ئۇيغۇر تەتقىقاتى بويىچە خەلقئارالىق ئەڭ يېڭى ئىلمىي توپلام- «ئىجىتىمائىي توپلۇق يەنىلا مۇھىم»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2022.08.25
ئۇيغۇر تەتقىقاتى بويىچە خەلقئارالىق ئەڭ يېڭى ئىلمىي توپلام- «ئىجىتىمائىي توپلۇق يەنىلا مۇھىم»
Photo: RFA

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر تەتقىقاتى بويىچە خەلقئارادىكى ئىلمىي تەتقىقاتلارمۇ بارغانسېرى جانلانماقتا. بۇ يىل 7-ئايدا ياۋروپادىكى ئىلمىي ئەسەرلەرنى نەشىر قىلىدىغان داڭلىق نەشرىيات نىئاس نەشرىياتى (NIAS) تەرىپىدىن ئىنگىلىز تىلىدا نەشىر قىلىنغان «ئىجتىمائىي توپلۇق يەنىلا مۇھىم: ئوتتۇرا ئاسىيا مۇھىتىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە جەمئىيىتى» (Community Still Matters: Uyghur Culture and Society in Central Asian Context) ناملىق كىتاب دەل شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

مەزكۇر كىتاب كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن پروفېسسورى ئىلدىكو بەللېر-خان (Ildiko Beller-Hann) نىڭ ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدىكى مول مەزمۇنلۇق تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ئۇنىڭ نامىغا بېغىشلانغان. شۇ ۋەجىدىن مەزكۇر كىتابنىڭ نامى ئىلدىكو بەللېر-خاننىڭ «ئىجتىمائىي توپلۇق» (Community Matters) ناملىق ئۇيغۇر تەتقىقاتىدىكى مۇھىم ئەسىرىنىڭ نامىدىن ئېلىنغان.

مەزكۇر كىتاب، بېرلىن دۆلەت كۇتۇپخانىسىنىڭ خادىمى دوكتور ئايسىما مىرسۇلتان، جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى ئېرىك شلۇسسېل ۋە ۋاشىنگتوندىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى دوكتور ئەسەت سۇلايمان قاتارلىقلار تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ھەمدە بىرلىكتە تەھرىرلىنىپ نەشىرگە سۇنۇلغان.

مەزكۇر ئىلمىي توپلامغا ئۇيغۇر تەتتقىقاتى بويىچە خەلقئارادا تونۇلغان ياش ۋە ئوتتۇرا ياش تەتقىقاتچىلاردىن دېيۋىد بروفى، راچېل ھاررېس، فرېدرىك فولمان، ئابلەت كامالوف، جوشۇئا فرىمان، جۇن سۇگاۋارا، جۇئاننې سىمىس-فىنلېي قاتارلىق 20 گە يېقىن تەتقىقاتچىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە تىل-يېزىقىغا ئائىت ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى كىرگۈزۈلگەن.

مەزكۇر ئىلمىي توپلامدىن ئورۇن ئالغان ماقالىلەر تېما ئېتىبارى بويىچە، ئۇيغۇر يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخى، ئىجتىمائىي مەدەنىيىتى، تارىخىي شەخسلەر ۋە ئايال قەھرىمانلار، قوليازما-ۋەسىقىلەر، فولكلور ۋە ئۆرپ-ئادەتلەر، 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى قاتارلىق كەڭ ساھەلەرگە بېغىشلانغان. ئىلمىي ساھەدىكىلەرنىڭ باھالىرىغا قارىغاندا، بۇ ئىلمىي توپلامنى نۆۋەتتە ئۇيغۇر تەتقىقاتى بويىچە خەلقئارادا يورۇقلۇققا چىققان ئەڭ يېڭى ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ جۇغلانمىسى، دېيىشكە بولىدىكەن.

بىز بۇ ئىلمىي توپلام ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن مەزكۇر كىتابنىڭ تۈزگۈچىلىرىدىن ئايسىما مىرسۇلتان خانىم ۋە ئېرىك شلۇسسېل ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.