ئىلھام توختى، «ساخاروف مۇكاپاتى» ۋە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدىكى ئىنكاسلار

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.10.25
UE-Parliament-ilham-tohti.jpg ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. 2019- يىلى 24- ئۆكتەبىر.
EU Parliament Website

24-ئۆكتەبىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتى بولغان «ساخاروف مۇكاپاتى» نىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلىشى مۇناسىۋېتى بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يەنە بىر قېتىم دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى.

مەتبۇئاتلاردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى داۋىد ساسسولى تۆنۈگۈن فرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھرىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ساخاروف مۇكاپاتى» نى ئېلان قىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە: «بىز بۇ مۇكاپات ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز،» دېگەن. 

ئىلھام توختىنى مەزكۇر مۇكاپاتقا نامزات كۆرسەتكۈچىلەردىن بىرى بولغان «ياۋروپانى يېڭىلاش» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى داچىيان سىيولوس ئەپەندى 24-ئۆكتەبىر ياۋروپا پارلامېنتى بىلەن بىرگە ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتىدا «ئىلھام توختىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاساسىي ئەركىنلىك يولىدا ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنىڭ جاراڭلىق سادالىرى، ‹ساخاروف مۇكاپاتى› نىڭ روھىنى تولۇق نامايەن قىلدى،» دېگەن.

ئەمما «ساخاروف مۇكاپاتى» ئىلھام توختىغا ئۇنداق ئاسان بېرىلمىگەن. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىلھام توختىغا «ساخاروف مۇكاپاتى» بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىنىم تاپماي ھەرىكەت قىلغان. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بەزى ئەزالىرىنىڭ ئالدىنى توسۇپ، بۇ مۇكاپاتقا ئىلھام توختىنى نامزات كۆرسەتمەسلىكنى تەلەپ قىلغان.

ئەڭىلىيەدىكى لېبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئەزاسى فىل باننىيون ئەپەندىمۇ ئىلھام توختىنى ساخاروف مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسەتكۈچىلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ 24-ئۆكتەبىر كۈنى «فرانسىيە ئاۋازى» نىڭ زىيارىتىنى قولبۇل قىلغاندا بىلدۈرىشىچە، بۇندىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى خىتاينىڭ ئەنگىلىيەدىكى ئەلچىلىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىلھام توختىنى «ساخاروف مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىشتىن ۋاز كېچىشىنى تەلەپ قىلغان. 

«فرانسىيە ئاۋازى» نىڭ مۇخبىرى باننىيوندىن: «خىتاي دائىرىلىرى ئىلھام توختىنى ‹تېرورىزىمنى ۋە بۆلگۈنچىلىكنى قوللىغان› دەپ ئەيىپلەپ، ياۋروپا پارلامېنتىدىن ‹ئاق-قارىنىڭ پەرقىگە يېتىشنى، ئالدامچىلارنىڭ دامىغا چۈشمەسلىكنى، سىرتقا جىنايى ھەرىكەتلەرنى ۋە بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرىنى قوللايدىغان خاتا سىگنال بەرمەسلىكنى› تەلەپ قىلدى. سىزنىڭ بۇنىڭغا قارىتا جاۋابىڭىز نىمە؟» دېگەن سوئالىغا مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ: «ئىككى ھەپتە ئىلگىرى خىتاينىڭ ئەنگىلىيەدىكى ئەلچىلىرى ماڭا دەل شۇنداق دېدى، مەندىن ئىلھام توختىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىشتىن ۋاز كېچىشىمنى تەلەپ قىلدى. مېنىڭ جاۋابىم بولسا: ‹ئىلھام توختى پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئىتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغدىغان، پەقەتلا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تىنچ ئارىلىشىپ ياشىشىنى تەرغىپ قىلغان بىرسى. بىز ئۇنىڭدا ھېچقانداق بىر شەكىلدىكى تېرورىزىم ياكى بۆلگۈنچىلىكنى كۆرمىدۇق. ئۇ ئۇيغۇرلارنى قوغداپلا قالماي، خىتايلارنىڭمۇ ئەقەللى كىشىلىك ھەق-ھوقۇقىنى قوغدىغان.»

باننىيون يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئىلھام توختىنى ‹ساخاروف مۇكاپاتى› غا نامزات كۆرسىتىشىمدىكى سەۋەب خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسىرى قەبىھلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمىز ئۈچۈندۇر. يالغۇز شىنجاڭدىلا خىتاي دائىرىلىرى 1 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ‹قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرى› گە سولىۋالدى، بۇنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادا مىسالى تېپىلمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن مەن ياۋروپا پارلامېنتىنى بۇ ئىشقا ئەڭ قاتتىق ئىنكاس قايتۇرىشى كېرەك، دەپ قارايمەن. مەنچە، بۇ بۇ ئەڭ قاتتىق ئىنكاس، يەنى ‹ساخاروف مۇكاپاتى› نى ئىلھام توختىغا بېرىشتۇر. ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ باراۋەرلىك ئىچىدە بىرگە ياشىشىنى قوللىغان. شۇڭا بىزنىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرىگە جازا لاگېرلىرىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ دەپ قارىمايدىغانلىقىمىزنى ئوچۇق بىلدۈرۈپ قويۇشىمىز زۆرۈردۇر.» 

«ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، فرانسىيەدىكى خىتايشۇناس مارى ھولىزمان خانىم 24-ئۆكتەبىر مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۈرەشنىڭ مۇكەممەل بىر نەتىجىسى. ئىلھام توختى ئىلگىرى ‹مارتىن ئاننالس مۇكاپاتى› غا ئوخشاش داڭلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئەمما بۇ قېتىمقى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ‹ساخاروف مۇكاپاتى› نىڭ ئۇنىڭغا بېرىلىشى تېخىمۇ چوڭقۇر مەنىگە ئىگە. بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ يەنە ئىلھام توختىغا ئوخشاش تىنچلىقپەرۋەر بىر ئالىمنىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپلا قالماستىن، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى تۇتقۇن قىلىنغان ئاشۇ ئۇيغۇرلارنى، تۇتقۇن قىلىنغان نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى، يەنە ئاشۇ كۈرەش قىلىۋاتقان خوڭكوڭلۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا ئىلھام توختىغا بېرىلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مۇكاپاتى بىزگە زور تەسەللىي بولدى.»

لھام توختىغا بېرىلگەن «ساخاروف مۇكاپاتى» كۆپلىگەن ئاخبارات خەۋەرلىرىدە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى ئىنكاسى سۈپىتىدە بايان قىلىنماقتا. مۇھاجىرەتتىكى بەزى ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشاش چۈشەنچىلەردە بولۇۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلىشماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ياۋروپا پارلامېنتى 2018-يىلى 4-ئۆكتەبىردە جازا لاگېرلىرىغا قارشى 15 ماددىلىق قارار قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى غەيرىي ئىنسانىي سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. شۇندىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكاغا ئوخشاش جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى جىددىي كۈنتەرتىپتە تۇتالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەسئۇللىرى خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەت ۋە دىيالوگلىرىدا بۇ مەسىلىنى تىلغا ئېلىپ كەلدى. نۆۋەتتە خىتاي ھاكىمىيىتى مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى قاماپ قىيناۋاتقان جازا لاگېرلىرىنى خەلقئاراغا پەردازلاپ كۆرسىتىپ، ئۇنى ‹قايتا تەربىيىلەش مەركىزى› دەپ ئاتىماقتا. مۇشۇنداق بىر چاغدا بۇ يىل 30-سىنتەبىر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا ‹ۋاسلاۋ خاۋېل ئەركىنلىك مۇكاپاتى› نىڭ بېرىلىشى، ئارقىدىنلا 24-ئۆكتەبىر يەنە ‹ساخاروف مۇكاپاتى› نىڭ بېرىلىشىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى ئىنكاسى، دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. چۈنكى ستراسبۇرگدا تۆنۈگۈن بۇ مۇكاپاتنىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ‹ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش› تەلەپ قىلىندى. يەنى ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا ‹سەن بىلەن بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىز ھەرگىز ئوخشىمايدۇ، سەن تۈرمىگە سولىغان ئەركىنلىك جەڭچىلىرىنى بىز مۇكاپاتلايمىز، سېنىڭ يولغا قويغان جازا لاگېرلىرى سىياسىتىڭنى بىز ئېتىراپ قىلمايمىز، بىز ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە دىققەت قىلىۋاتىمىز، › دېگەن سىگنالنى بېرىۋاتىدۇ، دەپ قارايمەن.»

مەركىزى تۈركىيەدە بولغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 24-ئۆكتەبىر كۈنى ئىلھام توختىنىڭ «ساخاروف مۇكاپاتى» غا نائىل بولغانلىقىنى تەبرىكلەپ ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان بولۇپ، ئاكادېمىيە مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا: «بۇ مۇكاپات ياۋروپا بىرلىكىدىن خىتاي مۇستەبىت ھۆكۈمىتىگە قارىتا بىر سىگنال،» دېگەننى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.