فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» بايرىمىنى تەبرىكلىدى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020.11.16
firansiye-parlament-ezaliri-jumhuriyet.jpg فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت» خاتىرە كۈنىگە تەبرىك يازغاندا ئىشلەتكەن سۈرەتلەر. 2020-يىلى 12-نويابىر.
Dilnur Reyhan teminligen

12-نويابىر دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە بىر كۈن. ئۇيغۇرلار بۇ كۈندە 1933-يىلى ۋە 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.

بۇ يىل تېخىمۇ ئالاھىدە بولغىنى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلغانلىقى پەقەت ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا تەبىرىكلەنمەستىن بەلكى فىرانسىيە، كانادا قاتارلىق كۈچلۈك غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن تەبرىكلەندى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى ھارپىسىدا ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى رافائېل گىلۈكسمەن، فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئورلىيان تاچى، ئالبانى گەيىللوت، دېلفىن بەزو، كېلماڭتىن ئۆتەڭ قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ فەيىسبۇك، تىۋىتتىر ۋە ئىنستگرام ھېسابلىرىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلەپ يازما ئېلان قىلغان.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى، ئاكتىپ پائالىيەتچى دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىرانسىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەر شۇنداقلا شەھەر باشلىقلىرىنىڭ ئىمزا قويۇشىغا سۇنۇلغان «ئۇيغۇرلار بىلەن سەپداشلىق نىزامنامىسى» غا بۈگۈنگە قەدەر ئون شەھەر باشلىقى ئىمزا قويغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى ھارپىسىدا يەنە تۆت پارتىيە بۇ نىزامنامىگە ئىمزا قويغان. شۇنىڭ بىلەن ئېلان قىلغان بولۇپ ئىمزا قويغان پارتىيەلەرنىڭ سانى جەمئىي ئالتىگە يەتكەن.

ۋال-دۇۋاز ۋىلايىتىنىڭ فىرانسىيە پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ئورلىيان تاچى ئەپەندى ئېلېكترون خەت ئارقىلىق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ خېتىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى ھارپىسىدا دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلەش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا سالام يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ بۇ كۈندە ئۇيغۇرلارنى قوللىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى دىلنۇر رەيھاننىڭ ياردىمى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئەلۋەتتە ھازىرقى ئېچىنىشلىق پاجىئەسى ھەققىدە نۇرغۇن مەلۇماتقا ئېرىشتىم. ئۇيغۇرلار ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، مول مەدەنىيەتنىڭ ساھىبلىرى ئىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى بېسىۋېلىنىشتىن بۇرۇن، ئۇيغۇرلار ئىككى قېتىم ‹شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى›نى ئېلان قىلغان بولۇپ، 12-نويابىر ئۇلارنىڭ دۆلەت بايرىمى ئىكەن. بۇ كۈننى تەبرىكلىشىمنىڭ سەۋەبى، بىرىنچىدىن؛ بېيجىڭ غەرەزلىك ھالدا يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش. ئىككىنچىدىن؛ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھۆكۈمەتنىڭ دىققىتىنى تارتىش. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بۇ خىلدىكى تەبرىكلەشلەرنىڭ سىمۋوللۇق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلى نامايىش، يىغىن قاتارلىقلارنى ئۇيۇشتۇرالمىدۇق، شۇڭا مەن ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا بولسىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش مۇھىم دەپ قارايمەن».

دىلنۇر رەيھان خانىم: «فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ تۇرۇپ، جۇمھۇرىيەت بايرىمىمىزنى تەبرىكلىشى بەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.

دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىرانسىيە پارلامېنتىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇرلار بىلەن سەپداشلىق گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزالىرى 50 دىن ئاشقان بولۇپ، «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن فىرانسىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەر شۇنداقلا شەھەر باشلىقلىرىدىن «ئۇيغۇرلار بىلەن سەپداشلىق نىزامنامىسى» گە ئىمزا قويغانلارنىڭ سانى تېخىمۇ ئاشقان.

بۇ نىزامنامە ئالتە ماددىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇلار مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: بىرىنچىدىن، خىتاي كوممۇنىستىك رېجىمى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بىر سەپتە بولۇشقا ۋەدە بېرىمىز. ئىككىنچىدىن، خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن (تاراتقۇ، نامايىش. . . ۋەھاكازا) دۇنياغا ئاڭلىتىشقا ۋەدە بېرىمىز. ئۈچىنچىدىن، خىتايغا قارشى كۈچلۈك ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە دىپلوماتىك جازالارنىڭ قوللىنىشىنى تەلەپ قىلىشقا ۋەدە بېرىمىز. تۆتىنچىدىن، فىرانسىيەدىكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سەپسەتە قورالى بولغان 17 كۇڭزى ئىنستىتۇتىغا بېرىلىۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىنىڭ توختىشىنى ئاشكارا تەلەپ قىلىشقا ۋەدە بېرىمىز. بەشىنچىدىن، ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئۇيۇشمىلارغا يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادى ياردەمدە بولۇشى ئۈچۈن ۋەدە بېرىمىز. ئالتىنچىدىن، فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دىئاسپوراسىغا ياردەم قىلىش ۋە قوغداش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەن بارلىق ئۇسۇلنى قوللىنىشقا ۋەدە بېرىمىز.

دىلنۇر رەيھان خانىم سىياسىي پارتىيەلەر ۋە شەھەر باشلىقلىرىنىڭ بۇ نىزامنامىگە ئىمزا قويۇشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ئىمزا قويۇشى بەك مۇھىم، چۈنكى ئۇلاردىن ھۆكۈمەتتە ھوقۇق تۇتۇۋاتقانلار بار، ھۆكۈمەتنىڭ قارارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شەھەر باشلىقلىرىنىڭ ئىمزا قويۇشى تېخىمۇ مۇھىم، چۈنكى ھەر قايسى شەھەرلەردىكى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە قارار ئاشۇلارغا باغلىق. مەسىلەن، بىر كۇڭزى ئىنستىتۇتىغا بېرىلىدىغان 20مىڭ ياۋرونى توختاتتى.»

ئورلىيان تاچى ئەپەندى بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «بىرىنچىدىن، پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارلامېنتتا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە داۋاملىق دىققەت تارتىشقا تىرىشىمەن. ھازىر فىرانسىيەدە مەيلى ھۆكۈمەت ۋە مەيلى خەلق ئارىسىدا بولسۇن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. ئىككىنچىدىن، مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ ئايرىم پارتىيەسى بار، ئاشۇ پارتىيەنىڭ تەسىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېخىمۇ كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىنى توختىتىشقا تىرىشىمەن. ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، ئۆزۈم تۇرۇشلۇق شەھەر، ۋىلايەتتە خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا يول قويمايمەن. بەلكىم بىلىدىغانسىز، 15-ئاۋغۇست بىزنىڭ ۋىلايەت يەنى ۋال-دۇۋاز ۋىلايىتى خۇاۋېي شىركىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى توختاتقانىدى. بىز نىزامنامىدە دېيىلگىنى بويىچە ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتى تۇرۇشقا ۋەدە بېرىمىز.»

ئاخىرىدا دىلنۇر رەيھان خانىم ئۆزىنىڭ كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە توختالدى ۋە يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئەگەر ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىدىمۇ مۇشۇنداق ‹ئۇيغۇرلار بىلەن سەپداشلىق گۇرۇپپىسى›قۇرالىغان بولساق، بىرلىشىپ ياۋروپا پارلامېنتنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرەلىگەن بولاتتۇق. ياۋروپادىكى ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بۇ خىل سەپداشلىق ئورنىتىش مەيلى ھازىرقى ۋەزىيىتىمىزنى ياخشىلاش ئۈچۈن بولسۇن، مەيلى كېيىنكى قايتا قۇرۇلغۇسى دۆلىتىمىز ئۈچۈن بولسۇن ناھايىتى مۇھىم.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.