ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار نامايىش ئېلىپ باردى

ئىستانبۇلدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەييارلىدى
2024.07.07
istanbul-5-iyul-namayish-17

5-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىغا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-5-iyul-namayish-16

5-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىغا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-5-iyul-namayish-15

5-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىغا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-5-iyul-namayish-14

5-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىغا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-5-iyul-namayish-13

5-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىغا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-5-iyul-namayish-12

5-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىغا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-5-iyul-namayish-10

5-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىغا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-5-iyul-namayish-09

5-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىغا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-5-iyul-namayish-08

5-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىغا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-5-iyul-namayish-02

5-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىغا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-5-iyul-namayish-06

5-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىغا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، ئىستانبۇل RFA/Arslan

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى. نامايىشقا ھەر قايسى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، ئەزالىرى، ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. نامايىشقا يەنە تۈركىيەنىڭ سامسۇن شەھىرىدىكى ئىلىم ۋە تەپەككۇر تەتقىقاتلىرى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى دىنى ئالىم ئېھسان شەنئوجاق ئەپەندى ئۆزىنىڭ 100 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى بىلەن ئىستانبۇلغا كېلىپ نامايىشنى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى.

نامايىشقا كۆپ ساندا ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى قاتنىشىشتىن سىرت يەنە تۈركىيەنىڭ ئاتاقلىق دىنى ئالىمى، تەتقىقاتچى مۇھەممەد ئىمىن يىلدىرىم، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى، ئالپەرەن ئوجاقلىرى تەشكىلاتى، ئۈلكۇ ئوجاقلىرى قاتارلىق تەشكىلات ۋە ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنى قوللىدى.

قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە تۈرك بايرىقىنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار بىردەك، «ئىشغالچى قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت! » ، «شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركىستان! » دېگەندەك شوئارلار توۋلىدى.

نامايىش جەريانىدا تۈرك ساقچىلىرى خىتاي كونسۇلخانىسىغا بارىدىغان كوچىنىڭ ئېغىزىغا توساق قۇرۇپ ھېچ كىمنىڭ ئۆتىشىگە رۇخسەت قىلمىدى، نامايىشچىلار ئۆتەلمەي دېڭىز ساھىلىدىكى چوڭ يول بويىدا نامايىشنى داۋام قىلدى. نامايىش جەريانىدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەتكەن بولسىمۇ بىراق نامايىشچىلار يامغۇرغا پەرۋا قىلماستىن نامايىشنى داۋاملاشتۇردى.

نامايىش جەريانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا تۈركىيە ئانادولىيە ئاگېنتلىقى، دېمىرئۆرەن خەۋەر ئاگېنتلىقى قاتارلىق چوڭ ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشقان بولۇپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا نامايىشچىلارغا ۋاكالىتەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئوقۇپ ئۆتتى.

ئۇ سۆزىدە، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى توغرىسىدا توختالدى ۋە خىتاينىڭ قانلىق باستۇرۇشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن، مىڭلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە تۈمەنلىگەن كىشى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئازابلىق قىرغىنچىلىقنىڭ 15 يىللىقىدا يەنە بىر قېتىم جەم بولدۇق. بۇنىڭدىن 15 يىل ئىلگىرى، يەنى 6-ئاينىڭ26-كۈنى، ئىشغالچى خىتاينىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدىكى بىر ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان ئۇيغۇر ئىشچىلىرىغا قارىتىلغان ئىرقچى خىتايلارنىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە، نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە يۈزلىگەن كىشى يارىلانغان. ساقچىلار ھۇجۇمچى خىتايلارغا قارشى تۇرماستىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنى قولغا ئالدى. بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى خەلق ئارىسىدا نارازىلىق پەيدا بولغان بولۇپ، تۈمەنلىگەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى 5-ئىيۇل كۈنى تىنچلىق بىلەن ئادالەت تەلەپ قىلىپ نامايىش باشلىدى. بۇ نامايىشچىلارغا قارشى ئىشغالچى خىتاينىڭ قوراللىق ساقچى قىسىملىرى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ ئىشلىتىپ قارا قويۇق ئوق ئېتىپ نامايىشنى قانلىق باستۇردى».

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلاردىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «بىز خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇنيا جامائىتىگە ھەقلىق تەلەپلىرىمىزنى بىلدۈرۈپ شۇنى خىتاب قىلىمىزكى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەت بارلىق دۆلەتلەر ۋە ب د ت ئومۇمىي مەجلىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى، كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىتابنامىسىدىكى زۆرۈر جازالار يولغا قويۇلۇشى كېرەك. ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىشغالىيەتنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەقلىق كۈرەشلىرىنىڭ نەتىجىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن، بۇ كۈرەشنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى قوبۇل قىلىش ۋە قوللاش كېرەك. بۇ نىشاننىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن، ب د ت دا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى تۇرغۇزۇلۇشى ۋە يىغىنلارغا قاتنىشىش يولىنى ئېچىۋېتىشى كېرەك» .

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان ئىلىم ۋە تەپەككۇر تەتقىقاتلىرى ۋەخپىنىڭ رەئىسى دىنى ئالىم دوكتور ئېھسان شەنئوجاق ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «غەززەدە بىر كىم شېھىت بولسا شۇ ھامان خەۋىرىمىز بولىدۇ، ئەمما خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى چەمبەرچاس قورشاۋ ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ يەردىكى پەريادلار، زۇلۇم ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن ھېچ قانداق خەۋىرىمىز بولمايۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىم ھېيت بايراملاردىمۇ ئۇ يەردىكى ئاتا-ئانىلىرىغا تېلېفون قىلالمايدۇ، ئۇلارنىڭ شېھىتلىك خەۋىرىنى بەلكى ئايلار بەلكى يىللاردىن كېيىن بىلەلەيدۇ» .

دىنى ئالىم تەتقىقاتچى مۇھەممەد ئەمىن يىلدىرىم خىتاي زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش ۋە خىتاي زۇلۇمىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، بۇنىڭدىن 15 يىل ئىلگىرى، يەنى 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئادالەت تەلەپ قىلىپ تىنچلىق بىلەن نامايىش ئېلىپ بارغان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلۇشقا ئۇچرىغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.