىمنىڭ بەش ياشلىق قىز ئەردەنئايغا قاراپ تۇرۇپ: «بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئائىلىڭىزنى جەم قىلىمىز» دېگەن.

مەزكۇر يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا ئامېرىكانىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ئەمەلىي بولغان تەدبىرلەرنى ئېلىشى زۆرۈرلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تەكلىپ-پىكىرلەر يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارغا كۈچلۈك ئۈمىد بېغىشلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.