«ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى دەيۋىد رەنى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلمىغان»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.04.17
meschit-qulup-jame-lozunka-teshwiqat توكسىكلىت مىنگەن ئىككىيلەن «پارتىيەنى سۆيەيلى، ۋەتەننى سۆيەيلى» دېگەن لوزۇنغا ئېسىلغان، قۇلۇپ سېلىنغان مەسچىتنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 13-ئىيۇل، قەشقەر
AFP

بۇ يىلى رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ۋە روزا ھېيتتا، «ئىقتىسادشۇناس» (Economist) ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى دەيۋىد رەنى (David Rennie) ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ، ئۈرۈمچى ۋە تۇرپاننى زىيارەت قىلغان. ئۈرۈمچى ۋە تۇرپاندا كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىننى ھاياتى توغرۇلۇق «ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتېئىزمنى تەرغىب قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەسچىتلەرنىڭ قۇلۇپلانغانلىقىنى، بەزى مەسچىتلەرنىڭ مۇزېيغا ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ۋە روزا تۇتۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغان ئالغان.

 دەيۋىد رەنى ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۈرۈمچى ۋە تۇرپان زىيارىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرىغان دىنىي ھاياتى توغرۇلۇق بىزگە تەپسىلىي ۋە مۇھىم ئۆچۈر بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەن ‹ئىقتىسادشۇناس› ژۇرنىلىغا ئوبزور يازىمەن. مەن خىتايدا تۇرۇشلۇق چەتئەللىك بىر مۇخبىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن شىنجاڭنى زىيارەت قىلىپ بىر دوكلات يېزىشنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ، رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ۋە روزا ھېيتتا شىنجاڭغا باردىم. ئۈرۈمچى ۋە تۇرپاننى زىيارەت قىلدىم. مەن كۆرگەنلىرىمنى ‹ئىقتىسادشۇناس› ژۇرنىلى ئۈچۈن يازدىم ۋە بۇ ماقالە مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئوبزور سەھىپىسىدە ئېلان قىلىندى. ژۇرنىلىمىزنىڭ خىتاي توغرۇلۇق ‹چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش› (Jumped Up) ناملىق رەقەملىك ئاۋاز پىروگراممىسى (Podcast) مۇ بار. مەن شىنجاڭدا كۆرگەنلىرىمنى بۇ پىروگرامما ئۈچۈنمۇ تەييارلايمەن. شىنجاڭدا كىشىلەرنىڭ دىنغا ئىشەنمەسلىك ئەركىنلىكى ئالاھىدە قوغدالغان. يەنى كىشىلەرنىڭ دىننى ئېتىقادى پارتىيەنىڭ ئىدىيەسى ۋە سىياسىتىگە ماس كەلسە قوغدىلىدىكەن. لېكىن كىشىلەرنىڭ ئىبادەت قىلىش ئەركىنلىكى قوغدالمايدىكەن. كىشىلەر شىنجاڭدا روزى تۇتالماسلىقتىن نارازى ئىكەن. مەسچىتلەردە پەقەت ياشانغان ئەرلەرنىلا كۆرگىلى بولىدىكەن» .

 «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي، پەلەستىن، مىسىرى ۋە سۈرىيە قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي پارتىيەلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى ئۈرۈمچىدە كۈتۈۋالغاندا قىلغان سۆزىدە، «شىنجاڭ رايونىدىكى ۋەزىيەت ئىناق ۋە مۇقىم، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىندى» دېيىلگەن. ھالبۇكى، دەيۋىد رەنىنىڭ ئوبزورىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى بولغان دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلگەن.

تەتقىقاتچى ۋە پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى دەيۋىد رەنىنىڭ ئىقتىسادشۇناس ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «مەن يېقىندا ۋەتەندىن چىققان 15 ئۇيغۇر بىلەن تەپسىلىي سۆھبەت ئېلى باردىم. بۇ 15 ئۇيغۇرنىڭ دېگەنلىرى بىلەن دەيۋىد رەننىڭ ماقالىدە ئېيتقانلىرى ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇ ۋەتەندىكى دىنىي ھايات توغرۇلۇق توغرا ئۇچۇر بەرگەن».

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى دەيۋىد رەنىنىڭ ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتېئىزمچىلارنى ۋە دىندىن يانغانلارنى قوللاپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان خەلققە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مىنىڭ ئىگىلىشىمچە، ۋەتەندە ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ۋە ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزلىرى خالىمىغان سۆز-ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ» .

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ھېنرىك شاجېۋسكى (Henryk Szadziewski) رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دەيۋىد رەنىنىڭ ماقالىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

 «<ئىقتىسادشۇناس> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدە، بۇ ژۇرنالنىڭ مۇخبىرى رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ۋە روزا ھېيتتا ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى دىننى ھايات ھەققىدە تەپسىلىي ئۈچۈن بەرگەن. يازغۇچى ئۇيغۇر رايونىدىكى دىنىي ئەركىنلىكنىڭ چەكلىنىشىگە بولغان كۈچلۈك تەنقىدىي كۆز قارىشىنى ئىپادىلىگەن. كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق خىتاي دائىرىلىرى دېگەندەك كىشىلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. بىز بىر قانچە يىلدىن بۇيان، (ئۇيغۇر رايونىدىكى) كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچۇرغانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن دوكلات ئېلان قىلدۇق. شۇڭا مېنىڭچە بۇ مۇخبىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يىللاردىن بۇيان خاتىرىلىگەنلىرىنى ۋە ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ئىسپاتلىغان» .

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مايا ۋاڭ (Maya Wang) يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەرىپىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ ماقۇللانغان ۋە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي ئىشلار نىزامى» ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنىڭ ھەقىقىي دىن سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىنغانلىقىنى ۋە بۇ بەلگىلىمىنىڭ نۇرغۇن نۇقتىلىرىدا شى جىنپىڭنىڭ 2016-يىلى يولغا قويغان دىنلارنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئىدىيەسى ئەكس ئەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.