كانادا پارلامېنت ئەزالىرى بىر يېڭى دوكلات تەييارلاپ، كانادا ھۆكۈمىتىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
«تورونتو يۇلتۇزى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 12-مارت كانادا پارلامېنتى تاشقى ئىشلار دائىمىي كومىتېتى ۋە خەلقئارا تەرەققىيات كومىتېتى تەرىپىدىن تەييارلانغان دوكلاتتا، كانادانىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىدىغان خەلقئارالىق ھەمكارلىق شەكىللەندۈرۈپ، مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى تەۋسىيە قىلىنغان.
دوكلاتتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيانكەشلىكلەرگە ئالاقىدار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ماگنېتىسكىي قانۇنى بويىچە جازا بېرىش، خىتاي كانادادىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پاراكەندىچىلىكلەرنى تەكشۈرۈش ۋە تەھدىتكە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ كاناداغا تېزرەك كىرىشىگە ياردەم بېرىش قاتارلىق 15 تەۋسىيە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ دوكلات ئۆتكەن يىلى يازدا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇققا مەسئۇل تاشقى ئىشلار تارماق كومىتېتىغا بېرىلگەن گۇۋاھلىققا ئاساسەن تەييارلانغان. ئۆكتەبىردە تارماق كومىتېتى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان.
ئۇنىڭدىن باشقا كانادا پارلامېنتى بۇ يىل 22-فېۋرال ئورتاق ئاۋاز بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ ئېتىراپ قىلغان ئىدى.