5-ئاينىڭ 24-كۈنى تۈركىيەدە روزا ھېيت بايرىمى باشلانغانلىقى ئېلان قىلىندى، بىراق كورۇنا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەسچىتلەردە روزا ھېيت نامىزى ئوقۇلمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلىندى ۋە 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە كىشىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشىغا چەكلىمە قويۇلدى.
روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەپ تەبرىكنامە ئېلان قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تەبرىكنامىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ھەممىڭلارنىڭ روزا ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن! ، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىسلام ئالىمى ۋە زۇلۇم ئاستىدا ئىڭراۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىمىزنىڭ روزا ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن. رامزان ئېيىدا ئېلىپ بارغان پۈتكۈل ئەمەل-ئىبادەتلەر جانابىي ئاللانىڭ نەزلىدە قوبۇل بولسۇن».
تەبرىكنامىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىرۇس سەۋەبىدىن بۇ ھېيتتا گەرچە بىر-بىرى بىلەن قول ئېلىشىپ، قۇچاقلىشىپ ھېيت-بايرامنى تەبرىكلىيەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن روھى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ دوستلۇق، قېرىنداشلىق، سەپداشلىق رىشتىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بىر-بىرى بىلەن تېلېفون ۋە ۋىدېيولۇق كۆرۈشۈش ئارقىلىق روزا ھېيتنى خۇشال كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىلغان. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان مەزكۇر تەبرىكنامىسىنىڭ ئاخىرىدا «يەنە بىر قېتىم پۈتكۈل قېرىنداشلىرىمىزنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەيمىز. ھېيتنى ئائىلە-پەرزەنتلەر بىلەن خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشكە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز» دەپ خىتاب قىلغان.
ئادەتتە ئۇيغۇرلار باشقا مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش روزا ھېيتتا بىر-بىرى بىلەن قول ئېلىشىپ، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ روزا ھېيتنى تەبرىكلىشەتتى. بۇ يىل ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ؟ ئۆتكەن يىلدىكىگە قارىغاندا قانداق ئوخشاشماسلىق پەرقلەر مەۋجۇت بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بىز شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل كورۇنا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئىنسانلار ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتتە قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەسلىك، بىر-بىرىدىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدا دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيەلىرى ۋە ھۆكۈمەت تەرەپتىن سىرتقا چىقىش چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن روزا ھېيتنى ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولماقتا.
بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ھەر يىلى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيتتا ئۆز-ئارا بىر-بىرلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ پەتىلەپ، ياكى بىر يەرگە جەم بولۇپ ھېيتنى تەبرىكلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرىنى جانلاندۇرۇشتا ياخشى رول ئويناپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما بۇ يىل كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتنى ئۆيدە ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، روزا ھېيت ھارپىسىدا تۈركىيەدە تۆت كۈنلۈك سىرتقا چىقىش چەكلەنگەن بىر ۋەزىيەتتە بولسىمۇ يەنىلا ئۆز-ئارا تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئارقىلىق كۆرۈشۈپ ھېيتنى تەبرىكلەش تېخىمۇ جۇشقۇن بىر شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، بۇ يىل روزا ھېيتنى ئاساسلىقى ئۆيدە ئولتۇرۇپ تەبرىكلەشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى، بۇنىڭغا خىتايدىن چىققان كورونا ۋىرۇسىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى، پۈتكۈل دۇنيانىڭ ھازىر خىتاي ۋىرۇسىغا ئەسىر بولۇپ ئۇنىڭ تەسىرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ۋە ۋىرۇسنىڭ جاۋابكارلىقى خىتاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ: «ئىنسانلارنىڭ روزا ھېيتتا مەسچىتكە بېرىپ ناماز ئوقۇيالماسلىقنىڭ سەۋەبىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشىمىز كېرەك»، دېدى.
روزا ھېيت توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇسالام ئالىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، روزا ھېيتنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەپ ۋىدېيولۇق تەبرىكنامە ئېلان قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ روزا ھېيت تەبرىكنامىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ كۈنلەردە شەرقىي تۈركىستاندا خەلقىمىز ئېغىر مۇسىبەت ئىچىدە، رامزاندا روزا ئىبادىتىدىن مەھرۇم، بارلىق ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم ياشىماقتا. چەتئەللەردىمۇ خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۆيلەردە كارانتىنغا كىرىپ قالدۇق، نامازلارنىمۇ ئۆيلىرىمىزدە ئوقۇشقا مەجبۇر بولدۇق. ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەنلەرگە ئاللا رەھمەت قىلسۇن، يۇقۇملانغانلارغا شىفا ئاتا قىلسۇن. بىزلەر ئۈچۈن ھېيت-بايراملارمۇ يوق، شۇنداقتىمۇ ئاللانىڭ مەرھەمىتى بولغان روزا ھېيت بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. ئاللا خەلقىمىز ئۈستىدىكى زۇلۇملارنى تىز پۇرسەتتە كۆتۈرۈۋەتسۇن، ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرسۇن، بارچىمىزنى ۋىرۇس بالاسىدىن ساقلىسۇن، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار بولۇپ قالسا تېز شىپالىق بەرسۇن، ئامىن»
0:00 / 0:00