سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھەمدۇللا ۋەلىينى خىتايغا قايتۇرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2022.01.07
سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھەمدۇللا ۋەلىينى خىتايغا قايتۇرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى 2020-يىلى 11-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆمرە ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەككە شەھىرىگە بارغاندا سەئۇدى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ھەمدۇللا ۋەلى.
RFA/Arslan

54 ياشلىق ئۇيغۇر ھەمدۇللا ۋەلى 2020-يىلى 11-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆمرە ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەككە شەھىرىگە بارغاندا سەئۇدى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەن.

ھەمدۇللا ۋەلىينىڭ قىزى سۈمەييە خانىم قىسقىچە سىنئالغۇ فىلىمى تەييارلاپ، دادىسى ھەمدۇللا ۋەلىينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلدى ۋە دۇنيا جامائىتىگە دادىسىنى قۇتۇلدۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى.

ئۇ سىنئالغۇ فىلىمىدا، سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان دادىسى ھەمدۇللا ۋەلى ۋە دادىسى بىلەن بىرگە تۇتۇلغان روزى نۇرمۇھەممەت ئىسىملىك ئۇيغۇرنى سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا 3-دېكابىر ئۇقتۇرۇش چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىز ھەمدۇللا ۋەلىي توغرىسىدا تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان چوڭ قىزى نۇرىمانگۈل خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

نۇرىمانگۈل خانىم، دادىسىنىڭ ھېچ قانداق جىنايىتى يوقلۇقىنى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دادىسىنى نېمە ئۈچۈن تۇتقانلىقى توغرىسىدا ھېچ قانداق مەلۇمات بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

نۇرىمانگۈل خانىم، دادىسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭمۇ يول مېڭىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

نۇرىمانگۈل خانىم دادىسىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى توغرىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستان ساقچىلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇش چىقارغانلىقىنى، بۇ ئۇچۇرنى ئىشەنچلىك بىر يېقىنىدىن ئاڭلىغانلىقىنى، بىراق ئۇ يېقىنىنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتىن ئىسمنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ دۇنيا جامائىتىگە دادىسىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا چاقىرىق قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ ئەسلى يۇرتى تۇرپان شەھىرى بولۇپ، بۇ يىل 54 ياشتا. ئۇ، 2020-يىلى فېۋرالدا ئۇمرە ھەجىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغان، كېيىن كورونا ۋىرۇسىنىڭ يامراپ كېتىشى سەۋەبلىك تۈركىيەگە قايتالماي شۇ يەردە تۇرۇپ قالغان. ئۇنىڭ تۈركىيەدە ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇشلۇق گۇۋھنامىسى، يەنى ئىقامىتى بار بولۇپ، كېيىن ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستاندىمۇ قىسقا مۇددەتلىك تۇرۇشلۇق گۇۋھنامىسى ئالغان. ئەمما يەرلىك دائىرىلەر ئۇنى 2020-يىلى 11-ئايدا تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن ھازىرغىچە قويۇپ بەرمىگەنىدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سىنئالغۇ تارقاتقان ھەمدۇللا ۋەلىينىڭ كىچىك قىزى سۇمەييە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دادىسى بىلەن بىرگە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان يەنە بىر كىشىنىڭ ئىسمى روزى نۇرمۇھەممەت بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 46 ياشتا. بىراق بىز ھازىرچە بۇ كىشى توغرىسىدا تولۇق مەلۇماتلارغا ئېرىشەلمىدۇق. ئەمما توردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ئۇنىڭمۇ تۈركىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرۇش ئىقامىتى بار بولۇپ، ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھەمدۇللا ۋەلى بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇتقۇن قىلىنغانىكەن.

بىز، ھەمدۇللا ۋەلىي توغرىسىدا ئۇنىڭ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان كۈيئوغلى ھەسەنجان بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ھەسەنجان قېيناتىسى ھەمدۇللا ۋەلىينىڭ ھېچ قانداق جىنايىتى يوقلۇقىنى ۋە ناھەق تۇتۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستانغا چاقىرىق قىلىپ قېيناتىسىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ يەنە تۈركىيە ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلارغا چاقىرىق قىلىپ قېيىن ئاتىسى ھەمدۇللا ۋەلىينىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىدىن توختىتىلىشىنى، سەئۇدى ئەرەبىستان تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ تۈركىيەگە قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

بىز يەنە بۇ ھەقتە پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، ھەمدۇللا ۋەلىينى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇساپىرلار ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن ئالاقە قىلغانلىقىنى، ھەتتا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىغا رەسمىي خەت يېزىپ ھەمدۇللا ۋەلىينى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ تۈركىيەگە ساق-سالامەت قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە مەسىلە بار بىر دۆلەت بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ غەربنىڭ تەسىرى بار بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭمۇ ھەمدۇللا ۋەلىينى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قەدەم بېسىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.