كۇچادا يىغىۋېلىشقا باشلانغان ئىگىسىز ئۆيلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ساھىبلىرى لاگېر ۋە تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلانماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2024.04.05
taqalghan-meschit-qulup-ishik-jame قەشقەر شەھىرىدىكى قۇلۇپ سېلىنغان بىر مەسچىتنىڭ دەرۋازىسى. 2017-يىلى 23-مارت، قەشقەر
REUTERS

 كۇچا شەھىرىدە يېقىندا مەخسۇس ئىگىسىز ئۆيلەرنى يىغىۋېلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان. بۇ گۇرۇپپا ناھىيەنىڭ بىر يېزىسىدىن 95، يەنە بىر يېزىسىدىن 149 ئىگىسىز ئۆينى بايقىغان. نۆۋەتتە دائىرىلەر بۇ ئۆيلەرنىڭ ئاساسلىق ۋە قوشۇمچە ئىگىلىرىنى سۈرۈشتە قىلماقتا. ئېنىقلاشلىرىمىزدا، بۇ ئۆيلەردىن بىرىنىڭ بەش يىلدىن بۇيان جازا ئۆتەۋاتقان بىر مەھبۇسقا ئائىت ئىكەنلىكى دەلىللەندى.

 ئىلگىرى بىر چەت ئەل مۇخبىرى قەشقەر شەھىرىنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىدا كۆپىنچە قورۇلارغا قۇلۇپ سېلىنغانلىقى، ئىشىكلەرنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئېچىلمىغانلىقىنى بايقىغان. تۇرپاننى زىيارەت قىلغان بىر خوڭكوڭلۇق ساياھەتچىمۇ ئىلگىرى قاينام-تاشقىنلىقتا كۆرگەن كوچىلارنىڭ ئادەمسىز چۆلدەرەپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ تارقاتقان. يېقىندا چەت ئەلگە تۇغقان يوقلاپ كەلگەن بىرەيلەنمۇ ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن دۆڭكۆۋرۈككە بېرىپ ئايلىنىپ كېلىشى بۇيرۇلغان. دېيىلىشىچە دائىرىلەر بۇ ئارقىلىق چوڭ تۇتقۇندىن كېيىن دۆڭكۆۋرۈكتە شەكىللەنگەن چۆلدەرەشنى چەت ئەللىك زىيارەتچىلەرنىڭ كۆزىدىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان. بۇ ئەھۋاللار چوڭ تۇتقۇننىڭ كۆلىمىنىڭ كەڭلىكىدىن شەپىلەر بەرگەن بولسا، نۆۋەتتە ئاشكارىلىنىۋاتقان بەزى پاكىتلار شۇ تۇتقۇندىكىلەرنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋىتىدىن بېشارەتلەر بەرمەكتە.

 يېقىندا كۇچالىق مۇھاجىرلاردىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، كۇچا شەھىرىدە دائىرىلەر لاگېر ۋە تۈرمىلەردە تۈگەپ كەتكەن ۋە ياكى ئۇزۇن مۇددەت كېسىۋېتىلگەن مەھبۇسلارنىڭ ئويلىرىنى يىغىۋېلىشقا باشلىغان ۋە بىر قىسمىنى سېتىش ئۈچۈن بازارغا چىقارغان. دېيىلىشىچە 2017-يىلى چوڭ تۇتقۇن باشلانغاندىن كېيىن بىر قىسىم كىشىلەر ئائىلە بويىچە تۇتقۇن قىلىنغان، بىر قىسىم ئۆيلەرنىڭ ساھىبى يالغۇز بولغانلىقى ئۈچۈن مەھەللىلەردە تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئۆيلەر ئىگىسىز تاشلىنىپ قالغان. ئىنكاستا ئەسكەرتىلىشىچە، بۇنچە كۆپ تاشلاندۇق ئۆيلەر، بىر تەرەپتىن، ئىلگىرىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك دائىرىلەردە ئەندىشە پەيدا قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىقتىسادىي نەپ يارىتىش ھەۋىسى قوزغىغان. شۇڭا دائىرىلەر مەخسۇس ئىگىسىز ئۆيلەرنى يىغىۋېلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرغان. خىزمەت گۇرۇپپىلىرى بۇ ئۆيلەرنى يىغىۋېلىشنىڭ ئالدىدا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ ئىگىلىرىنى سۈرۈشتە قىلغان. بىراق ئۆي ئىگىلىرىنىڭ يىراق يېقىندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى شۇ ئۆيلەردىن تۇتۇلغان كىشىلەرگە چېتىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۇ ئۆيلەرگە ئىگە چىقىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرغان. شۇنداقتىمۇ بۇ گۇرۇپپا نۆۋەتتە بىر قىسىم ئىگىسىز ئۆيلەرنىڭ قۇلۇپلىرىنى يەڭگۈشلەپ بىر قىسمىنى سېتىش ئۈچۈن بازارغا چىقارغان.

 تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كۇچا كونا بازاردىكى بىر ئاھالىلەر كومىتېتى مۇدىرى، ھازىرغىچە ئۆز تەۋەلىكىدە 95 ئىگىسىز ئۆينىڭ بايقالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۆي يىغىۋېلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلغىنىغا 2 يېرىم ئايچە بولغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئىگىسىز ئۆيلەرنىڭ مەيلى ئاساسلىق، مەيلى قوشۇمچە ئىگىلىرى بولسۇن، ئۆزلىرىنى مەلۇم قىلمىغان. نەتىجىدە ئۇلار بۇ ئۆيلەرنى سېتىش ھەققىدە ئېلان چىقىرىش ئارقىلىق، ئۆينىڭ بىر قىسىم ئىگىلىرىنى تاپقان ياكى ئۆينىڭ پۈتۈنلەي ئىگىسىز ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرغان.

 مەزكۇر خىزمەت گۇرۇپپىسى 4 كىشىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، بۇلاردىن بىرى كۇچا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ خادىمى ئىكەن. بۇ خادىممۇ ئىگىسىز ئۆيلەرنى يىغىۋېلىش ھەققىدە مەخسۇس ھەرىكەت باشلانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۆيى يىغىۋېلىنغانلاردىن بىرى 5 يىلدىن بۇيان جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان بىر مەھبۇس ئىكەن. بۇ خادىم گەرچە، بۇ كىشىنىڭ ئېنىق كىملىكى، جازالىنىش سەۋەبلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ كىشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت كېسىلىپ كەتكەن بىرى ئىكەنلىكى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆيىنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقىنى دەلىللىدى. ئۇ يەنە ئىگىسىز ئۆيلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىدىكىلەرنىڭ ئىكەنلىكىنىمۇ چەتكە قاقمىدى.

يۇقىرىدا، كۇچادا بىر قىسىم ئىگىسىز ئۆيلەرنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقى ۋە يىغىۋېلىنغان ئۆيلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىدىكىلەر ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.