خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: 10 يىلدىن بۇيان تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئىلھام توختى شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى كېرەك

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2024.07.24
ilham-toxti-02 ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى
Photo: RFA

مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاشكارىلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن 2014-يىلى 1-ئايدا بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانىدى. ئىلھام توختىنىڭ ناھەق سوتلىنىپ، ئېغىر جازا بىلەن تۈرمىدە يېتىۋاتقىنىغا 10 يىل بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، چەتئەللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش تەلەپلىرى يەنە كۈچەيدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 24-ئىيۇل كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىغا قىلغان ئادالەتسىزلىكلەرنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكىدىكى قىزى جەۋھەر ئىلھام ۋە گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى ئەنۋەر جان ئەپەندىلەرمۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ناھەق تۇتقۇن قىلىنغان ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا مۇنداق يېزىلغان: «ئىلھام توختى كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى. ئۇ كۆپ قېتىم ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش ۋە سۆھبەتلىشىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما ئۇ بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى بىلەن ئاساسسىز ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان».

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىغا ئارتقان جىنايەتلىرى ۋە ئەيىبلەشلىرىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ تۈرمىدە ئادالەتسىز مۇئامىلە ۋە قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقى بايان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن سىستېمىلىق كەمسىتىشنى چۈشەندۈرىدىغان ماقالىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان. ھالبۇكى 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىلھام توختى ئۈستىدىن ئېچىلغان سوت ئادىل ۋە ئوچۇق-ئاشكارا بولمىغان. ئۇنىڭ سوتتا ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقلىرى ئاشكارا دەپسەندە قىلىنغان. سوتتىن كېيىن بولسا ئۇ (ئىلھام توختى) مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، تۈرمىگە سولانغان ئىلھام توختىنىڭ پۇت-قوللىرى كىشەنلەنگەن، يالغۇز كامېرغا ئۇزۇن مۇددەت سولاپ قويۇلغان، يېتەرلىك داۋالاش ۋە يېمەك-ئىچمەكتىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان، روھى جەھەتتە سىياسىي تەربىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىيناش ۋە ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرىغان. ئىلھام توختىنىڭ تىنچ ۋە مۆتىدىل پوزىتسىيەسى ئۇنىڭ تۈرمىگە كىرىشىنىڭ ناھەقچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنىڭ ئەڭ زوراۋانلىق شەكىلدە باستۇرۇشقا ئۇچرىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئىلھام توختىنىڭ دېلوسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە باستۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى، بۇ خىل باستۇرۇش ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى، يەنى ئىنسانلارنى كەڭ-كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»

باياناتنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشىنىڭ ھەققانىي كۈرەش ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: «ئىلھام توختى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىق يولىنى ئاچتى، تىنچ بىللە ياشاشنى ئىلگىرى سۈردى. شۇڭا ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھالقىلىق بىر قەدەم ھىسابلىنىدۇ. ھالبۇكى ئۇنىڭ داۋاملىق تۈرمىدە يېتىشى خىتايدا ياشايدىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمان گۇرۇپپىلىرى دۇچ كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسىنى ئەسلىتىدۇ. بىز خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۇنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز!»

ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكىدىكى قىزى جەۋھەر ئىلھاممۇ 24-ئىيۇل كۈنى رادىيومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر دادىسى ئىلھام توختىنى يوقلاشقىمۇ رۇخسەت قىلمايۋاتقانلىقىنى، شۇڭا دادىسىدىن تېخىمۇ ئەنسىرەپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق يازغان: «بېيجىڭدىكى ئائىلەمدىكىلەر دادامنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلىۋاتقىنىغا نەچچە يىل بولدى. ئەمما بۇ تەلەپ ئۈزلۈكسىز رەت قىلىنىۋېتىپتۇ. دادامنى باشقا تۈرمىگە يۆتكىۋېتىپتۇ دېگەن گەپنىمۇ ئاڭلىدىم. بۇ يىل ئەتىيازدا، مەن دادامنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا كۆرسىتىشكە سەپەرۋەر قىلىش پائالىيىتىنى قوزغىغاندىن كېيىن، ئۇلار ئائىلەمدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپتۇ. ئۇلار سۆزىدە ‹جەۋھەرگە ئېيتىڭلار، ئۇ ھەممە جايدا ئائىلە زىيارىتىنى تەلەپ قىلىپ داۋراڭ سالمىسۇن. بىز ئەلۋەتتە يوقلاشقا رۇخسەت بېرىمىز. ئەگەر تۈرمە تەرەپ ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىلھام توختىنى يوقلىشىغا يول قويمىسا، بىزگە تېلېفون قىلىڭلار›دەپتۇ. قانداقلا بولمىسۇن، ئائىلەمدىكىلەر ئۇنى يوقلاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى. مەن ئۇلارنىڭ بۇ يىل يازدا ئۇنى يوقلاشقا رۇخسەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

جەۋھەر ئىلھام يەنە دادىسى ئىلھام توختى بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈش ۋە تېلېفوندا سۆزلىشىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، خىتاي تەرەپنىڭ ئۇنىڭغا شەرت قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى. «يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگىدا، خىتاي ئەمەلدارلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرىگە، ‹ئەگەر جەۋھەر دادىسى بىلەن سىنلىق پاراڭلاشماقچى ياكى دادىسىغا تېلېفون قىلماقچى بولسا، چوقۇم خىتاينى تەنقىد قىلىشنى توختىتىشى كېرەك› دەپتۇ. چۈنكى بۇ مېنىڭ دادام بىلەن سىنلىق سۆزلىشىش ۋە دائىم تېلېفون قىلىش تەلىپىم ئىدى. مەن بۇنى بۇ يىل ئەتىيازدىن باشلاپ تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتىمەن. ئەمما ئۇلار بۇ تەلەپكىمۇ شەرت قويدى».

جەۋھەر ئىلھام رادىيومىزغا يازغان جاۋاب خېتىدە، يەنە ئىلھام توختى مەسىلىسىدە، خەلقئارانىڭ خىتايغا قىلغان بېسىملىرىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن. «ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، خىتايغا سېلىنغان بېسىم يېتەرلىك ۋە كۈچلۈك ئەمەس. شۇنى ھېس قىلدىمكى، بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرنىڭ ئىلھام توختىغا بولغان دىققىتى ئازايماقتا. ئەلۋەتتە دۇنيادا ھازىر نۇرغۇن پاجىئەلەر يۈز بېرىۋاتقان بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ باشقا مەسىلىلەر ۋە دېلولارغا ئەھمىيەت بېرىشى نورمال ئەھۋال. قانداقلا بولمىسۇن، دادام ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. دادامنىڭ ئەھۋالى ئەڭ بالدۇر بايقالغان ۋە ئەڭ ئېغىر دېلو ئىدى. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، دادامنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قوللاش ئېزىلگەن ۋە ۋەيران بولغان ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىگە ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ».

جەۋھەر رادىيومىزغا يازغان جاۋابىنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئۆز ئىرادىسىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن. «دادامغا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە دەيدىغان سۆزۈم يەنىلا شۇ: دادام ۋە بارلىق بىگۇناھ ئۇيغۇرلار ئەركىنلىككە چىقمىغۇچە بۇ كۈرەشنى توختاتمايمەن!»

گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان، ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش ۋە ئىلھام توختىنى خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا تەۋسىيە قىلىشتا، غەرب دېموكراتىك دۇنياسىدا ئەڭ ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى.

24-ئىيۇل كۈنى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 10 يىلدىن بۇيان تۈرمىدە يېتىۋاتقان پىداكار ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىنىڭ ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان دۇنيا جەمئىيىتىدە ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا، ئەنۋەرجان ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىدىن دۇنيانى خەۋەردار قىلىشى، ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.