تارىخ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئەسىر ئاتلىغاندىن كېيىنمۇ سوتقا تارتىدۇ

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2024.08.21
Irmgard-Furchner-germaniye-jaza-lager-1024 جازا لاگېرى قوماندانىنىڭ 96 ياشلىق سابىق كاتىپى ئىرمگارد فۇرخنېر (Irmgard Furchner) چاقلىق ئورۇندۇقتا سوتقا چىققان كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 19-ئۆكتەبىر، ئىتزېخو، گېرمانىيە
REUTERS

1939-يىلى ناتسىست گېرمانىيەسى پولشانىڭ دانزىگ رايونىدا «ستۇتخوف» ناملىق بىر جازا لاگېرىنى قۇرغان. گېرمانىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان 1945-يىلىغا قەدەر قىرغىنچىلىق داۋاملاشقان بۇ لاگېردا 65 مىڭ يەھۇدىي، پولشا پارتىزانلىرى ۋە سوۋېت ئەسىرلىرى ئۆلتۈرۈلگەن.

ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن ئىرمگارد فۇرخنېر (Irmgard Furchner) ئىسىملىك بىر گېرمان قىزى ئەينى چاغدا مانا مۇشۇ لاگېردا كاتىپلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. گەرچە ئۇ مەزكۇر لاگېردىكى قىرغىنچىلىقلارغا بىۋاسىتە قاتناشمىغان بولسىمۇ، بۇ قىرغىنچىلىقلارغا قوماندانلىق قىلغان پائۇل ۋېرنېر خوپپې (Paul Werner Hoppe) نىڭ كاتىپى بولغانلىقى ئۈچۈن «دانزىگ جازا لاگېرىدىكى قىرغىنچىلىقتا مەسئۇلىيىتى بار» دەپ قارىلىپ، 2022-يىلى 12-ئايدا ئىتزېخو رايونلۇق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 97 يېشىدا 2 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان. ئىرمگارد فۇرخنېر ئۆزىنىڭ ھېچقانداق بىر جىنايەتكە شېرىك بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالىي سوتقا ئەرز سۇنغان.

2024-يىلى 20-ئاۋغۇست كۈنى گېرمانىيە فېدېراتسىيە ئالىي سوتى ئاخىرقى قارارنى ئېلان قىلىپ، «ئىتزېخو رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكمى كۈچكە ئىگە» دەپ يەكۈن چىقارغان. بۇ خەۋەر گېرمانىيەدىكى بارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى. چۈنكى ئىرمگارد فۇرخنېر ھازىر 99 ياشتا بولۇپ، ئۇنىڭغا بېرىلگەن بۇ جازا تۇنجى قېتىم جازا لاگېرىدا خىزمەت قىلغان ئاددىي بىر پۇقراغا بېرىلگەن جازا بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. سوت ۋە تەپتىش خادىملىرى «ئىرمگارد فۇرخنېر جازا لاگېرىدا ئىشلەتكەن خەت بېسىش ماشىنىسىمۇ قاتىللىقنىڭ قوشۇمچە ماتېرىيالى بولالايدۇ» دەپ قارىغان.

گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «كۈندىلىك گېزىت» نىڭ 20-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «بۇنىڭ خىزمەت فورمىسى بىلەن ئالاقىسى يوق» ناملىق خەۋىرىدە مۇنداق بايان قىلىنغان: «ئىرمگارد فۇرخنېر بۈگۈن 99 ياشتا. ئۇ ئەيىبلەنگەن جىنايەتلەر بۇندىن 80 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن. ئۇ 1943-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە دانزىگ ئەتراپىدىكى ستۇتخوف جازا لاگېرىدا خەت باسقان. باش سوتچى گابرىلى سىرېنېر ھۆكۈم ئېلان قىلىش مۇقەددىمىسىدە كىشىلەر ئارىسىدا مۇنازىرە قوزغاپ ‹شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىنمۇ جىنايەت سۈرۈشتۈرۈلەمدۇ؟› دەپ سوئال قويدى ۋە بۇنىڭغا: ‹قانۇننىڭ جاۋابى ناھايىتى ئېنىق: قاتىللىقنىڭ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ› دەپ جاۋاب بەردى.»

ئۇنداقتا، 2016-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلغان ۋە ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار كۈنلەرنىڭ بىرىدە تارىخنىڭ سوتىغا تارتىلىشى مۇمكىنمۇ؟

بۇ سوئالىمىزغا گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندى «چوقۇم شۇنداق بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دۇنيا تارىخىدا ئەسىرلەر ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنىڭمۇ سورىقى قىلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر مىساللارنى كۆپلەپ ئۇچراتقىلى بولىدىكەن.

«سۈرەتلەر گېزىتى» 20-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «ئەرز مەغلۇپ بولدى، فېدېراتسىيە ئالىي سوتى جازا لاگېرىنىڭ كاتىپى ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈمنى تەستىقلىدى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئىرمگارد فۇرخنېر 10 مىڭ 505 قاتىللىق دېلوسىغا چېتىلىپ ئەيىبلەنگەن. بىراق ھازىر 99 ياشقا كىرگەن بۇ ئايال، جىنايەت سادىر بولغان دەۋردە ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن بىر قىز بولغانلىقى ھەمدە ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ ئەمەلىي جىنايىتىگە دائىر ھېچقانداق دەلىل تېپىلمىغانلىقى ئۈچۈن 2 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.

نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا مەسئۇلىيىتى بولغانلار ھامان بىر كۈنى تارىخنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىكەن. ئۇ سۆزىدە، ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ كېلەچەكتىكى سوت ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دائىر مەلۇماتلارنى ئارخىپلاشتۇرۇپ مېڭىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

 «دۇنيا گېزىتى» 20-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «فېدېراتسىيە ئالىي سوتى سابىق جازا لاگېرى كاتىپى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلدى» ناملىق خەۋەردە شەرھلىنىشىچە، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ناتسىستلارنىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى قىرغىنچىلىقلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى بولغان نۇرغۇنلىغان ئىنسانلار سوتلىنىپ كەلگەن. بىراق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەينى چاغلاردىكى قىرغىنچىلىقلار بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن ماددىي ۋە مەنىۋى تەرەپلەردىن بۇ قىرغىنچىلىقلارغا ھەسسە قوشقانلارمۇ تەكشۈرۈلۈپ سوتلىنىپ كەلمەكتىكەن. ئىرمگارد فۇرخنېر جازا لاگېرىدىكى ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ كاتىپى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ جىنايەتلەرگە شېرىك ھېسابلانغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.