ماراكەشتە تۇتۇلغان ئىدرىس ھەسەننى قۇتۇلدۇرۇش چاقىرىقلىرى كۈچەيمەكتە

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ تەلىپى بىلەن ماراكەشتە تۇتۇلغان ئىدرىس ھەسەن ھەققىدە ئەندىشىلەر بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر ئىدرىس ھەسەننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلماقتا.

مەزكۇر قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ ئاۋاز قوشقان بولۇپ، كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ «دائىرىلەر قولغا ئىلىنغان ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك» ناملىق چاقىرىقىدا «ئىدرىسنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەن تەقدىردە قىيىن قىستاققا ئۇچراش ئېھتىماللىقىنىڭ مەۋجۇتلۇقى» يېزىلغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى جوئاننا مارىنېر ماراكەش دائىرىلىرىنىڭ ئىدرىس ھەسەننىڭ ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشۈشىگە ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشىگە يول قويۇشى ھەم ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

بىخەتەر بىر دۆلەتكە بېرىپ ئورۇنلىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن ئۇچۇپ كاسابلانكا خەلقئارالىق ئايرودرومىغا بارغاندا ماراكەش دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلغان ئىدرىس ھەسەن تۈركىيەدىكى ۋاقتىدا پەرزەنتلىرى بىلەن. (ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
بىخەتەر بىر دۆلەتكە بېرىپ ئورۇنلىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن ئۇچۇپ كاسابلانكا خەلقئارالىق ئايرودرومىغا بارغاندا ماراكەش دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلغان ئىدرىس ھەسەن تۈركىيەدىكى ۋاقتىدا پەرزەنتلىرى بىلەن. (ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)

ئۈچ بالىنىڭ دادىسى 34 ياشلىق ئىدرىس ھەسەن كومپيۇتېر ئىنژېنېرى بولۇپ، 2012-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ياۋرۇپا خەۋەرلىرى(euronews) تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىدرىس ھەسەن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ شاھىتلىق ۋىدىيولىرى قويۇلغان بىر تور بەتنى لايىھەلىگەن. ئىدرىس ھەسەن كومپيۇتېر بىلىملىرى كەسپىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىسى بولغان ئۇيغۇرلاردىن بىرى بولۇپ، «خاككېرلىق ئاساسىي بىلىملىرى» ناملىق كىتابى مۇئەللىپى ئىكەن.

«خەۋەر» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ئىدرىس ھەسەن تۈركىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىر نەچچە قېتىم قولغا ئېلىنغان بولۇپ، بىخەتەرلىكىدىن تەشۋىشلەنگەن ئىدرىس ماراكەشتىن ياۋروپاغا كېتىش ئۈچۈن 19-ئىيۇل كاسابلانكاغا بارغان.

ماراكەش مىللىي بىخەتەرلىك ئىدارىسى 20-ئىيۇل كۈنى ئىستانبۇلدىن كاسابلانكا خەلقئارا ئايرودرومىغا چۈشكەن بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن.

ماراكەش خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ بايانىدا: «مەزكۇر شەخسنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىدىكى بىر تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكى سەۋەبلىك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى تەرىپىدىن قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چاقىرىلغانلىقى» قەيت قىلىنغان.

مەزكۇر باياناتتا يەنە، مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە خىتاي ۋە خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى خادىملىرىغا مەلۇمات بېرىلگەنلىكى، قايتۇرۇش جەريانىنى باشلاش ئۈچۈن شەخسنىڭ سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ئېيتىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجتىمائىي تارتقۇ ھېسابلىرى ئارقىلىق ئىدرىس ھەسەننىڭ قايتۇرۇۋېتىلىش خەۋپكە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. 2016-يىلى ماراكەش ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدا «ئۆز-ئارا جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمنامىسى» ئىمزالانغان بولۇپ، 2017-يىلى ماراكەش پارلامېنتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان.

ئىدرىس ھەسەننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ماراكەشنىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، تېلېفۇنىمىز ئېلىنمىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى 27-ئىيۇل كۈنى خەلقئارا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ قوللىغۇچى شىركەتلىرى بىلەن تور يىغىنى ئاچقان بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزاسى رابىرسىن شىمىت (Representative smith) ئىدرىس ھەسەننىڭ مەسىلىسىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتايغا قايتۇرۋىتىلىش خەتىرى بولغان ئىدرىس ھەسەن ئۈچۈن تۈركىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى پروفېسسور ئىلياس دوئان ئەپەندىم ماراكەش دۆلەت ئورگانلىرى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا مەكتۇپ يازغان.

تۈركىيە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پروفېسسورى ئىلياس دوئان ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر خەلقئارالىق قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى باشلىتىشتىكى مەقسىتىنىڭ ئىدرىس ھەسەننىڭ بىخەتەر بىر دۆلەتكە ئەۋەتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىلياس دوئان ئەپەندىم يەنە مۇنداق دېدى: «ئىدرىس ھەسەن بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان. ماراكەش دائىرىلىرىمۇ خىتاينىڭ مەزكۇر تەلىپىگە جىددىي مۇئامىلە قىلغان. ئىدرىس خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلگەن تەقدىردە ئۆلۈم جازاسىغا دۇچار بولۇشى مۇمكىن. بۇنى توختىتىش ئۈچۈن خەلقئارالىق قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى باشلىدۇق. مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش.

بىز تورداشلارنى ئىدرىس ھەسەننىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكى يېزىلغان مەكتۇپنى ماراكەش خانىدانلىقى، ماراكەش تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ماراكەش ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ماراكەش ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۆچمەنلەر كومىتېتى قاتارلىق ئورگانلارغا يوللاشقا چاقىرىق قىلدۇق».

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىم فىرانسىيەنىڭ ماراكەشتىكى ئەلچىخانىسى ۋە ماراكەشنىڭ فىرانسىيەدىكى ئەلچىخانىسىغا بىسىم چۈشۈرۈش ئۈچۈن توردا قۇتقۇزۇش تەشۋىقات ھەرىكىتى باشلاتقان.

ماراكەش فىرانسۇز تىلى قوللىنىلىدىغان دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر، فىرانسىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەزكۇر فىرانسۇزچە تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىمەكتە.

مەزكۇر پائالىيەت توردا چوڭ تەسىر قوزغىغان بولۇپ، سىترازبۇرۇگتىكى ياشلار گۇرۇپپىسى ماراكەش باش كونسۇلى بىلەن كۆرۈشكەن. دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ماراكەش باش كونسۇلى ياشلار گۇرۇپپىسىغا ئىدرىس ھەسەن ئۈستىدىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، ئىدرىس ھەسەننىڭ ئاقىۋىتىگە سوتنىڭ قارارى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

دىلنۇر رەيھان خانىم فىرانسىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ تەپسىلاتىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىدرىس ھەسەننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سېلىش قىلمىشلىرىنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبلىك مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەر بىر دۆلەتكە يەرلىشىش ئارزۇسى كۈچەيمەكتە. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېتىشكە تىرىشماقتا.